ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

«سۆيۈملۈك جۇڭگو»غا بەخت تىلەيمىز

گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

2017.10.04 12:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «دوستۇم، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئاشۇ چاغقا بارغاندا ھەممىلا يەر قايناق ئىجادىيەتلەرگە تولىدۇ، ھەممىلا يەردە كۈنسېرى يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىدۇ، ئاھ ئۇرۇشنىڭ ئورنىنى مەدھىيە ئوقۇش، مىسكىن چىرايلارنىڭ ئورنىنى خۇش چىرايلار، نامراتلىقنىڭ ئورنىنى باياشاتلىق، كېسەل ئازابىنىڭ ئورنىنى ساغلاملىق، نادانلىقنىڭ ئورنىنى ئەقىل- پاراسەت، ئۆچمەنلىكنىڭ ئورنىنى دوستلۇق، جۇدالىق ھەسرىتىنىڭ ئورنىنى ھاياتلىق شادلىقى، قاقاس چۆللۈكلەرنىڭ ئورنىنى گۈزەل باغلار ئالىدۇ! شۇ چاغدا، مىللىتىمىز ئىززەت- ھۆرمىتى بىلەن ئىنسانىيەت ئالدىدا ئورنىدىن دەس تۇرالايدۇ، بىزنى تۇغۇپ ئۆستۈرگەن ئانىمىزمۇ ئەڭ چىرايلىق ياسىنىپ، دۇنيادىكى باشقا ئانىلار بىلەن باراۋەر ھالدا قول تۇتۇشالايدۇ...». دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئىنقىلابىي قۇربان فاڭ جىمىننىڭ يۇرتى جياڭشى شاڭراۋدا قانات يايدۇرۇلغان ئومۇمىي خەلق «سۆيۈملۈك جۇڭگو»نى دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى توردا ۋە تور سىرتىدا، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە ئورتاق قاراش پەيدا قىلدى.

  پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، ھەربىي ئالىم فاڭ جىمىن تۈرمىدىكى چېغىدا دۈشمەنلەر تەسلىم بولۇشقا ئۈندەپ بەرگەن قەلەمدە بۇ داڭلىق ئەسەرنى يېزىپ، ۋەتەنگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتى، چەكسىز ئۈمىدىنى بايان قىلغانىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 68 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، نامرات ۋە قالاق كونا جۇڭگونى گۈللەنگەن، قۇدرەتلىك يېڭى جۇڭگو قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلدا، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى، قۇربان بولغانلارنىڭ ئارزۇسى بىر قەدەم- بىر قەدەمدىن رېئاللىققا ئايلاندى.

  بۇ گۈللىنىش دەۋرى دەل ئۇنىڭ ئارزۇسى. بۇ يىل، تېخى دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدىلا لەنجۇ- چۇڭچىڭ تۆمۈريولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىپ، مىڭ يىللىق سىچۈەن يولى راۋانلاشتۇرۇلدى؛ «ئۇزۇن سەپەر» ناملىق راكېتا ئارقىلىق ئۈچ سۈنئىي ھەمراھ ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىلىپ، ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. يەنە سەل ئىلگىرىكى ئىشلارنى دېسەك، جۇڭگونىڭ «ئەرش كۆزى» ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىدىكى ئەڭ يىراقتىكى نۇرنى كۆرگەنلىكىدىن تارتىپ، جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزىنىڭ يەر شارىدىكى ئەڭ يىراق يولدا كېتىۋاتقانلىقىنى؛ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گېن ئامبىرىنىڭ شېنجېندا تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن تارتىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دېڭىز ھالقىغان كۆۋرۈكنىڭ جۇجياڭ دەرياسى ئېغىزى ئۈستىدىن ھەيۋەت بىلەن كېسىپ ئۆتكەنلىكىنى؛ چەت ئەلدە ئوقۇپ كەلگەنلەر باھالاپ چىققان يېڭى «تۆت كەشپىيات»تىن تارتىپ، «ياخشىمۇ سىز»، «رەھمەت»، «چىقىمدان» سۆزلىرىنىڭ چەت ئەللىكلەر ئۆگەنمىسە بولمايدىغان سۆزلەرگە ئايلانغانلىقىنى بىلەلەيمىز... كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان جۇڭگولۇقلار قانداقمۇ ئىچ- ئىچىدىن پەخىرلەنمەي تۇرالىسۇن؟

  ۋەتىنىمىز باغرىدىكى شىنجاڭمۇ ئەنە شۇنداق كۈنسېرى يۈكسەلمەكتە. بۈگۈنكى شىنجاڭدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى؛ بېيجىڭ- شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى شىنجاڭدىن بېيجىڭغا بارىدىغان مۇساپىنى 1300 نەچچە كىلومېتىر قىسقارتتى؛ جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپاغا بىۋاسىتە قاتنىدى؛ نەرسە بىرلەشمە تورى، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇماتلار كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگىچە سىڭىپ كىردى؛ شەھەر- يېزا ئاھالىلىرى ھەر يىلى بىر قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولدى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئىشقا ئاشۇرۇلدى... تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كۈندىن- كۈنگە يۈكسىلىۋاتقان تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەر ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.

  ئۆز ۋەتىنىنى، بولۇپمۇ ئۆزىگە ئىللىقلىق، ئىشەنچ ۋە كۈچ- قۇدرەت بېغىشلاۋاتقان دۆلىتىنى سۆيمەيدىغان ئادەم يوق. بۇ دۆلەت بايرىمىدا ئۈرۈمچى شەھىرى «يىمىن» سارىيىدا « قالتىس سەن ۋەتىنىم» تېمىسىدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى، ئۇنىڭغا ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى قوشۇلۇپ، شەھەر كېچىسىنى كۈندۈزدەك يورۇتۇۋەتتى؛ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئامما، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرى ھەر خىل ئۆزگىچە سەپلەرنى تۈزۈپ، ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى؛ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى سان- ساناقسىز كەنت- قىشلاقتىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت بايرىقى چىقىرىپ، دۆلەت شېئىرى ئوقۇپ، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى... شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبى ۋەتەن سۆيگۈسىدىن لەرزىگە كەلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچ- قۇدرىتى ۋەتەننى سۆيۈشتەك ئالىيجاناب ھېسسىياتى ئارقىلىق مۇجەسسەملەندى.

  68 يىللىق جاپاغا چىداپ ئىشلەش مۇنداق بىر قائىدىنى دەلىللىدى: ئورتاق غايە ئارقىلىق مۇجەسسەملەنگەن مىللىي ئىرادە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە يۈكسەك جەڭگىۋارلىقىنى ئۇرغۇتتى، بىزنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزنى ھېچقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ. يېڭى مۇساپىدە يەنە نۇرغۇن قارلىق چوققا، چەكسىز دالالاردىن، يەنە نۇرغۇن خەتەر ۋە مۈشكۈلاتلاردىن ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. تارىخ ئىككىلەنگۈچىلەرنى، قاراپ تۇرغۇچىلارنى، بوشاڭلارنى، ئاجىزلارنى ئەزەلدىن ساقلاپ تۇرمايدۇ. ئۇيۇل تاش كەبى مۇستەھكەم غايە- ئېتىقادنى تاۋلاپ، باتۇرلۇق بىلەن غەلىبە قىلىدىغان ئىنقىلابىي ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېگىلمەس- سۇنماس قەھرىمانلارچە جاسارەتنى نامايان قىلىدىغانلا بولساق، يېڭى مۇساپە داۋامىدا يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايمىز.

  1919- يىل يولداش ماۋ زېدۇڭ «شياڭجياڭ ئوبزورى»دا مۇنداق يازغان: «دۇنيا بىزنىڭ دۇنيايىمىز؛ دۆلەت بىزنىڭ دۆلىتىمىز؛ جەمئىيەت بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز. بىز سۆزلىمىسەك، كىم سۆزلەيدۇ؟ بىز ئىشلىمىسەك، كىم ئىشلەيدۇ؟». پات ئارىدا ئېچىلىدىغان پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپى ۋە خەلقنىڭ يېڭى تەقەززاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى يېڭىدىن ئىستراتېگىيە ئومۇمىيىتىدىن پىلانلايدۇ، ئورۇنلاشتۇرىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، دەۋرنىڭ ھەيۋەتلىك ئېقىمىدا دولقۇن يېرىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئانا ۋەتىنىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ زور شان- شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرەيلى.

  ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بەخت تىلەيمىز! «سۆيۈملۈك جۇڭگو»غا بەخت تىلەيمىز!
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر