ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

داۋاملىق تىرىشىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2017.10.10 17:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. 4- قېتىملىق «دۆلەت نامراتلارنى يۆلەش كۈنى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سوتسىيالىزم ئەجىر ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىققان. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قاتتىق جەڭلەر ئىچىدىكى ئەڭ قاتتىق جەڭ، چوقۇم ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتكۈل جەمئىيەت داۋاملىق تىرىشىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندا، خەلق بەخت- سائادەتكە ئېرىشىدۇ، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىمۇ دەل شۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 2020- يىلىغا بارغاندا ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدا تەنتەنىلىك ۋەدە بەردى. جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردى، نامرات رايونلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ ۋە ئۆزىگە تايىنىپ، جاپالىق ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتكۈل جەمئىيەت نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا زور بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلار مەيدانغا كەلدى، «مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مۇكاپاتى»نىڭ ساھىبلىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىلغار ۋەكىللەردۇر. ئۇلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىش، ئېغىر مەجبۇرىيەتلەرنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئىشەنچنى مۇستەھكەملەشكە، پائال ھەرىكەتكە كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى بىرىكمە كۈچنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقانلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى جەڭگىۋار قوشۇن، ئۇلارغا سىياسىي جەھەتتە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، خىزمەتتە ئۇلارنى قوللىشىمىز، تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەڭگاھىدا جاسارەتلىك- ياراملىق بولۇپ، كارامىتىنى كۆرسىتىشىنى قوللىشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، ئورتاق بېيىشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى زور تەدبىر. بۇ قېتىم باھالىنىپ تەقدىرلەنگەنلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي جەڭگاھىدا ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۇزاق يىل كۈرەش قىلغانلار، ئۇلار خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتتى. تەقدىرلەنگەن يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا قەدەم قويدى. جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇشى، ئېغىر نامرات رايونلارنى مۇھىم نۇقتا، ئىلغار تىپلارنى ئۈلگە قىلىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر، تېخىمۇ زور كۈچ ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا توسالغۇ بولۇۋاتقان ھالقىلىق «بوغما ھالەت» ۋە كۆرۈنەرلىك قىيىنچىلىقلارنى كۈچەپ ھەل قىلىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا كۈچەپ ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى، نامرات رايونلارنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇشى كېرەك. ئاساسىي قاتلامدا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقانلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلارنى قوللىشى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىشى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى، جاپالىق ئىشلەپ ئەمەلىي ئىش قىلىشى، نامرات ئاممىنىڭ دەل ۋاقتىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىلغارلارنىڭ ئىش- پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى 10- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن يۆلەش- ئېچىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۆلەش- ئېچىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئاۋامنىڭ ئەقلىي ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بۇرچىنى زىممىگە ئېلىشنى قەتئىي كۈچەيتىشىمىز، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئالغا ئىنتىلىش روھىدا چىڭ تۇرۇشىمىز، قەتئىي جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىشتىن ئىبارەت يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى تىكلىشىمىز، نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتەك ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقى يەتكۈزۈلۈپ، «مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچىلەر تەقدىرلەندى. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىلى دېڭ يىڭشياڭ، لى چاۋياڭ، چېن كەيجى، لى جۈن، ليۇ جىنشيۇ ئىلغار ئىش- پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بەردى.

  2017- يىللىق «مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچىلەر ۋە 2016- يىللىق «مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، گوۋۇيۈەن يۆلەش- ئېچىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، نامراتلارنى نۇقتىدا يۆلەش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان مەركەزنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، «مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مۇكاپاتى»نى باھالاش كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى، تاراتقۇ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر