ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن باتۇرانە ئىلگىرىلەش . كەسىپلەرگە نەزەر

مەدەنىيەت: باھار شامىلىدا بارچە گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى

مۇخبىرىمىز گاۋ فاڭ

2017.10.04 18:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى؛ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۇتۇقلۇق قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈلدى؛ مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچقاندەك تېزلىتىلىپ، غەلىبە خەۋەرلىرى تېز تارقالدى؛ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىدە تارىخىي بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى.

    ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى

  ئۈرۈمچى شەھىرى 8- ئاينىڭ 30- كۈنى «پارتىيەگە بېغىشلاپ ناخشا ئېيتىمىز» تېمىسىدا ناخشا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. شەھەردىكى يەتتە رايون، بىر ناھىيەنىڭ قاتلاممۇ- قاتلام تاللىشى بىلەن، ئاخىرىدا 100 نەچچە خور ئۆمىكى ئارىسىدىن 13 خور ئۆمىكى تاللىنىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشتى، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ياڭراق ناخشا ساداسى بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالدى.

  بۇنىڭغا ئوخشاش كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ئاساسىي قاتلام ئەدەبىيات- سەنئەت تەشكىلاتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاز ئەمەس. شەھەردىن يېزىلارغىچە ئاممىۋى مەدەنىيەت مەيدان- ساراي قۇرۇلۇشى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئەسلىھەلىرى يەنىمۇ مۇكەممەللىشىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ تەسىر دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى نۇرغۇن ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورۇسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ 2015- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشۋىقات- مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ئالتە نۇقتىلىق تۈرنى، يەنى مەدەنىيەت قورۇلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇش تۈرى، بازار تەشۋىقات- تەربىيە ئۈلگە نۇقتىسى قۇرۇلۇشى تۈرى، ۋىلايەت، ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ ئىشخانا ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش تۈرى، بىڭتۈەننىڭ شى، تۈەن تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ ئىشخانا ئەسلىھەلىرى تۈرى، ناھىيە دەرىجىلىك سېپىرلىق كىنوخانا قۇرۇلۇشى تۈرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كەنت مەدەنىيەت ئۆيلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرى تۈرىنى قوللاشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭغا 89 مىليون 720 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىندى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1046 مەدەنىيەت قورۇسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ھەر بىر مەدەنىيەت قورۇسىغا 26 مىڭ 200 يۈەن ئۆلچەمدە بىر تېلېۋىزور، بىر ياڭراتقۇ ئەسلىھەسى، بىر يۈرۈش چالغۇ سەپلەپ بېرىلدى.

  ئاپتونوم رايون يولغا قويغان مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى شەھەردىن تارتىپ يېزىلاردىكى ھەر بىر كىشىگىچە نەپ بەردى. ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى تەكشى تەرەققىي قىلدى، ھازىر شەھەر- يېزىلارنى قاپلىغان زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئۆيلىرىگە، 7- تۈركۈمدە شەھەرلەرنىڭ كوچا باشقارمىلىرىنىڭ مەھەللە مەدەنىيەت ئۆيلىرىگە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات كەنت مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيلىرىگە ئەسلىھە سەپلەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، ئاممىۋى ئېلېكتىرونلۇق قىرائەتخانا ۋە چېگرادىكى جايلارنىڭ 10 مىڭ چاقىرىملىق سېپىرلىق مەدەنىيەت كارىدورى قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى. بولۇپمۇ 2014 - يىلى ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، نۇرغۇن ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىسى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئاۋامغا «مەدەنىيەت يەتكۈزۈپ»، ئاساسىي قاتلامغا «مەدەنىيەت ئۇرۇقى» تېرىدى. 2014- يىلدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىلا «تۆت بىر تۈركۈم» مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 1000 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويدى، كۆرۈرمەنلەر 1 مىليوندىن ئاشتى.

    ئېسىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى شىنجاڭنى بېزىدى

  بۇ يىل 7- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمىدا «جۇڭگو ئارزۇسى، رەڭدار يىپەك يولى» باش تېما قىلىندى، رۇسىيە، ئۇكرائىنا، پولشا، بىرما، كونگو (كىنشاسا) قاتارلىق ئون دۆلەت ۋە رايون، ئاپتونوم رايون ئىچى- سىرتىدىكى كەسپىي ئۆمەكلەر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالتە تىياتىرخانىدا 59 مەيدان سەرخىل ئويۇن قويدى. ئاپتونوم رايون ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن 100 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما ئۇسسۇل بايرىمىدىكى ئويۇنلارنى كۆرۈپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چاقىرىققا پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئېسىل، كۆپ مىللەتلىك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلەردىن ئوزۇق ئېلىپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت «ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى»غا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئېسىل نومۇرلارنى ئىجاد قىلىپ، بىر تۈركۈم ئېسىل ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  ئۇسسۇللۇق تىياتىر «تەڭرىتاغدا باھار»، چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق تىياتىر «مۇقام تەسىراتلىرى» مەملىكەتلىك 5- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، ياخشى نەتىجە قازاندى. ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئۆمەكلەر يېڭىدىن ئىجاد قىلغان «دېھقان قىزى»، «ئەتلەس رىۋايىتى» قاتارلىق 23 ئەسەر، ۋىلايەت، ئوبلاستلىق ئەدەبىيات- سەنئەت ئورۇنلىرى يېڭىدىن ئىجاد قىلغان ناخشا- ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ئۆيگە قايتىش»، ««پارتىيەگە بېغىشلاپ ناخشا ئېيتىمىز»، باش تېمىلىق مۇزىكا كېچىلىكى «ئۇلۇغ مۇساپە»، ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ماناس»، دىراما «مېھىرلىك يىللار»، ناخشا- ئۇسسۇللۇق تىياتىر «مەڭگۈلۈك دولان» قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر تىياتىر ئەسەرلىرى سەھنىدە ئوينالدى. بۇ ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە بېيىتىپ، روھىنى ئۇرغۇتۇپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، ئاكتىپ كۈچ تارقاتتى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ گۈزەل ئوبرازىنى يىراقلارغا تارقاتتى.

    مەدەنىيەت كەسپىدە غەلىبە خەۋەرلىرى تارقالدى

  13- نۆۋەتلىك جۇڭگو (شېنجېن) خەلقئارا مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى بۇ يىل 5- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە شېنجېن كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مەزگىلدە شىنجاڭ كۆرگەزمە ئۆمىكى ئىمزالىغان توختام سوممىسى 12 مىليارد 658 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تارىخىي رىكورت ياراتتى. «مەدەنىيەت + پەن- تېخنىكا»، «مەدەنىيەت + ئىجادىيەت»، «مەدەنىيەت + ساياھەت»... قاتارلىق تۈرلۈك مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى بۇ نۆۋەتلىك شېنجېن مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدىكى يورۇق نۇقتىغا ئايلاندى.

  شىنجاڭدا ھازىر دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت كەسپىدە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ئالتىگە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت كەسپىدە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى 100گە، دۆلەت بېكىتكەن كارتون فىلىم- ھەجۋىي رەسىم كارخانىسى 11گە يېتىپ، ئويۇن قويۇش كەسپى، مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش كەسپى، مەدەنىيەت ساياھەت كەسپى، ھۈنەر- سەنئەت كەسپى، سەنئەت مەھسۇلاتلىرى كەسپى، كارتون فىلىم- ھەجۋىي رەسىم كەسپى، مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى كەسپى، ئىجادىي لايىھەلەش كەسپى، ئالاقە تورى مەدەنىيەت كەسپى، سېپىرلىق مەدەنىيەت مۇلازىمەت كەسپىنىڭ مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىيات سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىدى.

  دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان مەدەنىيەت ئىستېمال ئىقتىدارى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت كەسپىنى ئەزەلدىن كۆرۈلمىگەن تېز تەرەققىيات باسقۇچىغا باشلىدى.

    مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەڭ ئېتىبار بېرىلدى

  شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەتىجىلەر كۆرگەزمىسى 7- ئاينىڭ 18- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا باشلاندى، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە قوغدالغان 100 نەچچە ئېسىل مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداشتىكى مۇھىم نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى.

  «يىپەك يولى: چاڭئەن − تەڭرىتاغ كارىدورىنىڭ يول تورى» تۈرى 2014- يىلى 6- ئايدا دۇنيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، يارغول قەدىمىي شەھىرى، بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى خارابىسى، قىزىلقاغا تۇراسى، قىزىل تاش غارى، سۇباشى بۇددا خارابىسى قاتارلىق ئالتە يادىكارلىق شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۇنيا مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا ئايلاندى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون مالىيەسى 152 مىليون 600 مىڭ يۈەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مەخسۇس ياردەم مەبلىغى ئاجراتتى، ھازىر ئۇيغۇر چالغۇلىرى، گىلەم ۋە ئەتلەس توقۇش سەنئىتى قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىق تۈرلىرىنى دۆلەت دەرىجىلىك ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك قوغداش ئۈلگە بازىسىدىن ئۈچى قۇرۇلدى؛ قۇتۇبى ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى قاتارلىق 95 ئورۇنغا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش بازىسى دېگەن نام بېرىلدى؛ ب د ت مائارىپ، پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا «ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى»، «مەشرەپ» ھەققىدە كېلىشىمنى ئادا قىلىش دوكلاتى تاپشۇرۇلدى؛ «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى − شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى خاتىرىلەش قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلدى؛ «ماناس» داستانى قاتارلىق 13 تۈر، 1 مىليون 500 مىڭ خەتلىك كىتابنى يېزىش ۋە تەھرىرلەش خىزمىتى تاماملاندى؛ يەكەندىكى ئۇيغۇر مۇقاملىرى مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش سىناق رايونى قاتارلىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۆت مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش سىناق رايونى ئېلان قىلىندى.

  بۇنىڭدىن باشقا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋارىسلىرى تەربىيەلىنىپ، بۇ ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىدە يېڭى بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى. ياچاڭ سەنئەت مەركىزى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ قومۇل شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەت خىزمەت پونكىتى 2016- يىلى بىر يىلدىلا 1800 ئادەم (قېتىم)نى تەربىيەلىدى، 130 كىشىنى ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە تەربىيەلىنىشكە قاتناشتۇردى، «قومۇلنىڭ خاس مەھسۇلاتى» ماركىسىنى يېتىشتۈرۈپ، 400 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى لايىھەلەپ تەتقىق قىلىپ يېتىشتۈردى. 5000دىن ئارتۇق قول ھۈنەر ئۇستىسى زاكازلىق ئىشلەپچىقىرىشقا قاتنىشىپ، ھەر ئايلىق كىشى بېشى كىرىمى 1200 يۈەن ئاشتى. ئۇنىڭدىن باشقا مورىنىڭ قازاق كەشتىچىلىكىنى ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك قوغداش پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى، ناھىيە 128 كەشتىچىلىك ۋارىسىنى تەشكىللەپ، 300 پارچىدىن ئارتۇق رەختنى كەشتىلەش بويىچە ماھارەت سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، كەشتىچىلىك ۋارىسلىرىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر