ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

چېن چۈەنگو بايرام مەزگىلىدە خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلماي ئىشلەۋاتقان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىن ھال سورىدى

ھەر مىللەت ئاممىغا بىخەتەر، ئىناق، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك

2017.10.03 14:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 10- ئاينىڭ 2- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى «گۇيۈەن» كوچىسى مەھەللە ئاھالە كومىتېتىغا بېرىپ، بايرام مەزگىلىدە ئىش ئورنىدىن ئايرىلماي ئىشلەۋاتقان مەھەللە كادىرلىرىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم مەھەللىدىكى «6:30 دەرسخانىسى»غا بېرىپ، ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سەمىمىي سورىدى. (مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)
  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: دۆلەت بايرىمى ئۆتىشىگىلا تاۋۇز چاغىنى يېتىپ كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 10 - ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىگە بېرىپ، بايرام مەزگىلىدە خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلماي ئىشلەۋاتقان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ج خ خەلق ساقچىلىرىنى سەمىمىي يوقلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بايرام مەزگىلىدە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان ئەمگەكچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە بايراملىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

  چاقناپ تۇرغان دۆلەت بايرىقى، قىپقىزىل پانۇسلار بايرامدا ئۈرۈمچىنى يىپيېڭى قىياپەتكە كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى.

  «يولداشلار جاپا چەكتىڭلار! دۆلەت بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، تاۋۇز چاغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!» چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى «گۇيۈەن» كوچىسى مەھەللىسىگە بېرىپ، بايرام مەزگىلىدە ئىش ئورنىدىن ئايرىلماي ئىشلەۋاتقان مەھەللە كادىرلىرىغا بەخت تىلىدى. چېن چۈەنگو كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، ئۇلاردىن: «خىزمىتىڭلار جاپالىقمۇ؟ كىرىمىڭلار قانچىلىك؟ ئامما قايسى مەسىلىلەرگە ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ؟»... دەپ تەپسىلىي سورىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: مەھەللە پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلايدىغان كۆۋرۈكى ۋە ۋاسىتىسى، مەھەللە خىزمىتى ناھايىتى مۇھىم. كۆپچىلىكنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، ئائىلىلەرگىچە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش، نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەھەللە ئاھالە كومىتېتى بىناسىنىڭ 2- قەۋىتىدىكى «6:30 دەرسخانىسى»دا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن بالىلار چاڭچىلە- ئەلنەغمە ۋە خەتتاتلىقنى ئۆگىنىۋاتقان، جىڭجۈي تىياتىرىنى ناھايىتى ياخشى ئېيتىۋاتقان، ھۆسنخەتلەرنى ناھايىتى چىرايلىق يېزىۋاتقان ئىكەن. چېن چۈەنگو بالىلارنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئائىلە ئەھۋالىنى سورىدى، كۆپچىلىكنى كىچىكىدىن باشلاپ قەلبىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چېچىپ، بىرلىكتە ياشاپ، بىرلىكتە ئۆگىنىپ، قول تۇتۇشۇپ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە ئىلگىرىلەشكە، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىز باسارلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  خەلقئارا چوڭ بازار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مۇھىم ساياھەت، سودا رايونى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرمۇ سىجىل كۆپىيىپ، كۈندە 60 مىڭدىن 100 مىڭغىچە كىشى بۇ يەردە ساياھەت قىلىدىغان ۋە مال سېتىۋالىدىغان بولدى. چېن چۈەنگو چوڭ بازار ئەتراپىدىكى TS227 نومۇرلۇق خەلققە قولاي ساقچى ئىشلىرى پونكىتىغا بېرىپ، بۇ جايدىكى مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان ج خ خەلق ساقچىلىرى قاتارلىق مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىگە بايراملىق بەخت تىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: خەلق ساقچىلىرى «خەلقنىڭ قوغدىغۇچىلىرى»، يولداشلار بايرام مەزگىلىدە ھېرىش- چارچاشتىن قورقماي، ئىش ئورنىدىن ئايرىلماي، ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ چارلاپ، تىنچلىقنى قوغداپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلق جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. مەن كۆپچىلىككە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئامانلىقنى ساقلاش، چارلاش، مۇداپىئە كۆرۈش ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، نۆۋەتچىلىك قىلىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا تەييار تۇرۇش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە نۆۋەتچىلىك قىلىش، ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقى قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بىخەتەر، ئىناق بايرام كەيپىياتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىدە چېن چۈەنگو سىنلىق قوماندانلىق سىستېمىسى ئارقىلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ھەم بىر قىسىم ناھىيە، شەھەر، چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىلىرىنىڭ نۆۋەتچىلىك قىلىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا تەييار تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش قىلىشتا، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى ھازىرقى كۈرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، پۈتۈن كۈچ بىلەن خىزمەتلەرنى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئىنچىكە تۇتۇپ، ياخشى ھالەت، ئېسىل ئىستىل، قاتتىق ئىنتىزام بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شىنجاڭدا تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا ياخشى مۇھىت ھازىرلاش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، جۇ چاڭجيې، بەي جىجيې قاتارلىقلار ھال سوراشتا بىللە بولدى ياكى ئالاقىدار پائالىيەتكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز