ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن باتۇرانە ئىلگىرىلەش . كەسىپلەرگە نەزەر

داۋالاش: «ساغلام شىنجاڭ»نىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى

مۇخبىرلىرىمىز فۇ شياڭلۇڭ، چاۋ جىن

2017.10.06 12:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «چىلۇ» دوختۇرخانىسى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىپ دىياگنوز قويۇش سىستېمىسىنى يولغا قويدى. (گېزىتىمىزنىڭ ماتېرىيال سۈرىتى)
  داۋالىنىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېھتىياجى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە ئەلرايى قۇرۇلۇشى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، داۋالاش- ساقلىق ساقلاش سېلىنمىسى سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، «ساغلام شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، «ئاساسىي داۋالاش- ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىدىن ھەممە كىشىنى بەھرىمەن قىلىش» نىشانىغا يېتىشنىڭ ئۇلىنى پۇختىلىدى.

  «ساغلام شىنجاڭ»نىڭ يېڭى سەھىپىسىگە 23 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن. ھەممە كىشى ساغلام، بەختلىك بولۇش دەۋرنىڭ چاقىرىقى، شۇنداقلا خەلقنىڭ ئارزۇسى.


    ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكى ھەقسىز تەكشۈرۈلدى

  ئاپتونوم رايون 2016- يىلى 9- ئايدا داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى سۈپىتىدە ھەر يىلى شىنجاڭ نوپۇسىدىكى بارلىق شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى قارار قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يەنىمۇ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، قولاي داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  344 مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن 82 داۋالاش ئەترىتى جايلارغا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نوپۇسى كۆپ ناھىيەلەر، چەت، يىراق دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق رايونلىرى، داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش بايلىقى نىسبەتەن كەمچىل ناھىيە، شەھەرلەرگە بېرىپ، خىزمەتلەرگە ياردەملەشتى ۋە تېخنىكا جەھەتتىن مۇلازىمەت قىلدى.

  ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرۇپ، بۇ سىياسەتتىن «ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە»نىمۇ بەھرىمەن قىلىش − ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا بەرگەن ۋەدىسى. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئايشەم يۇنۇس مۇنداق دېدى: ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشتە دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى ۋە ئارىسال مەزگىلى، قاتناش ئەھۋالى ۋە ئاھالىنىڭ قۇرۇلمىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تولۇق ئويلىشىپ، مەركەزلىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش بىلەن يېنىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشنى بىرلەشتۈردۇق. قاتناش راۋان بولمىغان جايلاردىكى ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە توپنىڭ سالامەتلىكىنى ئۆيىگە بېرىپ تەكشۈردۇق.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل 2- ئايغىچە ئاپتونوم رايون تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 499 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان، سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش نىسبىتى %100كە يەتكەن. 2- قېتىملىق ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى سېلىنمىسى داۋاملىق ئاشۇرۇلۇپ، 1 مىليارد 785 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەنگەن. 8- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە 6 مىليون 777 مىڭ كىشىنىڭ سالامەتلىكى ھەقسىز تەكشۈرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 4 مىليون 584 مىڭ 200 كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن.

  ھازىر ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىدا سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى ئۆسۈپلا قالماي، ساغلاملىق ئېڭىمۇ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرىچە ئاساسىي جامائەت ساغلاملىقى مۇلازىمىتى خىراجىتىنىڭ ئۆلچىمى يىلمۇ يىل ئۆستۈرۈلدى، مۇلازىمەت مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىپ، ئامما يەنىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر يىن يۈلىن مۇنداق دېدى: «ساغلام شىنجاڭ»نىڭ يادرولۇق مۇھىم مەقسىتى خەلقنى مەركەز قىلىش، ماھىيىتى خەلقنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، ھەممە كىشىنى ساغلاملىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش، ئۇزاق مۇددەتلىك نىشانى ئومۇمىي خەلق ساغلام جەمئىيەت بەرپا قىلىش.

    ھەر مىللەت ئامما داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «داۋالىنىشى تەس ۋە قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.

  بۇ يىل 8- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 22دىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىكى ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى دورا تەننەرخىگە ئۈلۈش قوشۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، «دوختۇرخانىنى دورا ئارقىلىق قامداش»نى تۈگەتتى ھەم ئالاقىدار تەكشۈرۈش ھەقلىرىنى تۆۋەنلىتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى مۇۋاپىقلاشتۇردى.

  قەنت كېسىلى ئاغرىقى گاۋ شىنلىن مۇنداق دېدى: دورا تەننەرخىگە ئۈلۈش قوشۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى، مەندەك سوزۇلما كېسەل ئاغرىقلىرى ئۇزاققىچە دورا يېمىسەك بولمايدۇ، ھازىر بىر يىلدا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا %20 دورا پۇلۇم تېجىلىدىغان بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، تەكشۈرۈش ۋە لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى باھاسىمۇ تۆۋەنلىدى، بۇنىڭدىنمۇ يۈكۈم مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلىدى.

  ھەر مىللەت ئاممىنى يەنىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى ۋەدىسى. ئاپتونوم رايون 2017- يىلى دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش ۋە ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى، بۇ يىل ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتىنى %30 تىن كۆپرەككە، نۇقتىلىق توپقا كېلىشىملىك مۇلازىمەت قىلىشنىڭ قاپلىنىش نىسبىتىنى %70كە يەتكۈزۈش نىشانلاندى. 2020- يىلغا بارغاندا كېلىشىملىك مۇلازىمەت پۈتكۈل جەمئىيەتتە كېڭەيتىلىپ، ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىم كېلىشىملىك مۇلازىمەت سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ھەممە ئائىلە ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتىدىن تولۇق بەھرىلەندۈرۈلىدۇ.

  بالىلار دوختۇرخانىسى ئاز، بالىلار كېسەللىرى دوختۇرى كەمچىل، بالىلارنى داۋالىتىش تەس بولۇشتەك ھەر مىللەت ئاممىنى قىيناۋاتقان نۇرغۇن مەسىلە دۆلەتنىڭ «ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتىنى يولغا قويۇشى بىلەن يەنىمۇ گەۋدىلەندى، بالىلار كېسەللىرى داۋالاش مۇلازىمىتى يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى.

  ئاپتونوم رايون كىلىنىكا ۋىراچلىرىنى بالىلار كېسەللىرى ۋىراچلىقىغا يۆتكەپ تەربىيەلەش، بالىلار كېسەللىرى مەخسۇس بالنېتسا ۋىراچلىرىنى ئۆلچەملىك تەربىيەلەش سىياسىتىنى يولغا قويدى، جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى بىلەن «يۈرۈشلەشكەن گۇرۇپپا بەرپا قىلىش»، «بۆلۈم، ئىشخانىلارنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش» بويىچە تەربىيەلەش كېلىشىمى ئىمزالاش قاتارلىق «تېز ئۈنۈم بېرىدىغان» ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، بالىلار كېسەللىرىنى داۋالايدىغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى.

  ئاپتونوم رايون شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا بالىلار كېسەللىرى ئىنستىتۇتى تەسىس قىلىپ، بالىلار كېسەللىرى كەسپىي ۋىراچلىرىنى تەربىيەلەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بالىلار كېسەللىرىنى داۋالاش ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇزاق مەزگىللىك ئىختىساسلىقلار زاپىسى تەييارلاپ، «بالىلار كېسەللىرى دوختۇرلىرى قەھەتچىلىكى»دىن ئىبارەت قىيىن ۋەزىيەتنى ئوڭشاشقا تىرىشتى.

    ساغلاملىق بويىچە نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشى نامرات ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈردى

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق يەتتە تارماق بۇ يىل 8- ئايدا بىرلىكتە «ئاپتونوم رايوننىڭ ساغلاملىق بويىچە نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىدا ئۈچ بىر تۈركۈم ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزدى. بۇ لايىھەگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئېغىر كېسەل، سوزۇلما كېسەل ۋە خەۋپلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان نامرات ئاھالە نەپكە ئېرىشىپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ داۋالاش- قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتىدىن تولۇق بەھرىلەندۈرۈلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى نامراتلارنى يۆلەش جېڭىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو ۋېيجياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىر تۈركۈم ئېغىر كېسەللەرنى مەركەزلىك داۋالاش- قۇتقۇزۇش، بىر تۈركۈم سوزۇلما كېسەللەرگە كېلىشىملىك مۇلازىمەت قىلىش، بىر تۈركۈم خەۋپلىك كېسەللەرنى داۋالاشنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئۈچ بىر تۈركۈم» ساغلاملىق بويىچە نامراتلارنى يۆلەش كىشى بېشىغىچە، كېسەلگىچە جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

  ئاپتونوم رايون ئېغىر كېسەللەرنى مەركەزلىك داۋالاش- قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە «يېزىلاردىكى نامرات ئاممىنىڭ ئېغىر كېسىلىنى مەركەزلىك داۋالاش- قۇتقۇزۇش خىزمەت لايىھەسى»نى تۈزدى، 2017- يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن بارلىق نامرات رايونلاردا بالىلاردىكى ئاق قان كېسىلى، بالىلاردىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى، يۇتقۇنچاق راكى، ئاشقازان راكى، بۆرەك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى قاتارلىق يەتتە تۈردىكى توققۇز خىل ئېغىر كېسەل مەركەزلىك داۋالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ،كېسەل تۈرلىرىنى كېڭەيتىپ، 2020- يىلىغىچە يېزىلاردىكى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان نامراتلاردىن داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر داۋالاش، بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايون ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئەلا داۋالاش بايلىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۆۋەنگە مايىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرىدۇ. 2020- يىلىغىچە ئوخشاش بولمىغان دەرىجە ۋە تۈردىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئارىسىدا نىشانى ئايدىڭ، ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتى ئېنىق، ھوقۇق- مەنپەئەتتىن تەڭ بەھرىلىنىدىغان ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىش تۈزۈلمىسى ئورنىتىپ، رايونلار ئارا داۋالاش بايلىقىنى يەنىمۇ بىرىكتۈرىدۇ.

  ھەممە كىشى ساغلام بولغاندىلا، ئومۇمىي خەلق ساغلام بولىدۇ؛ ھەممە كىشى بەختلىك بولغاندىلا، ئومۇمىي خەلق بەختلىك بولىدۇ. «ساغلام شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا يەنىمۇ كۆپ بەخت يارىتىدۇ.
    ئېلىمىزدىكى تۇنجى ئۇيغۇر تېبابىتى مۇزېيى خوتەن شەھىرىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخنىكومىدا قۇرۇلدى. (مۇخبىرىمىز ئۆتكۈر نىجاد فوتوسى)
    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ زامانىۋى يۇقىرى دەرىجىلىك ئوپېراتسىيەخانىسى. (مۇخبىرىمىز شيې لۇڭ فوتوسى)
    تېببىي خادىملار 7- ئاينىڭ 17- كۈنى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ توغراسۇ يايلىقىدىكى چارۋىچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرمەكتە. (جۇڭ گەيچىڭ فوتوسى)
    جىڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى سېسترالار 5- ئاينىڭ 11- كۈنى ماھارەت مۇسابىقىسى پائالىيىتىدە. (ئامانجول ئايدىن فوتوسى)
    ئاغرىق 8- ئاينىڭ 31- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ نېرۋا ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمى سېسترالار پونكىتىدا كۆپ ۋاسىتىلىك ئاپتوماتىك تېرمىنالدا ئالاقىدار راسچوت كەسپىنى بېجىرمەكتە. (مۇخبىرىمىز تاڭ يۇڭ فوتوسى)
    ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى ئاقيار بازىرىنىڭ يۇقىرىقى ئاقيار كەنتىدە ھەقسىز كېسەل كۆرمەكتە. (ئۆمەر قۇربان فوتوسى)
    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ «يورۇقلۇق قۇرۇلۇشى» داۋالاش ئەترىتىدىكىلەر كۇچا ناھىيەسىدە كۆزىگە ئاق چۈشكەن ئاغرىقلارنى سەييارە ئوپېراتسىيەخانىدا ئوپېراتسىيە قىلدى. (گېزىتىمىزنىڭ ماتېرىيال سۈرىتى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر