ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن باتۇرانە ئىلگىرىلەش كەسىپلەرگە نەزەر

سۇچىلىق ئىشلىرى: شىنجاڭنىڭ تاغ- دەريالىرىنىڭ گۈزەل، خەلق تۇرمۇشىنىڭ باياشات بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى

مۇخبىرىمىز ليۇ دۇڭلەي

2017.10.10 16:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    تارىم دەرياسى لوپنۇر بۆلىكىنىڭ مەنزىرىسى(9- ئاينىڭ 9- كۈنى تارتىلغان) (چۆ. خۇرە فوتوسى)
  ھەيۋەتلىك قارا قۇرۇم تېغى، بىپايان تەڭرىتاغ، شىنجاڭدىكى 23 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت ئامما بۇ كەڭ كەتكەن زېمىندا ياشاپ كەلمەكتە. 2000 نەچچە يىللار مابەينىدە مەيلى دەۋرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، سۇنىڭ ئاساسىي ئورنى ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى. بۇ زېمىندىكى بارلىق مەدەنىيلىك ۋە تەرەققىيات تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئاشۇ دەريالار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەلدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا 108 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تەك يېڭى دەۋردىكى سۇ تىزگىنلەش فاڭجېنى ئەمەلدە پائال كۆرسىتىلىپ، بۇ زېمىن سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. بەش يىلدا شىنجاڭ ئىجتىمائىي ۋە ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كىشىنى ئىپتىخارلاندۇرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.


    سۇچىلىق ئىسلاھاتى: سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى

  دەل مۇشۇ پەيتتە تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى كۆركەم توغراقلىق ئالتۇن تونغا ئورالغانىدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 12 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت ئاممىنى بېقىپ چوڭ قىلغان زور سۇ سىستېمىسى بۈگۈنكى كۈندە تەدرىجىي تارىيىپ كېتىشتەك ئېغىر ۋەزىيەت بىلەن خوشلىشىپ، ئىلگىرىكى ھاياتىي كۈچىنى كۈندىن- كۈنگە ئۇرغۇتتى.

  تارىم دەرياسى ئېكولوگىيەسىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولۇشى ئالدى بىلەن شىنجاڭنىڭ دەريا ۋادىسى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. 2011- يىلى ئېقىن مەنبەسىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى تولۇق تەشكىلىي تۈزۈلۈشى بويىچە تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. بۇ بىر قېتىملىق ئاچقۇچلۇق تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇپ، شۇ چاغدىن باشلاپ، پۈتكۈل تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقى بىر تۇتاش باشقۇرۇلدى، تەڭشەپ سەپلەش سالمىقى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، دەريا ۋادىسى سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش، ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.

  2014- يىلى مەملىكەت بويىچە تۇنجى يەرلىك دەريا ۋادىسى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى «تارىم دەريا ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى»غا توققۇز يىلدىن كېيىن قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، دەريا ۋادىسى بويلىرىدا قانۇن بويىچە سۇ تىزگىنلەش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئاساسىغا ۋە كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

  تارىم دەرياسىنىڭ ئۆزگىرىشى شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىسلاھاتىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا جەمئىيەت بىلەن تەبىئەتكە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ سۇچىلىق ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى.

  سۇچىلىق ئىسلاھاتىنىڭ ھەر بىر تەرىپى بۇ زېمىندا ياشاپ كېلىۋاتقان ھەر بىر كىشىگە بارغانسېرى تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى.

    خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا: ھەر بىر كىشىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈندى

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى مىسلىسىز يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. 2012- يىلىدىن ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا 62 مىليارد 564 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. يەكەن دەرياسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كەلكۈننى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدۇ، ھالبۇكى، بۇ پەقەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دەريا- كۆللەرنى ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلەش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش سىستېمىلىق قۇرۇلۇشىدىكى بىر تارماق تۈر ھېسابلىنىدۇ. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇلۇڭگۈر دەرياسى، ئۆگەن دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى، يەكەن دەرياسى، قەشقەر دەرياسى، خوتەن دەرياسى قاتارلىق توققۇز نۇقتىلىق ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسىنىڭ خەتەرلىك بۆلەكلىرىنى تۈزەش، قورغاس دەرياسى قاتارلىق 141 ئوتتۇرا، كىچىك دەريا ئېقىنلىرىنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 2000 كىلومېتىرغا يېقىن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسى ياسىدى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى دەريا ۋادىلىرىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. مۇقىملاشتۇرۇلغان دەريا توسمىسى ئارقىسىدا مۇنبەت ئېتىزلار كۆپىيىپ، ئېرىق- ئۆستەڭلەردە كۆپىيىۋاتقان زىلال سۇلاردا كىشىلەرنىڭ شادلىققا تولغان تەبەسسۇم جىلۋىسى ئەكس ئەتتى.

  شىمالدىن تارتىپ جەنۇبقىچە چوڭ سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى تەرتىپلىك يولغا قويۇلدى. سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ، جۈملىدىن ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 تۈرلۈك چوڭ سۇ قۇرۇلۇشى ۋە تاغلىق رايونلارنىڭ تىزگىنلىنىدىغان غول قۇرۇلۇشى مەملىكەت بويىچە 172 تۈرلۈك سۇ تېجەش ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەشتىكى چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئومۇمىي سېلىنىدىغان مەبلەغ 120 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، ھازىرغىچە 40 مىليارد 255 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. «ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش»كە ئائىت 27 تۈرلۈك سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشى ۋە 212 تۈرلۈك غول يانداش قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى ھەم ئۈنۈمى كۆرۈلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز كىچىك تىپتىكى 133 سۇ ئامبىرىنىڭ خەۋپىنى تۈگىتىش- پۇختىلاش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، يىللىق سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 83 مىليون 130 مىڭ كۇب مېتىر كۆپىيىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش سىغىمى 8 مىليون 420 مىڭ كۇب مېتىرغا، سۇ ئامبارلىرىنىڭ سىغىمى 25 مىليون 880 مىڭ كۇب مېتىرغا كۆپەيتىلدى. مەخسۇس يىرىك پىلانغا كىرگۈزۈلگەن چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى 291 خەتەرلىك سۇ توسمىسىنى پۇختىلاش، خەۋپىنى تۈگىتىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلەندى.

  خەلق تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىش بىلەن بىللە، سۇمۇ بارغانسېرى پاكىز بولدى. ساپ ۋە پاكىز تۇرۇبا سۈيى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قارا ياغاچ يېزىسى جىرغىلاڭ كەنتىدىكى ئابدىبېك مەشىپنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈلۈشى بىلەن جىرغىلاڭ كەنتىدىكى ئاھالىنىڭ ئەۋلادتىن- ئەۋلادقىچە داۋاملىشىپ كەلگەن سۇ ئىچىشى قىيىن بولۇش تارىخىغا تەلتۆكۈس خاتىمە بېرىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى.

  بۇ، شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردا سۇ بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەش قۇرۇلۇشى 1600 جايدا تاماملىنىپ، 2 مىليون 600 مىڭ دېھقان- چارۋىچىنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى، يېزىلاردا سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى 12 مىليون 180 مىڭ كىشىنى قاپلاپ، شەھەر- بازارلاردا تۇرۇبا سۈيى باشقۇرۇش تورىنىڭ مەمۇرىي كەنتلەرنى قاپلاش نىسبىتى %23كە يەتتى. يېزىلاردا سۇ بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەش نىسبىتى 2012- يىلىدىكى %70.8تىن ھازىرقى %78.5كە يەتتى؛ تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى 2012- يىلىدىكى %66.5تىن ھازىرقى %72.5كە يەتتى؛ سۇ سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى 2012- يىلىدىكى %59تىن ھازىرقى%63كە يېتىپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىچىدىغان سۈيىنىڭ سۇ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

    سۇ ئېكولوگىيەسى مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى: كەلگۈسىدىكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلدى

  ئىلگىرى كىشىلەرنىڭ سۇغا بولغان تونۇشى بەكلا ئاددىي ئىدى. قىسقىغىنا بەش يىلدا سۇ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق ئامىلغا ئايلىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى- تۆۋەندىكىلەرنىڭ سۇنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان ئورتاق تونۇشى تېز ئۆستى.

  سۇ بىباھا گۆھەر، يىللىق ھۆل- يېغىن مىقدارى ئاز بولغان شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ سۆزنى دېھقانلار ھەممىدىن بەكرەك ھېس قىلسا كېرەك. جۇڭگو بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش سۇ تېجەش يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر تېخنىكا ئىتتىپاقى بۇ يىل 9- ئاينىڭ 6- كۈنى شىنجاڭدا قۇرۇلدى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى يېزا ئىگىلىك سۇ مەسىلىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى كاڭ شاۋجۇڭ مۇنداق دېدى: سۇ بايلىقى كەمچىل بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، يېزا ئىگىلىكىدە سۇنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىشلىتىش ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاساسلىق تەدبىرى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، سۇنى يۇقىرى ئۈنۈمدە تېجەش شىنجاڭنىڭ سۇ ئېكولوگىيەسى مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ جانلىق ئىپادىسى بولدى. 2012- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە 27 چوڭ تىپتىكى سۇغىرىش رايونى، 23 ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونىنىڭ سۇ تېجەشكە دائىر يۈرۈشلۈك ئۆزگەرتىش ۋە يېزا ئىگىلىكىدە سۇنى يۇقىرى ئۈنۈمدە تېجەش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى. 12 مىڭ كىلومېتىر سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياسالدى؛ يېزا ئىگىلىكىدە سۇنى يۇقىرى ئۈنۈمدە تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى 15 مىليون 800 مىڭ مو كۆپەيدى، ئاپتونوم رايون بويىچە (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) سۇنى يۇقىرى ئۈنۈمدە تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى 50 مىليون 40 مىڭ موغا يەتتى.

  ھازىر شىنجاڭنىڭ دەريا- كۆللىرى، سۇلۇق يەرلىرى ئۈنۈملۈك قوغدىلىۋاتىدۇ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈۋاتىدۇ. 2012- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارى 56 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىردىن 2016- يىلى 53 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىرغا تۆۋەنلىدى، يېزا ئىگىلىكىدە مو بېشىغا سۇغىرىشقا ئىشلىتىلگەن سۇ مىقدارى 2010- يىلىدىكى 670 كۇب مېتىردىن 2016- يىلى 586 كۇب مېتىرغا تۆۋەنلىدى، يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشتا تېجەلگەن سۇ مىقدارى ئېكولوگىيەگە قايتۇرۇلۇپ، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولدى.

  بۇ يىل 7- ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ دەريا باشلىقى تۈزۈمى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يولغا قويدى. ھازىر ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت- ئوبلاست، ناھىيە- شەھەر ۋە يېزا- بازارلارنىڭ تۆت دەرىجىلىك دەريا باشلىقى تۈزۈمى تەشكىلىي سىستېمىسى شەكىللەندى. ئىلى دەرياسى ۋادىسى، ئالتاي تېغى ئېتىكى، بايىنبۇلاق يايلىقى، كۆنچى دەرياسى ۋادىسىدا دەريا باشلىقلىرى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا باشلاپ، دەريا چارلىغۇچى خادىملىرى توسمىلارنى ئايلاندى، تارماقلار ھەمتۈرتكە بولۇپ ماسلىشىپ، قانۇننى ئۆلچەم قىلىش ئارقىلىق دەريا- ئېقىن بويلىرىدىكى ھەر بىر تۈپ گۈل- گىياھنى قوغدىدى. سۇ ئېكولوگىيەسى مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ سىجىل داۋاملىشىشى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ داۋاملىق ئاسمىنى كۆك، سۈيى سۈزۈك يۇرت- ماكاندا ياشايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

  بەش يىلدا شىنجاڭ ئاجايىپ غەيرەت- شىجائىتى بىلەن سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىر يېڭى تارىخىي مۇساپە باشلاندى، مۇشۇ پەيتتە كىشىلەر سەپەرگە ئاتلاندى.
    قاغىلىق ناھىيەسى 2 مىليون 478 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان زۇڭلاڭ سۇ ئامبىرى ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى پۈتۈپ چۈشۈرگە ئېچىلدى. ناھىيە بازىرىنى 15 مىڭ كۇب مېتىر سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان بۇ قۇرۇلۇش ناھىيە بازىرىدىكى 40 مىڭ ئاھالىنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. (مۇخبىرىمىز ئۈتكۈر نىجات فوتوسى)
    تېخنىكلار 2017- يىل 9- ئاينىڭ 27- كۈنى بورتالا شەھىرىنىڭ ئوتبۇلاق بازىرىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان تىندۇرۇش كۆلچىكى بويىدا پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. (ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى)
    ئارشاڭ ناھىيەسى 29 مىليون 970 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بورتالا دەرياسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش- تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى. (گېزىتىمىزنىڭ بورتالا مۇخبىرلار پونكىتىدىن يۈسۈپ غەنى فوتوسى)
    يەكەن دەرياسى ۋادىسىنىڭ مەنزىرىسى. (ماتېرىيال سۈرەت)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر