ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرەيلى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گەن چاڭچۈن

2017.10.05 12:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۆلەش- ئېچىش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۆلەش- ئېچىش ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا دائىر بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، 2020- يىلىغا بارغاندا نامرات رايونلارنىڭ ئاپتونوم رايون بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  بىرىنچى، يۆلەش- ئېچىشنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىنىڭ مۇھىم ئىدىيەسى بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ سالمىقى مىسلىسىز بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچى قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلىدى. «ئىككىدە غەمدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئۆلچىمى ۋە قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى كۆزلەپ، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2017- يىلى ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈچنى مۇجەسسەملەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت قاتتىق جەڭنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. 2017- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 590 مىڭ نامرات ئاھالىنى قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مۆلچەرلەندى.

  ئىككىنچى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش مۇھىم ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ دەل جايىدا بولۇشى، ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈردى. ئاپتونوم رايون «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «كىمنى يۆلەش»، «كىم يۆلەش»، «قانداق يۆلەش»، «نامراتلار قاتارىدىن قانداق چېكىندۈرۈش» مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلارنى قەرەلىدە ئازايتىش ۋەزىپىسىنى دەل جايىدا بېكىتتى. نامراتلارنىڭ سانىنى دەل جايىدا ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە دەل جايىدا قايتا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىق دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. «بەش بىر تۈركۈم» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت، ئاھالە ۋە ئادەمگىچە دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، باشقا جايغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بىلەن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، داۋالاش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە چېكىنىپ چىقىشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تەرتىپىدە قاتتىق چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۈنۈمىنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. 2017- يىلى نامرات رايونلاردىكى دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ داۋاملىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولۇشى مۆلچەرلەندى.

  ئۈچىنچى، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مۇھىم ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى تېز شەكىللەندۈردى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى مەخسۇس يۆلەش، ساھەلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەتتىكىلەر نامراتلارنى يۆلەش، ئاپتونوم رايون ئىچىدە ھەمكارلىشىپ نامراتلارنى يۆلەشتەك «بەش بىر گەۋدە قىلىنغان» نامراتلارنى كەڭ كۆلەمدە يۆلەش ئەندىزىسى بارلىققا كەلدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى نامرات كەنتلەرگە يۆتكىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %80تىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە، %50تىن كۆپرەكى نامرات يېزا- كەنتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ساھەلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى نامرات رايونلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا يۈزلەندۈرۈلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ نامرات ناھىيەلەر بىلەن ئالاقە باغلىشى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ كەنتلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئائىلىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەندىكى ئىقتىسادتا كۈچلۈك 33 ناھىيە (شەھەر، رايون) جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 27 نامرات ناھىيە (شەھەر) بىلەن نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. پۇقراۋى كارخانىلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە مېھىر- شەپقەت يەتكۈزگۈچى زاتلار قاتارلىقلار نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرىغا ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىپ، تۈرلۈك يۆلەش بايلىقى ئارقىلىق ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

  تۆتىنچى، ئاشكارا باشقۇرۇش مۇھىم ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ياخشى باشقۇرۇش ۋە ياخشى ئىشلىتىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. ئاپتونوم رايون نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىش- نازارەت قىلىشنى، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە باھالاشنى چىڭىتىپ، خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، خەلققە بەخت ياراتتى. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسى ۋە «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدە شەكىلۋازلىق قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسىنى قاتلاممۇ قاتلام كۆپتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يېتەكلىدى. نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ بىخەتەر، ساغلام ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق «مەجبۇرىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلۇش»، «ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، «سان- سېپىر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىگە خىيانەت قىلىش، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىگىلىۋېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ بىر تۈركۈم جىنايى دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدە ئىستىلنىڭ دۇرۇس، كەيپىياتنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  بەشىنچى، يۆلەش- ئېچىشنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش مۇھىم ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى. نامرات ناھىيەلەردىكى پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى مەسئۇلى بولۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈردى. ئاپتونوم رايون 35 نامرات ناھىيە بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە نامرات ناھىيەلەردىكى پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىپىدىكى رەھبەرلىرى مۇقىملىقنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، نامرات يېزا- بازارلارنىڭ ۋە كەنت دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە كەنت پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ 1- شۇجىلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى. مەخسۇس نازارەت قىلىش، سەييارە تەكشۈرۈش ۋە باھالاش خىزمىتىنىڭ چارىسىنى تۈزۈپ، ھەر يىلى نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى باھالاش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلىپ، رەتكە تۇرغۇزۇشتا ئارقىدا قالغان نامرات رايونلارنىڭ مەسئۇللىرىنى چاقىرىتىپ سۆھبەتلەشتى ھەم قەتئىي تۈزىتىپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتتى.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۆلەش- ئېچىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە جەزمەن ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدىغانلىقىمىزغا قەتئىي ئىشىنىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر