ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ خىسلىتى

ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش ئەڭ شەرەپلىك

− خوشۇت ناھىيەسى نەرىنكېر يېزىسى ئۆلزەت كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاياللار خىزمىتى مۇدىرى پىلجە توغرىسىدا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گو چېڭ

2017.10.10 17:10 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    سۈرەتتە: پىلجە (سولدا) كەنتنىڭ كەشتە مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا. (گېزىتىمىزنىڭ ماتېرىيال سۈرىتى)
  «بۇ يىل چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مەركەز، ئاپتونوم رايون، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەر، ئوبلاست، ناھىيە ياردەم بەرگەن مەبلەغنىڭ ھەممىسى تولۇق ئەمەلىيلەشتى، نامرات ئائىلىلەردىن باشقا ھەر بىر ئائىلىگە 60 مىڭ يۈەندىن، نامرات ئائىلىلەرگە 70 مىڭ يۈەندىن ياردەم بېرىلدى...».

  يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئارىلىقى 150 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە، 9- ئاينىڭ 4- كۈنى خوشۇت ناھىيەسى نەرىنكېر يېزىسى ئۆلزەت كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاياللار خىزمىتى مۇدىرى پىلجە چارۋىچىلارغا يېڭىدىن تارقىتىلغان 2017- يىللىق «ئاپتونوم رايوننىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى»دىكى مەزمۇنلاردىن لېكسىيە سۆزلەۋاتاتتى.

  بىز ئېگىز- پەس تاغ يولىدا ئاپتوموبىللىق بەش سائەتتىن كۆپرەك ماڭدۇق. پىلجە مۇنداق دېدى: بىزنىڭ دېھقان- چارۋىچىلارغا «چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى»دىكى مەزمۇنلارنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن ھەممە ئائىلىنى خەۋەردار قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز بار.

    تاغدىن چۈشۈپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، چىقىش يولى تېپىش

  پىلجە 2007- يىلىنىڭ باشلىرى نەرىنكېر يېزىسىنىڭ بورت كەنتىدە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاياللار خىزمىتى مۇدىرى بولغان. بۇ كەنتتە موڭغۇللار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، كەنتنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز، قاتناش قولايسىز، ئۇچۇر راۋان ئەمەس ئىدى. شۇ يىللاردا ئوتلاقلارنىڭ چېكىنىشى بىر قەدەر ئېغىر، كىلىمات ئۆزگىرىشى نورمالسىز بولۇپ، چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى سەل جاپالىق ئىدى.

  «بىز بىر ئۆمۈر تاغدا قوي باقماسلىقىمىز مۇمكىن، ھازىر ھۆكۈمەت كۆچۈشىمىزگە مەدەت بېرىۋاتىدۇ، شۇڭا سىرتقا چىقساقلا يېڭى تۇرمۇشقا ماسلىشالايمىز». پىلجە كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى باشلاپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئويىغا كەلدى.

  بەزى چارۋىچىلار ئۇنىڭ بۇ ئويىنى بىلگەندىن كېيىن نەق مەيداندىلا: بىز دېھقانچىلىق قىلالمىساق، سىرتتا كىم بىزنى ئىشلىتىدۇ؟ ئەگەر خوجايىن پۇل بېرەلمىسە، تارتقان جاپايىمىز بىكارغا كەتمەمدۇ؟ دېيىشتى.

  پىلجە بۇ گۇمانلارغا ئاساسەن، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ خىزمەت ئىشلەپ: مەن ئالاقىلىشىپ ئىش تاپاي، ئىش ھەققىنى ئالالمىساڭلار مېنى ئىزدەڭلار، مەن كاپالەتلىك قىلىمەن، دېدى.

  پىلجە چارۋىچىلارغا 40 نەچچە كۈن خىزمەت ئىشلەپ، ئاخىر 23 چارۋىچىنى كۆندۈردى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاغدىن چۈشۈپ، خوشۇت ناھىيەلىك پۇراقلىق ماتېرىياللار پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ ئىشلىدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەڭ ئاز بولغاندا 400 نەچچە يۈەن، ئەڭ كۆپ بولغاندا 600 نەچچە يۈەنگە ئىشلىدى. ئەمگەك مېۋىسىدىن ھاياجانلانغان چارۋىچىلار ئائىلىسىدىكىلەرگە تېلېفون بېرىپ، بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ چارۋىچىنى تاغدىن چۈشۈپ ئىشلەشكە دەۋەت قىلدى، نەتىجىدە سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئاخىر 60 نەچچە كىشىگە يەتتى.

  پىلجەگە ئەگىشىپ 1- تۈركۈمدە تاغدىن چۈشۈپ ئىشلەمچىلىك قىلغان باتۇر مۇنداق دېدى: ھازىر بىز بىكار بولۇپ قالساقلا، يېقىن ئەتراپتىكى ئۈزۈم ھارىقى زاۋۇتىغا بېرىپ، كۈنىگە 100 يۈەندىن ئىشلەيمىز، پۇلنى شۇ كۈنىلا قولىمىزغا ئالالايمىز.

    كەشتىچىلىك قىلىپ بېيىش يولى تېپىش

  پىلجە كۆپچىلىكنى بېيىتىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.

  2008- يىلى خوشۇت ناھىيەسىدە چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى باشلاندى، پىلجە باشلامچىلىق بىلەن قويلىرىنى سېتىۋېتىپ، تاغدىن چۈشۈپ ئۆلزەت كەنتىدىكى چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا بېرىپ، ئېرى بىلەن بىللە ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان 40 مو يەرگە تۈجۈپىلەپ ئىشلىدى.

  ئۇنىڭ ئېرى ئۆيىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولۇپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

  كەنتتىكى ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى قول ھۈنەرۋەنچىلىك، كەشتىچىلىكنى بىلەتتى، ئۇلار موڭغۇللارنىڭ كىيىم- كېچەكلىرى، قالپاق قاتارلىقلارنى تىكسىمۇ، بۇ بۇيۇملارنى ئۆزلىرى ئىشلىتەتتى ياكى باشقىلارغا سوۋغا قىلاتتى. ئۇ: ئەگەر بۇ قولدا ئىشلەنگەن، ئۆزگىچە بۇيۇملارنى سېتىپ پۇل قىلغىلى بولغان بولسا، قانچە ياخشى بولاتتى- ھە، دەپ ئويلاپ، قانداق قىلغاندا كەنتتىكى ئاچا- سىڭىللارنى يېتەكلەپ، بىرلىكتە بېيىغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىزدەندى.

  پىلجە ئېرىنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللىشى بىلەن، ئۆزى پۇل چىقىرىپ، ئۈرۈمچى، گۈيياڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە لايىھەلەشنى ئۆگەندى ھەم 2009- يىلى 2- ئايدا ئۆلزەت كەنتىدە موڭغۇل قول ھۈنەرۋەنچىلىك- كەشتىچىلىك جەمئىيىتىنى قۇردى.

  كەنتتىكى ئاياللار بۇنىڭدىن خۇشال بولۇشۇپ، تېزلا موڭغۇللارنىڭ كىيىم- كېچەكلىرى، كەشتە بۇيۇملىرى، كەشتىلىك ئاياغ، كىرىسلو سېلىنچىسى، خادا قاتارلىق 30 نەچچە خىل قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمىنى تىكىپ چىقتى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ناھىيە بازىرىدىكى بەزى دۇكاندارلار، مېھمانسارايلار ئىگىلىرى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى ھەۋەسكارلىرى ئۆزلۈكىدىن بۇ يەرگە كېلىپ سېتىۋالدى.

  ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى ئالتېڭ سېسىك مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە، قول ھۈنەرۋەنچىلىك- كەشتىچىلىك جەمئىيىتىگە قاتناشقان ھەم ئۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشكەن چارۋىچى 80 ئائىلىلىكتىن ئاشتى، كەشتە بۇيۇملىرىنىڭ يىللىق سېتىلىش سوممىسى كۆپ بولغاندا 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، ئاز بولغاندىمۇ 4000- 5000 يۈەنگە يەتتى.

  پىلجە 2010- يىلى «مەملىكەت بويىچە شەھەر- يېزىلاردىكى ئاياللار ئىش ئورنىدا تۆھپە ياراتقان ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالاندى؛ 2011- يىلى كەنتتىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك- كەشتىچىلىك جەمئىيىتى ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «ئاپتونوم رايون بويىچە ئاياللارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىدا ئۈلگىلىك بازا» بولۇپ باھالاندى؛ 2015- يىلى ئۆلزەت كەنتى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن «يېزىلاردىكى ئاياللارنىڭ تۆھپە يارىتىشى بويىچە ئۈلگىلىك كەنت» بولۇپ باھالاندى.

    ئەسلىنى ئۇنتۇماي، نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىپ، ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىش

  پىلجە 2011- يىلى 6- ئايدا ئۆلزەت كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى.

  كەنت ئاھالىسى تۆمۈر 30 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، ئائىلە شارائىتى ناچار ھەم ئۆزى يالغۇز تۇراتتى. پىلجە تۆمۈرنى دائىم ئۆيىگە چاقىرىپ مېھمان قىلغاچ مۇڭدىشىپ، ئۇنىڭغا بېيىش يولىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، سىرتقى مۇھىتنى كۆرۈپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ تۇردى؛ ئۇنى قوشنىلارنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىپ، پۇل تېپىشقا يېتەكلىدى. كېيىن تۆمۈر ئۆزلۈكىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپىدىغان بولدى، ئۇنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئىشەنچىمۇ ئاشتى. پىلجە ھازىر ئۇنىڭغا لايىق تونۇشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  پىلجە مۇنداق دېدى: ئاممىۋى خىزمەتنى ئىشلىمەك ئانچە تەس ئەمەس، ئەمما مۇھىمى، ئۇسۇلنىڭ توغرا بولۇش- بولماسلىقىغا قاراش كېرەك. بىز ئاممىغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلسەك، ئۇلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىغا يېقىنلىشىش بىلەن، پىلجە تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ كومپيۇتېرىغا يۇرتداشلار كۆڭۈل بۆلگەن ئىشلارنى خاتىرىلەپ قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلىنالىغانلىقىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن، تېخىمۇ مۇھىمى، ۋەكىل بولۇش بىر مەسئۇلىيەت، مەن چوقۇم مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچۇمنى ئۇنتۇپ قالماي، كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسى، ساداسى ۋە گۈزەل تىلەكلىرىنى قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر