ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

كورلا-لەنجۇ-خاڭجۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 29-ئۆكتەبىر ئېچىلىدۇ

2017.10.09 11:27 مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

  جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى 29-ئۆكتەبىردىن باشلاپ كورلا-لەنجۇ-خاڭجۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدىكەن.بۇ، كورلا ئاھالىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن لەنجۇ، خاڭجۇغا بېرىشتا ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئايروپىلان ئالماشمىسىمۇ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 6-ئۆكتەبىر كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، كورلا ئايرودۇرۇمى شىنجاڭنىڭ ئىچى، سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىكتە 29-ئۆكتەبىردىن باشلاپ كورلا-لەنجۇ-خاڭجۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدىكەن، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ساياھەتچىلەرنىڭ ۋاقتى ۋە ئىقتىسادىنى تېجەيدىكەن.

  كورلا ئايدورۇرۇمى كېيىنكى قەدەمدە 2-تور تۈگۈنىنى يەنىمۇ ياخشىلايدىكەن، ھەمدە تېخىمۇ كۆپ شەھەرلەرگە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر