ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئىككى بايرام مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى قىزىپ كەتتى

ساياھەتچىلەر سانى ۋە ساياھەت ئىستېمالىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى

2017.10.11 12:33 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جيا چۈنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت بايرىمى ۋە تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن 8 مىليون 477 مىڭ 200 ساياھەتچى(قېتىم)نى كۈتۈۋالغان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت ئىچى ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 11 مىليارد 262 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ساياھەتچىلەر سانى ۋە ساياھەت ئىستېمالى ئومۇمىي سوممىسىدا تارىختىكى يېڭى سەۋىيە يارىتىلغان.

  ئىككى بايرام مەزگىلىدە بوغدا كۆلىنىڭ ھاۋاسى يېقىشلىق، ساپ، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، ساياھەتچىلەر كۆل مەنزىرىسىدىن زوقلىنىپ، يان تېلېفون، فوتو ئاپپاراتلىرىدا گۈزەل مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتتى. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 9- كۈنىگىچە بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا ساياھەتكە كەلگەنلەر 59 مىڭ 599غا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.69 كۆپەيگەن؛ ساياھەتتىن قىلىنغان ئىقتىسادىي كىرىم 35 مىليون 759 مىڭ 400 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.6 ئاشقان.

  ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە كىرىمنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت ئىستېمالىدا خاس، ئۆزگىچە، سۈپەتلىك، كۆپ خىل بولۇشتەك ئالاھىدىلىك بارلىققا كەلدى، ئارام ساياھىتى قاتارلىق يېڭى ساياھەت كەسىپلىرى راۋاجلىنىپ، ئۇزۇن لىنىيەلىك ساياھەت قىلىش ۋە قونۇپ ساياھەت قىلىش ئالقىشقا ئېرىشتى. ئائىلە بويىچە ساياھەتكە چىقىش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بايرامنى قۇتلۇقلاشتىكى يېڭى ئۇسۇلىغا ئايلاندى، مەدەنىيەت بىلەن تونۇشۇش، ساياھەت مۇلازىمىتى، ئارام ساياھىتى قاتارلىق كۆپ خىل ساياھەتچىلىك مۇجەسسەملەنگەن ساياھەت بازىرى ۋە سەھرا ئارامگاھىغا ئوخشاش يېڭىچە ساياھەت ئورۇنلىرى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

  بايرامدىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى ئوخشىمىغان ئىستېمال ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سەھرا ساياھىتى، ئېكولوگىيە ساياھىتى، تاللا ساياھەت ۋە ئاپتوموبىل ساياھىتى، شەھەر ئەتراپى ساياھىتى قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرىنى قاراتمىلىق ھالدا تونۇشتۇرۇپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتتى. ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيەسى «ھەممىنى كۆتۈرە ئېلىش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، تاماق، ياتاقنى كۆتۈرۈش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى، دولان ئۇسسۇلى كۆرۈش، ئېسىل نازۇ- نېمەتلەرنى تېتىش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى، مىللىيچە يېمەك- ئىچمەكتىن بەھرىمەن بولۇش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى قاتارلىق ئۈچ خىل ساياھەت مۇلازىمىتى تۈرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

  ئاپتوموبىل ساياھىتى داۋاملىق جانلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەخسىي ئاپتوموبىلنىڭ تېز كۆپىيىشى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ۋە بايرام مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئاپتوموبىللاردىن ھەق ئېلىشنى بىكار قىلىشقا ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل ساياھىتى داۋاملىق جانلاندى. «ساياھەت + » ئەندىزىسى ساياھەتنىڭ يېڭى ئېقىمى بولۇپ قالدى، مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار قاتارلىق تور يېڭى تاراتقۇلىرى شىنجاڭنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان ۋاسىتىگە ئايلاندى. توردا مېھمانخانا، ئايروپىلان ۋە پويىز بېلىتى، ساياھەت تۈرلىرىنى زاكاز قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر