ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئىككى بايرام مەزگىلىدە شىنجاڭ 8 مىليون 477 مىڭ 200 ئادەم (قېتىم) ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى

2017.10.10 16:33 مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

  مۇخبىرنىڭ 8 – ئۆكتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت-تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت بايرىمى، تاۋۇز چاغىنىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە 8 مىليون 477 مىڭ 200 (قېتىم) ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان، ساياھەتچىلىك ئومۇمىي ئىستېمال قىممىتى 11 مىليارد 262 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، يۇقىرىقى ئىككى تۈردە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان زور ۋەقە، ناچار ساياھەتچىلىك قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، ساياھەت بازارلىرى مۇقىم، تەرتىپلىك بولغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت - تەرەققىيات كومىتېتى دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ساياھەت بىخەتەرلىكى بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تارماق ھالقىغان بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت ئەرزلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەت بازارلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، «بىخەتەر، تەرتىپلىك، سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك» بولۇشتەك تۆت بىرلىككە كەلتۈرۈش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «خۇشال-خورام، كۆڭۈللۈك، ئىناق، مەدەنىي، بىخەتەر» بايرام ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر