ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى S334 تاشيولى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى

بۇ تاشيول جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ پورتنى تۇتاشتۇرىدۇ

2017.10.06 13:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئالتۇن كۈزدىكى ھاۋاسى تولىمۇ ساپ ۋە سالقىن. قىزىل دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا ئالتە بۇرغىلاش ماشىنىسى گۈرۈلدىگىنىچە 570 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دەريا ھالقىغان چوڭ كۆۋرۈكنىڭ تۈۋرۈكىگە ئۇل سېلىۋاتاتتى، بۇ، يېقىندا قۇرۇلۇش باشلانغان S334 تاشيولى كانسۇ- بۆرىتوقاي يېزىسى − G314 لىنىيەسى(بوستانتېرەك يېزىسى)نىڭ قۇرۇلۇش مەيدانى ئىدى. بۇ قۇرۇلۇش ئۇلۇغچات ناھىيەسى تەۋەلىكىدە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 91.5 كىلومېتىر، ئومۇمىي لىنىيەدە 57 كۆۋرۈك، 2.7 كىلومېتىرلىق بىر تونېل، 252 سۈڭگۈچ بار.

  مەن يېقىندا قۇرۇلۇش مەيدانىغا بېرىپ، بۇرغىلاش ماشىنىسىنىڭ دەريا قىنىدا كېچىلەپ مەشغۇلات قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، يەر ئەڭ چوڭقۇر بولغاندا 40 مېتىرچە قېزىلىدىكەن، قارشى قىرغاقتىمۇ تۆت بۇرغىلاش ماشىنىسى تەڭ مەشغۇلات قىلىۋېتىپتۇ. بۇرغىلاش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىشچىلار كەپشەرلەنگەن پولات چىۋىقلىق قەپەسنى چوڭقۇر قۇدۇققا چۈشۈرۈپ، ئاندىن ئۈستىگە بېتون قۇيىدىكەن. بۇ چوڭ كۆۋرۈككە 36 تۈۋرۈك قۇيۇلىدىغان بولۇپ، ھازىر بىر تۈۋرۈكنىڭ ئۇلىغا بېتون قۇيۇلۇپ بوپتۇ.

  قۇرۇلۇشقا مەسئۇل بولغان جياڭشى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول گۇرۇھى ئۇلۇغچات «گەنيۆ»(جياڭشى- گۇاڭدۇڭ) قۇرۇلۇش شۆبە بۆلۈمىنىڭ تۈر دىرېكتورى لى چۈەنبىن تونۇشتۇرۇپ: قۇرۇلۇشنىڭ بىر قىسمى دەريا بويلاپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، دەريا سۈيىنىڭ يول ئۇلىنى يالاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يول ئۇلىنىڭ سىرتىغا مۇداپىئە تېمى قوپۇرىمىز، مۇداپىئە تېمىنىڭ ئېگىزلىكى سەككىز مېتىر، تېگىنىڭ كەڭلىكى تۆت مېتىر، ئۈستىنىڭ كەڭلىكى ئىككى مېتىر بولىدۇ، دېدى. نەق مەيداندا بېتون توشۇش ئاپتوموبىلى تەييار بېتوننى مۇداپىئە تېمىنىڭ قېلىپى ئىچىگە تۆكۈۋاتاتتى، ئون نەچچە ئىشچىنىڭ بەزىلىرى بېتوننى تەكشى يېيىتىۋاتقان، بەزىلىرى قېلىپ قۇراشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، قۇرۇلۇش مەيدانى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى.

  ئىگىلىشىمچە، بۇ قۇرۇلۇش 2019- يىلى 10- ئايدا پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدىكەن، شۇ ۋاقىتتا بۇ قۇرۇلۇش ئۇلۇغچات ناھىيەسى بىلەن ئاقتۇ ناھىيەسى ئارىسىدىكى ئەڭ قولاي يول بولۇپ قالىدىكەن. ئۇلۇغچات ناھىيەلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ چۈەنشېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قۇرۇلۇشنىڭ غەربى قىسمى S309 لىنىيەسىگە قوشۇلۇپ، ئەركەشتام پورتىغا بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلىدۇ؛ شىمالىي قىسمى G315 لىنىيەسىدىكى توپا- تورغات تاشيولى(ياسىلىۋاتىدۇ)غا قوشۇلۇپ، تورغات پورتىغا تۇتاشتۇرۇلىدۇ؛ جەنۇبىي قىسمى G314 لىنىيەسىگە قوشۇلۇپ، قونجىراپ پورتىغا تۇتاشتۇرۇلىدۇ. قۇرۇلۇش پۈتۈپ قاتناش باشلانسا، بۇ يول ئۈچ چوڭ پورتنى تۇتاشتۇرۇپ، پورتلار ئارىسىدىكى داغدام يولغا ئايلىنىدۇ، تاشيول تىرانسپورتىدىكى تەننەرخ زور دەرىجىدە ئازايتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت ئىقتىدارى ئاشۇرۇلۇپ، شۇ جاينىڭ ئوبوروتچىلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر