ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن باتۇرانە ئىلگىرىلەش . كەسىپلەرگە نەزەر

قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى

مۇخبىرلىرىمىز سۈي يۈنيەن، يۈەن لېي، ياڭ شۇخەن، جاۋ جىيۈن

2017.10.05 12:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  چاقىلىق ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدىكى خادىملار يېزا ئاھالىلىرىگە باج قانۇنىغا ئالاقىدار بىلىملەرنى تەشۋىق قىلدى. (مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى)
  قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا ئەمەل قىلىش... پارتىيە 18_ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9 _ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ ھەيۋەتلىك دولقۇنىدا قانۇنچىلىق مۇساپىسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

  باش نىشان چۆرىدىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلدى


  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي ۋە كۈچلۈك قوغدىدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قانۇن ئىدارە قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسىي شەكلى. قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا ئەمەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، قانۇن بولغان ئىكەن، جەزمەن رىئايە قىلىش، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014- يىلى 5- ئايدا ئېچىلغان مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش، تىرىشىپ ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دېموكراتىيە- قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇردى.

  شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش − دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇقەررەر تاللاش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى، شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەخىرسىز تەلىپى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل 4- ئاينىڭ 1- كۈنى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتىكى يەرلىك نىزام − «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» رەسمىي يولغا قويۇلدى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشتىكى بۇ مۇھىم نىزام ئاپتونوم رايوننىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ.

  «6- بەش يىل»لىق قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى بويىچە قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات- تەربىيەسى»، «<تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىق باش تېمىلىق تەربىيە پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئائىت 30 نەچچە تۈردىكى 2 مىليون پارچىدىن كۆپرەك مەخسۇس دەرسلىك، قانۇن ئىدارە قىلىشقا ئالاقىدار تەشۋىقات ماتېرىيالى تۈزۈپ تارقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پائال يېتەكلىدى.

  قانۇن ئىدارە قىلىش روھى دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى يېتەكلىدى


  شىنجاڭ «جىنياڭ» ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتلىرى ھەر كۈنى ئەتىگەندىلا ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى يېزا- بازارلارغا بارىدۇ، ئۇلار بۇ ناھىيەدىكى بەش يېزا- بازار، ئالتە كومىتېت، ئىشخانا ۋە ئىدارىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىلىكى خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۈرۈمچى ناھىيەسى يۇڭفېڭ بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ رېنجۈن مۇنداق دېدى: «قانۇن مەسلىھەتچىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، زىددىيەت- ماجىرالارنى پەسەيتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشىدىكى ياخشى ياردەمچىسىگە ئايلاندى». بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا ئادۋوكاتلار قانۇن مەسلىھەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار 6511گە يەتتى.

  رەھبىرىي كادىرلار، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى، قانۇن ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى پۈتكۈل جەمئىيەتنى قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن ئورتاق ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 400 مىڭ ھۆكۈمەت خادىمى 2016- يىل 12- ئاينىڭ 2- كۈنى تۇنجى قېتىم «4- دېكابىر» دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە «قانۇن ساۋاتلىرى تەشۋىقات لىنىيەسى» تور سۇپىسى ياكى يان تېلېفون APP سىدا 2016- يىللىق قانۇن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 21 مىڭدىن كۆپرەك «بىرىنچى باشلىق» دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىدە ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «باش نىشاننى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش- گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش» باش تېمىسىدا قانۇنچىلىق لېكسىيەسى سۆزلەشكە تەشكىللەندى، لېكسىيە ئاڭلىغانلار 4 مىليوندىن ئاشتى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمى ئىسلاھاتىدا ئاممىغا ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىدا ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى ھېس قىلدۇرۇش نىشان قىلىنىپ، ئەدلىيە خىزمىتىدە مۇشۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى.

  شىنجاڭ ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئوڭۇشلۇق، سىجىل ۋە تەرتىپلىك ئىشلىدى، سوت ۋە تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، بۇ ئورۇنلار ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى كۈچلۈك قوغداپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى.

  بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، قانۇن ئىدارە قىلىش روھى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تارقىتىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئەلا قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى يارىتىلدى.

  ھەممىدە خەلق مەنپەئەتى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى


  گوۋۇيۈەن 2015- يىلىنىڭ ئاخىرىدا تېلېگراف تورىدىكى قانۇنغا خىلاپ يېڭىچە جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون تېلېگراف تورى ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ، بىر تۈركۈم كەسپىي يۇمشاق ماتېرىياللارنى ئىشلەپ، 81 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغنىڭ ئالداپ كېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىلىق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى ۋە ئۇنى توستى. دېلوغا چېتىشلىق 107 مىليون يۈەن مەبلەغنى توڭلىتىپ ۋە زىيانلانغۇچىلارغا قانۇن بويىچە تارقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى كۈچلۈك قوغدىدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش مۇساپىسىدە، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدا خەلقنى كۆزلەش، خەلققە تايىنىش، خەلققە بەخت يارىتىش، خەلقنى قوغداشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قانۇنغا تايىنىپ كاپالەتلەندۈرۈش، قانۇننىڭ نوپۇزىنى خەلققە تايىنىپ قوغداشتەك ئەلا ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى.

  خەلق سوت مەھكىمىسى سىستېمىسى خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تىزىملاپ دېلو تۇرغۇزۇشنى دائىملاشتۇرۇپ، «دېلو تۇرسىمۇ دېلو ئاچماسلىق، دەۋا بولسىمۇ ئېتىبارغا ئالماسلىق، دېلو تۇرغۇزۇشنى كەينىگە سۆرەش، بوسۇغىنى ئېگىزلىتىۋېلىش» مەسىلىلىرىنى ئاساسەن ھەل قىلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش ۋە ساختا، ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا زەربە بېرىش بويىچە مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش، يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىشتەك ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەر ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرنى جازالاش ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  قانۇن ئىدارە قىلىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە چېتىلىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتى قوغدالدى.

  ھازىر شىنجاڭدا ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا- بازار، كەنت (مەھەللە)دىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك قانۇن ياردىمى تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، ئاپتونوم رايون خەلق تۇرمۇشىغا قانۇن ياردىمى بېرىش خىزمىتى سالمىقىنى زورايتىپ، قانۇن ياردىمىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تولۇقلىما شەكىلدە قانۇن ياردىمى بېرىلىدىغان ئىشلار قاتارىغا كىرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇن ياردىمىنىڭ «بوسۇغىسى»نى تۆۋەنلىتىپ، قانۇن ياردىمىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى. بەش يىلدىن بۇيان، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتلىرى قانۇن ياردىمى دېلوسىدىن 125 مىڭ پارچىنى قوبۇل قىلىپ، 143 مىڭ كىشىگە قانۇن ياردىمى بېرىپ، ئالاقىدارلارنىڭ 1 مىليارد 910 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي زىيىنىنى قايتۇرۇۋالدى.

  شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان نىكاھ- ئائىلە ماجىرالىرىنى كۆپ مەنبەلىك ياراشتۇرۇش، داۋالاش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىش، ئەدلىيەلىك مۇرەسسە قىلىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساھە ۋە كەسپىي خاراكتېرلىك خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، ئۇلارنىڭ مۇرەسسە ساھەسىنى ئەمگەك تالاش- تارتىشى، ئىستېمال، مۇھىت ئاسراش، يەر ئېلىش، كۆچۈرۈپ چېقىش، يەر ئوبوروتى قاتارلىقلارغىچە كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى تۈرىدىكى، تەرەققىيات تۈرىدىكى ماجىرالارنى پەسەيتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى، 2016- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شۇ دەرىجىلىك 52 تارماقنىڭ 2569 تۈرلۈك مەمۇرىي ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، ھوقۇق تۈرىنىڭ 1284ىنى قىسقارتتى ھەم مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسىدىكى 24 تۈرنى يەنە بىر قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋە تەستىقلاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، كارخانا ۋە ئاممىنى ئىشنى تېز بېجىرىش، ۋاقىتنى ۋە چىقىمنى تېجەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  قانۇن ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى مول نەتىجىلەر شىنجاڭنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش مۇساپىسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يەنىمۇ نۇرلاندۇرغۇسى!
  قورغاس ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى كەڭساي ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلار چارۋىچىلارنىڭ بەلگىلەنگەن قەرەل ۋە لىنىيە بويىچە تەرتىپلىك يايلاق كۆچۈشىنى مۇھاپىزەت قىلدى. سۈرەتتە: ساقچىلار يايلاق كۆچۈۋاتقان چارۋىچىلارغا قايناقسۇ ۋە يېمەكلىك يەتكۈزۈپ بەرمەكتە. (ۋاڭ يۈجۈن فوتوسى)
  ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2014- يىلىدىن باشلاپ پارا بېرىش جىنايىتى ئارخىپىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. (مۇخبىرىمىز جېن شىشىن فوتوسى)
  ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى سۇبۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېتى» بەنزىسىدىكىلەر بىلەن كەنتنىڭ ئادۋوكاتلار خىزمەت پونكىتىغا ۋىۋىسكا ئاستى. (مۇخبىرىمىز ئۆتكۈر نىجاد فوتوسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز