ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغدايمىز

ئالتاي ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شۇجىسى ئابدۇمانەن ئاخمەتقالى

2017.10.10 17:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت ياش كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچۇمنى ئاڭلىق زىممەمگە ئېلىپ، مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن.

  مەن چىڭگىل ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىمدىنلا ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن بىللە ياشاپ، بىللە ئۆگەندىم، خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن ھەر دەرىجىلىك تەشكىلنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەسى، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى بىلەن، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ چىڭگىل ناھىيەسى چىڭگىل بازىرىنىڭ باشلىقى، بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدىم، ئۆسۈپ يېتىلىشىم پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆيۈنۈشى ۋە ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. كىچىكىمدىن تارتىپلا، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بەرگەنلىكىگە شاھىت بولدۇم، شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدە، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، ئۈچ يىللىق ھەقسىز يەسلى مائارىپى، ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار قۇرۇلۇشلار يولغا قويۇلۇپ، ئالتاي بارغانسېرى گۈزەللەشتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ رازىمەنلىك تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچەيدى، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادى بارغانسېرى چىڭىدى. ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. لېكىن «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى خالىماي، دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، بىگۇناھ ئاممىغا رەھىمسىزلەرچە زىيانكەشلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ۋەتەننى پارچىلاش، مىللەتلەرنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بېرىشتەك يامان غەرىزى ۋە چېكىدىن ئاشقان جىنايىتىگە دەۋر يول قويمايدۇ. ئىتتىپاق كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ياشلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يەتتىم، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، گۇماننى تۈگىتىش، غەم- قايغۇدىن خالاس قىلىش، ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەش جەريانىدا، ھەر مىللەت ياشلارنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىمىزغا قويۇپ، كۈرەش قىلىش ئورنىمىزنى تېپىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى قوغدايمىز.

    بىرىنچى، بايرىقىمىز روشەن ھالدا پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز

  ياشلار قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە تۇرغۇزۇش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلارنى يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىق- تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ياشلارغا جۇڭخۇا مىللىتى ۋە ۋەتەن قۇدرەت تاپمىسا، ياشلارنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇتۇشىمىز كېرەك، ياشلارنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى بىلەن زىچ باغلانغان، يۈكسەك بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىشىمىز كېرەك.

    ئىككىنچى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمىز

  ھەر مىللەت ياشلار باش نىشان ئېڭىنى چوقۇم مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جۇشقۇن، ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىشتەك روھىي قىياپىتىمىزنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، ھالقىلىق پەيتتە ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، بەرداشلىق بېرىپ، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ياشلىق ئەقىل- پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى تەقدىم قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت ياشلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، باشتىن- ئاخىر تۈرلۈك خاتا ئىدىيەنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا، تار مىللەتچىلىك قارىشىنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرىماي، مۈجمەل قاراشلارغا قارىتا ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىشىمىز، خاتا ئىدىيەلەرگە قارىتا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز، ھەققانىيەت سادايىمىز، بىرلىككە كەلگەن ھەرىكىتىمىز بىلەن بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەلىرى ۋە خاتا سۆزلەرگە قەتئىي، كەسكىن جەڭ ئېلان قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك.

    ئۈچىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمىز

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، يۈكسىلىشىنىڭ ئۇل تېشى، شۇنداقلا 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى. ھەر مىللەت ياشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ «قوشماقلىشىشقا، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە، مەدەنىيەتكە ھېسسىياتنى سىڭدۈرۈش» قاتارلىق تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش، خىزمەت جەريانىدا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ- ئادىتىنى چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا سىغدۇرۇپ، ئۆزئارا بەھرىلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.

  ياش دوستلار، بىز قول تۇتۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جەڭگىۋار كۈچلىرىدىن بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى ئورتاق قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!  
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر