ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ پاك تۇپراقنى ياخشى قوغداپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلايلى

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى قەيسەر ئابدۇكېرىم

2017.10.10 17:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ھەرقانداق مۇستەھكەم قورغان كۆپىنچە ھاللاردا ئىچىدىن يىمىرىلىپ كېتىدۇ. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئىدىيەدە دىنىي ئەسەبىيلەر بىلەن بىر قازاندا قايناپ، سىياسىيدا ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسىدى، بەزىلىرى ھەتتا «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچوماقچىسى بولدى. ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ چاپارمىنى بولغان زوراۋان- تېررورچىلاردىنمۇ ھىيلىگەر، تېخىمۇ قەبىھ، زىيىنى تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇپ، ئاپەت خەۋپى ئۇزاق بولىدۇ. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر كادىرلار قوشۇنىمىزغا يوشۇرۇنغان قەرەللىك بومبا، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىش توغرىسىدىكى زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىر، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، تەنقىدلەپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە دۈشمەنگە ئورتاق نەپرەت ياغدۇرىدىغان، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىدىغان كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچ توپلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر قاتار تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، تامامەن توغرا، دەل ۋاقتىدا چىقىرىلغان، ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ، ئۇنى چىن قەلبىمدىن ھىمايە قىلىمەن، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن.

  شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مىللەتلەر ئىتتىپاق ئۆتۈشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە بولۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلار بۇ يەردە ئېجىل- ئىناق ئۆتۈپ، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئۈمىد ئۇرۇقىنى چاچماقتا؛ ھەر مىللەت ياشلار ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ئارىلىشىپ، بىلىم ئېلىپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرمەكتە؛ ھەر مىللەت ئامما ئىتتىپاقلىشىپ، ئالاقىلىشىپ، كېسەل ئازابىدىن خالاس بولۇپ، ساغلاملىققا ئېرىشمەكتە. لېكىن «ئۈچ خىل كۈچ» بىز بىلەن ئەلرايىنى، ياش- ئۆسمۈرلەرنى، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى تالىشىدىغان رەزىل مەقسىتىنى بىر دەقىقىمۇ توختاتقىنى يوق. ئالىي مەكتەپ ساھەسىدە كۈرەش تېخىمۇ كەسكىن، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەرگە يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مەكتەپ مۇھىتىنى بۇلغاۋاتىدۇ، ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچوماقچىسى، بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ غايە- ئېتىقادى تەۋرىنىپ قالغان، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى سۇسلىشىپ كەتكەن، ئېغىزىدا ماركسىزم- لېنىنىزمغا ئېتىقاد قىلىمەن دېگىنى بىلەن، كۆڭلىدە دىنغا ئىشىنىدۇ، ئەرۋاھلارغا چوقۇنىدۇ، تىلى بىلەن دىلى بىردەك ئەمەس، يۇقىرىدىكىلەرنى ئالداپ، تۆۋەندىكىلەردىن يوشۇرىدۇ، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل ئىش قىلىدۇ، سەھنىدە شوئار توۋلاپ، سەھنىدىن چۈشكەندە قارشى مۇقام توۋلايدۇ؛ بەزىلىرى مىننەتدار بولۇش ۋە قانائەت قىلىشنى بىلمەيدۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى، «قوش تىل» مائارىپىنى ئىجرا قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرگە كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىپ، قالايمىقان باھا بېرىدۇ، كۆرۈنۈشتە قوللاپ، ئاستىرتىن قارشى تۇرىدۇ، ئۆسەك سۆز تارقىتىپ، ئېغىزىغا كەلگەننى بىلجىرلايدۇ؛ بەزىلىرى ھەتتا «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئاپاق- چاپاق بولۇپ، ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. بۇنداق «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلىدىغانلار ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە زور تەسىر كۆرسەتتى، شۇڭا ئۇلارنى تارتىپ چىقىرىپ، قەتئىي يوقىتىشىمىز كېرەك.

  ئالىي مەكتەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەيدىغان بۆشۈك، شۇنداقلا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپى. ياشلارنىڭ قىممەت يۆنىلىشى كەلگۈسىدىكى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قىممەت يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ، ئالىي مەكتەپ باسقۇچى ياش ئەۋلادلارنىڭ دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى ھەم ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئالتۇن مەزگىلى، شۇڭا ئۇلارنى كىشىلىك تۇرمۇشتىكى تۇنجى قەدەمنى قانداق بېسىشقا يېتەكلەش ناھايىتى مۇھىم. ئالىي مەكتەپلەر پارتىيەنىڭ مائارىپ بازىسىنى ياخشى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى باش تارتماي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. مەن پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور پىرىنسىپال مەسىلىدە چوقۇم بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەمنى قەتئىي قىلىپ، ئالاھىدە ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولىمەن. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ مۇدىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەكتەپ پارتكومى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرىلىق مەسئۇلىيىتىمنى قەتئىي زىممەمگە ئېلىپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئىس- تۈتەكسىز جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە، ئەخلاقلىق، بىلىملىك، ئىرادىلىك بولۇشقا، تىرىشىپ سادىق، ئىناق، ئىجادچان، داڭلىق بىلىم يۇرتى قۇرۇپ، ھەر مىللەت ياشلار ئورتاق ئۆگىنىدىغان، ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىدىغان پاكىز مەكتەپ مۇھىتىنى قەتئىي ياخشى قوغداشقا يېتەكلەيمەن.

  پارتىيەگە قەتئىي سادىق بولۇشىمىز، تىلىمىز بىلەن دىلىمىزنى بىردەك قىلىشىمىز كېرەك. غايە- ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ماركسىزملىق ئېتىقاد، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزملىق غايە- ئېتىقادنى ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا تەربىيەلىشىمىز ۋە يېتەكلىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر قاتار يېڭى ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش، قىممەت يۆنىلىشىنى مەكتەپ باشقۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باشتىن- ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدە سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، سۆز- ھەرىكەتتە چوقۇم بىردەك بولۇشىمىز كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشنى ھاياتىمىز دەپ بىلىپ، بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىز، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنى مەيلى قايسى مىللەتتىن بولۇشى، قەيەردىن كەلگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قائىدىنى، تۆۋەن چەكنى ئېنىق بىلىشكە، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشقا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئىككىلەنمەي، مۈجمەللىك قىلماي، قالايمىقان سۆزلىمەي ئىزچىللاشتۇرۇشقا تەربىيەلىشىمىز ۋە يېتەكلىشىمىز كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن- ئاخىر بايرىقىمىزنى روشەن، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىپ، تونۇشىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىلىمىز بىلەن دىلىمىزنى بىردەك، پوزىتسىيەمىزنى قەتئىي قىلىپ، قەدىمىمىزنى بىردەك قىلىپ، تۆۋەن چەك ۋە قىزىل سىزىققا خىرىس قىلىدىغان قىلمىشلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاقى ۋە ئىستىلىنى قەتئىي ياخشىلاپ، بازىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش بىلەن ئۆز- ئۆزىنى تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈشكە، ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئەخلاق ئارقىلىق مەكتەپ باشقۇرۇش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە يېتەكلىشىمىز كېرەك. ئوقۇتۇشتا ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىش، سۆز- ھەرىكەتتە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش، تەتقىقاتتا باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىلىم تەھسىل قىلغاندا ئىنتىزام- بەلگىلىمىنى ئۇنتۇماسلىقنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. تىرىشىپ غايە- ئېتىقادلىق، ئەخلاق- پەزىلەتلىك، بىلىمى مول، كۆيۈمچان، ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئىلغار ئىدىيە ۋە مەدەنىيەتنىڭ تارقاتقۇچىسى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ يېتەكچىسى ۋە يول باشلىغۇچىسى بولۇش مەسئۇلىيىتىمىزنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش ۋە باھالاش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرس تەييارلىقىنى قاتتىق تەكشۈرۈش، دەرسخانا ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆز- ھەرىكىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق پۈتۈن جەرياننى قاپلىغان ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرس مۇنبىرىنى ساپلاشتۇرۇشىمىز، بازىنى مەھكەم ساقلىشىمىز كېرەك. تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلار ۋە تېببىي خادىملارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېببىي خادىملارنى ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇرۇق- تۇغقىنى، ئائىلە ئەزالىرىدەك كۆرۈشكە، ئېسىل ئىستىل ۋە يۇقىرى داۋالاش سەۋىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىشقا تەربىيەلىشىمىز ۋە يېتەكلىشىمىز كېرەك.

  ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى قەتئىي ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى. ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەتنى، بولۇپمۇ غايە- ئېتىقاد، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭگو ئارزۇسى توغرىسىدىكى تەشۋىق- تەربىيەنى ئوقۇش- ئوقۇتۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، دەرسلىككە، دەرسخانىغا، كاللىغا سىڭدۈرۈشىمىز، ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا، توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى ۋە «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى تونۇش»نى كۈچەيتىپ، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشكە تەربىيەلىشىمىز ۋە يېتەكلىشىمىز كېرەك. سەرخىل يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇش، سەرخىل ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇش، سەرخىل ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش، سەرخىل مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگو ئارزۇسى ئارقىلىق ياشلىق ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشقا، ھەقىقىي ماھارىتى ئارقىلىق شەخسىي ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا، شەخسىي ئارزۇسى ئارقىلىق شىنجاڭ ئارزۇسىغا تىرەك بولۇشقا، «تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، ئەخلاق- پەزىلەتلىك، ئاق- قارىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان، تىرىشىپ بىلىم ئالىدىغان» ياخشى ياشلاردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز، مەنبەدىن ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسى ۋە «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىمىز، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى كۆپ قاتلامدىن، كەڭ دائىرىدە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئىشچى- خىزمەتچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، خاتا ئىدىيەۋى ئېقىملارنى بايرىقىمىز روشەن ھالدا تەنقىد قىلىشىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ۋە ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىشىمىز، تەنقىدلىشىمىز، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم»، «غازات قىلغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» قاتارلىق بىمەنە سەپسەتىلەرگە قەتئىي رەددىيە بېرىشىمىز، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىشىمىز، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر