ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەجرىبە رايونى(جياڭشى)نى يولغا قويۇش لايىھەسى» ۋە «دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەجرىبە رايونى(گۇيجۇ)نى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.10.03 14:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەجرىبە رايونى(جياڭشى)نى يولغا قويۇش لايىھەسى» ۋە «دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەجرىبە رايونى(گۇيجۇ)نى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئالاقىدار رايونلار ۋە تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: گۈزەل جۇڭگونىڭ «جياڭشى ئۈلگىسى»نى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاقلارنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئۈلگە رايونى، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ يېشىللىقتا قەد كۆتۈرۈشتىكى باشلامچى رايونى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش رايونى، ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى ھەمبەھر تەرەققىيات ئۈلگە رايونىنى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈم توغرىسىدا ئىزدىنىش ئارقىلىق، 2018- يىلىغا بارغاندا تەجرىبە رايونى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش؛ 2020- يىلىغا بارغاندا جياڭشىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، سىستېمىلىق، مۇكەممەل بولغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمى سىستېمىسى قۇرۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۈچۈن بىر تۈركۈم تىپىك تەجرىبە ۋە تەييار ئەندىزە يارىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ساھەسىنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش كېرەك.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «رەڭدار گۇيجۇ − باغچە ئۆلكە» قۇرۇشنى ئومۇمىي نىشان قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسى ۋە جۇجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا يېشىل توسۇق قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە رايونى، غەربىي رايوندىكى يېشىل تەرەققىيات ئۈلگە رايونى، ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئۈلگە رايونى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە رايونى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بويىچە خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقتىكى ئۈلگە رايونى قۇرۇش كېرەك. 2018- يىلىغا بارغاندا گۇيجۇ ئۆلكىسى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا مۇھىم تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈش؛ 2020- يىلىغا بارغاندا، مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق بولغان، كۆپ تەرەپ قاتناشقان، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە چەكلەشكە بىردەك ئەھمىيەت بېرىلگەن، سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك تۇرغۇزۇپ، يېشىللىقنى ئاساس، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيە بوشلۇقى ئىناقلىقىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان، پۈتكۈل ساھەنى قاپلىغان، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى تۈپ مەقسەت قىلغان «رەڭدار گۇيجۇ − باغچە ئۆلكە» قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز