ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

باقتۇ پورتىنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئايلىق ئىمپورت- ئېكسپورت مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.6 ئاشتى

2017.10.05 12:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن فەن چۈنخەي خەۋەر قىلىدۇ: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە، باقتۇ پورتىدىن بۇ يىل 1- ئايدىن 8- ئايغىچە جەمئىي 102 مىڭ 200 توننا مال ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.6 ئاشتى؛ ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 380 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.2 ئاشتى. ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىنغان ئومۇمىي مال مىقدارى تېز ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى پەللىگە يەتتى.

  باقتۇ پورتىدا 2013- يىلى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشتە «يېشىل يول» تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، ئېكسپورت قىلىنىدىغان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە سەرپ قىلىنىدىغان ئوتتۇرىچە ۋاقىت «يېشىل يول» تەسىس قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى 18 مىنۇتتىن 13 مىنۇت 2 سېكۇنتقا قىسقاردى. چۆچەك شەھەرلىك «يىنشياڭ» مېۋە- كۆكتات تېرىقچىلىقى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى جيا شياڭنىڭ ئېكسپورت قىلىنىدىغان مېۋە- كۆكتات تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا بىرنەچچە يىل بولدى، ئۇ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش شارائىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى خېلىلا قىسقاردى، بۈگۈنى ئۈزگەن كۆكتاتلار ئەتىسى ئەتىگەندىلا قازاقىستان خەلقىنىڭ داستىخىنىغا چىقىدۇ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇھىتىنىڭ قولايلىقشىشى بىزدەك مېۋە- كۆكتات تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ غەيرىتىنى ئۇرغۇتتى، شۇنداقلا كۆپچىلىككە يۇقىرى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى.

  چۆچەك شەھەرلىك «يۇڭلى» سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى خېلى بۇرۇنلا مېۋە- كۆكتات ئېكسپورتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ھازىرغىچە دۆلەت سىرتىدا 40 تىن كۆپرەك تىجارەت تور نۇقتىسى، دۆلەت ئىچىدە ئۆلچەملەشكەن 87 مېۋە- كۆكتات تەمىنلەش بازىسى قۇردى، بۇ شىركەت ئالدىنقى سەككىز ئايدا 3000 توننىدىن كۆپرەك مېۋە- كۆكتات ئېكسپورت قىلدى. شىركەتنىڭ ئېكسپورت ماللىرى ئاساسلىقى قازاقىستان، رۇسىيە، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر