ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

كۈنسېرى يۈكسىلىۋاتقان ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا نەزەر

ئاقسۇ ۋىلايىتى: مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە

مۇخبىرىمىز گەي يۇجۈن، گېزىتىمىزنىڭ ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن رېن خۇڭفاڭ

2017.10.11 12:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    ئاقسۇ دولان دەرياسىدىن كۆرۈنۈش
  شەھەر- يېزىلارنىڭ قىياپىتى ئۆزگەردى، كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلدى، مۇھىت ياخشىلاندى، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى... ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېقىنقى بەش يىللىق نەتىجىلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ياخشى نەتىجىلەر كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك تەرەققىياتلاردا تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

  بۇ بەش يىل ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان، شەھەر- يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ بولغان، ئامما ئېرىشكەن ئەمەلىي نەپ ئەڭ كۆپ بولغان بەش يىل بولدى.


    خاس كەسىپلەر تېز تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى

  ئاقسۇ ۋىلايىتى ئەۋزەل پاختا بايلىقىغا ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى مەركىزىي رايون بولۇشتەك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپى ئارقىلىق مىليون كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىپ، كەسىپلەر توپلانغان رايون قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر شەھەر، ئۈچ سانائەت رايونى» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى. ئاقسۇ ۋىلايىتى 2014- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىدە 13 مىليارد 900 مىليون يۈەن مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى تاماملاپ، يىپ ئېگىرىدىغان 2 مىليون 100 مىڭ ئۇرچۇق، 33 مىليون يۈرۈش ئائىلىۋى كىيىم تىكىش ماشىنىسى، 2860 توقۇمىچىلىق ماشىنىسى، 1720 پايپاق توقۇش ماشىنىسىنى ئورنىتىپ، 7 مىليارد 244 مىليون يۈەن سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى، 1 مىليارد 478 مىليون يۈەن سانائەت قوشۇلما قىممىتى يارىتىپ، 36 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  ھازىر ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئابۇنىچىسى 500 مىڭ كىشىدىن، جانلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا دۇكىنى (تاۋباۋ تور دۇكىنى) 3000دىن، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئومۇمىي سوممىسى 2 مىليارد 870 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

    ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېشىل سېپىل بەرپا قىلىندى

  ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئاقسۇ شەھىرىدىن شىمالغا قاراپ ماڭغاندا يولنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى بىپايان ئورمانلىق كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ، بۇ يەر داڭلىق كۆكيار يولى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ئورنى. ھالبۇكى، 30 يىل ئىلگىرى، بۇ يەر چەكسىز قاقاسلىق بولۇپ، تۇپرىقى ئۈنۈمسىز، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر شالاڭ ئىدى.

  ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئامما 1986- يىلىدىن باشلاپ چەكسىز قاقاسلىقلاردا كۆچەت تىكىپ، ئورمان ئەھيا قىلىش قۇرۇلۇشى − كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، «كۆكيار روھى»نى بارلىققا كەلتۈردى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە 2015- يىلى «كۆكيار روھى»دا چىڭ تۇرۇپ، ئاقسۇ دەرياسى ۋادىسى، ئۆگەن دەرياسى ۋادىسىدىن ئىبارەت 2 مىليون مولۇق ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، يىرىك پىلاندىكى كۆلەم 2 مىليون 337 مىڭ 900 مو بولۇپ، سۈنئىي ئورمان ئەھيا قىلىش، چېكىنىپ كەتكەن ئورمانلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قۇملۇقنى دائىرىلەپ، دەل- دەرەخ ئۆستۈرۈشنى يولغا قويدى. بۇ كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدىن كېيىن يولغا قويۇلغان ئاقسۇنىڭ ئېكولوگىيە مۇھىتىنى ياخشىلاشتىكى يەنە بىر يېڭى تەدبىر بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.

  تۈر رايونىدا ھازىر تاماملانغان ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى كۆلىمى 1 مىليون 480 مىڭ مو بولۇپ، يىرىك پىلاندىكى ئومۇمىي كۆلەمنىڭ %63ى ئورۇندىلىپ، كۆكيارنىڭ 30 يىللىق كۆكەرتىش كۆلىمى(208 مىڭ مو)نىڭ 7.4 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلگىرى- كېيىن 9 مىليون 123 مىڭ 100 ئادەم (قېتىم ) تەشكىللەپ، چوڭ كۆلەملىك كۆكەرتىش- ئورمان ئەھيا قىلىش بىرلەشمە جېڭى قىلىپ، 5 مىليون 930 مىڭ مو ئورمان ئەھيا قىلىپ، 845 مىڭ مو ئورماننى پەرۋىش قىلىپ، 850 مىڭ 50 مو قۇملاشقان يەرنى دائىرىلەپ قوغداپ، ئاقسۇ زېمىنىدا ئىستېرېئولۇق يېشىل توسۇق بەرپا قىلدى.

    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى

  ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غورۇچۆل بازىرى لايداڭ كەنتى 1972- يىلى قۇرۇلغان، كەنت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇدىن ئىبارەت ئۈچ مىللەت، 69 ئائىلىلىك بار ئىدى، كېيىن كەنتتىكى كۆپلىگەن ياش سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، باشقا مىللەتتىن ئۆيلىنىپ قايتىپ كەلدى، نۇرغۇن كىشى بۇ كەنتتىكىلەرنىڭ قوشنىلار ئارا ناھايىتى ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئارقا- ئارقىدىن بۇ كەنتكە كېلىپ ماكانلاشتى. ھازىر لايداڭ كەنتىدە 268 ئائىلە بار، مىللەتلەر دەسلەپكى ئۈچ مىللەتتىن ھازىرقى خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، زاڭزۇ، دۇڭشياڭ، باۋئەن، تۇجيا، سالادىن ئىبارەت سەككىز مىللەتكە يەتتى. 45 يىلدىن بۇيان، بۇ ئىناق كەنتتە ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتمەكتە.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى جەريانىدا ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 70 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى ئاساسىي قاتلامدىكى 80 مىڭدىن ئارتۇق ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى، ئۇلار سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرۈش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش، پەن- تېخنىكا بىلىملىرىنى يەتكۈزۈش، ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»تىكى ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتتى، تەربىيە ئالغان ئامما 300 مىڭ ئادەم ( قېتىم)دىن ئاشتى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى خىزمەتچىلەر قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان ئائىلىنىڭ بېيىش يولىنى توغرا تېپىشىغا ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە خىزمەت، ئۆگىنىش جەريانىدا دوستلۇقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

    خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن ئامما تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتى

  بىرەر ماھارىتى، بېيىش ئىقتىدارى بولماسلىق دەل شەھەر- يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە بېيىپ تەرەققىي قىلىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم ئامىل. بۇ بەش يىلدا ئاقسۇ ۋىلايىتى تۈرلۈك ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ماھارەت ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ياخشى تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويدى.

  يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى 384 مىڭ كىشىنى ماھارەت ئىگىلەش بويىچە تەربىيەلىدى. 15 مىڭ 816 كىشى ئىگىلىك تىكلىدى، 152 مىڭ كىشى شەھەر- بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىدىن 400 مىڭ ئادەم (قېتىم)نى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى بويىچە جەمئىي 193 مىڭ 300 يۈرۈش ئۆي سالدى، بۇنىڭغا جەمئىي 13 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، 800 مىڭ ئامما يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 1859نى يولغا قويۇپ، 63 مىليارد 550 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، مائارىپ، داۋالاش، قاتناش، تۇرالغۇ ئەسلىھەلىرىنىڭ شارائىتىنى داۋاملىق ياخشىلىدى، ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. بۇ يىل، ئاقسۇ ۋىلايىتى «توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا يەسلىسى، يېزا تاشيولى، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ۋە كاپالەتلىك تۇرالغۇ قاتارلىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  سانلىق مەلۇماتلاردىن بەش يىللىق تەرەققىياتقا نەزەر

  رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى

  2016- يىلى 58 مىليارد 110 مىليون يۈەن

  2012- يىلى 43 مىليارد 219 مىليون يۈەن

  تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى

  2016- يىلى 67 مىليارد 205 مىليون يۈەن

  2012- يىلى 41 مىليارد 691 مىليون يۈەن

  يەرلىك مالىيەنىڭ جامائەت خامچوت كىرىمى

  2016- يىلى 8 مىليارد 484 مىليون يۈەن

  2012- يىلى 7 مىليارد 217 مىليون يۈەن

  شەھەر- بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى

  2016- يىلى 26 مىڭ 98 يۈەن

  2012- يىلى 18 مىڭ 209 يۈەن

  دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى

  2016- يىلى 12 مىڭ 626 يۈەن

  2012- يىلى 8266 يۈەن
    سۈرەتتە: توقۇمىچىلىق ئىشچىسى ئاقسۇ «جۇيىڭ» پاختىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىشلىمەكتە.
    باغۋەنچىلىك- ئورمانچىلىق ئاقسۇدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى تاشيول قاتناش ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشقان تاشيول تورىنى شەكىللەندۈردى. (بۇ بەتتىكى سۈرەتلەرنى ليۇ جيەنجاڭ تارتقان)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر