ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

شى جىنپىڭ رۇسىيە- جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2017.10.10 17:26 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. رۇسىيە- جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 10- ئاينىڭ 9- كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە- جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 60 يىلدىن بۇيان، رۇسىيە- جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى باشتىن- ئاخىر جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلئارا ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىشىگە پائال تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق». ھازىر جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ. رۇسىيە- جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىنى بىر- بىرىگە باغلاش، ئەلرايىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى سەۋىيەدە راۋاجلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنمۇ رۇسىيە- جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر