ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

سۈرەتتىن تەرەققىياتقا نەزەر

باركۆلدە ئېكولوگىيەلىك ئىناقلىق گۈزەل مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈردى

2017.10.07 11:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   سۈرەتتە: باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى سۇلۇق يەردە 10-ئاينىڭ 5-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان ياۋا غازلار. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى، پولات نىياز فوتوسى)
  قومۇل شەھىرىنىڭ باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردا باركۆل كۆلى، سۇلۇق يەر، ئوتلاق، تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش ئۈچۈن تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇردى. ھازىرغا قەدەر، ناھىيە بويىچە 23 مىڭ مو سۈنئىي ئورمان بىنا قىلىندى، 917 مىڭ مو دۆلەت نۇقتىلىق جامائەت پاراۋانلىقى ئورمىنى، 6000 مو ئېتىز-ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى پەرۋىش قىلىندى، 820 مىڭ مو سۇلۇق يەر قوغدالدى، 15 مىليون 450 مىڭ مو ئوتلاقتا ئوتلاق بىلەن چارۋا تەڭپۇڭلاشتۇرۇلدى، 4 مىليون 50 مىڭ مو ئوتلاقتا چارۋا بېقىش چەكلەندى (بۇنىڭ ئىچىدە بىر مىليون 150 مىڭ مو ئوتلاق قاشالاندى). كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ تىرىشىش ئارقىلىق، بۇ جايدا ھازىر ئىنسانلار بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدىغان ھالەت شەكىللەندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز