ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

«ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە زور ئىنشائات قۇرۇلۇشىدىكى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2016-2018)» ئېلان قىلىندى

ئۈچ يىلدا 11 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 29 نۇقتىلىق تۈر يولغا قويۇلىدۇ

2017.10.03 13:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە «ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە زور ئىنشائات قۇرۇلۇشىدىكى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى(2016- 2018)» (تۆۋەندە «لايىھە» دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى)نى ئېلان قىلدى، ئاپتونوم رايون تايانچ تور، شەھەر تورى، مۇقىم كەڭ بەلباغلىق ئۇلىنىش تورى، كۆچمە ئالاقىچىلىكى كەڭ بەلباغلىق ئۇلىنىش تورى، خەلقئارا ئالاقە تورى ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرى قاتارلىق 29 تۈرنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان ئومۇمىي سېلىنما تەخمىنەن 11 مىليارد 535 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلىپ، 2018- يىلىغا بارغاندا شەھەر- يېزىلارنى قاپلىغان، مۇلازىمىتى قولاي، تېز سۈرئەتلىك راۋان، تېخنىكىسى ئىلغار، بىخەتەر كونترول قىلىشقا بولىدىغان كەڭ بەلباغلىق تور ئۇل ئەسلىھەسى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتكۈزۈلىدۇ.

  «لايىھە»دە «يېڭى بىر ئەۋلاد تېز سۈرئەتلىك ئوپتىك تالالىق تورىنى تېزلىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، سىمسىز كەڭ بەلباغلىق تور قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ئۇچۇر تۈگۈنى بەرپا قىلىش، ئەمەلىي قوللىنىشچان ئۇل ئەسلىھەنى كىرگۈزۈش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش»تىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەم كونكرېت نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يېڭى بىر ئەۋلاد تېز سۈرئەتلىك ئوپتىك تالالىق تورنى تېزلىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە 2018- يىلىغا بارغاندا يېڭىدىن 5000 كىلومېتىرلىق غول لىنىيەلىك نۇر كابېل كۆپەيتىلىدۇ، يېڭىدىن ئوپتىك تالالىق تور تېرمىنالى يەتكۈزۈلگەن ئائىلىدىن 2 مىليونى كۆپەيتىلىدۇ، شەھەر- بازار رايونلىرىدا ئوپتىك تالالىق تور بىلەن قاپلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، سېكۇنتىغا 1000 مېگاۋاتتىن يۇقىرى ئۇلاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىنىدۇ، چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردىكى ئائىلە كەڭ بەلباغ ئابۇنىتلىرىغا سېكۇنتىغا 100 مېگاۋاتتىن يۇقىرى بولغان جانلىق تاللاش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ.

  سىمسىز كەڭ بەلباغ تورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە 2018- يىلىغا بارغاندا يېزا- بازار ۋە نوپۇسى زىچ مەمۇرىي كەنتلەردە سىمسىز كەڭ بەلباغ تورىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، كۆچمە ئالاقىچىلىكى كەڭ بەلباغ ئابۇنتىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى%75تىن ئاشۇرۇلىدۇ.

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ئۇچۇر تۈگۈنىنى بەرپا قىلىش جەھەتتە 2018- يىلىغا بارغاندا جۇڭگو- قازاقىستان، جۇڭگو- تاجىكىستان، جۇڭگو- قىرغىزىستان، جۇڭگو- پاكىستان، جۇڭگو- رۇسىيە چېگرا ھالقىغان نۇركابېل سىستېمىسى قۇرۇلۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى غەرب، جەنۇب، شىمالغا يۈزلەنگەن، چېگرا ھالقىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان خەلقئارا چوڭ يولى شەكىللەندۈرۈلىدۇ؛ ئۈرۈمچى- بارىكۆل- ئېچىنا خوشۇنى- لىنخې- كۆكخوت- بېيجىڭدىن ئىبارەت شىنجاڭدىن چىقىدىغان 3- يول قۇرۇلىدۇ؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىغا يۈزلەنگەن، سىرتنى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۈرۈمچى سانلىق مەلۇماتلار مەركىزى ۋە بۇلۇت ھېسابلاش سۇپىسى قۇرۇلىدۇ.

  ئەمەلىي قوللىنىشچان ئۇل ئەسلىھەنى كىرگۈزۈش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش جەھەتتە 2018- يىلىغا بارغاندا تېخنىكىسى ئىلغار، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، كۆلىمى مۇۋاپىق، يېشىل تۈجۈپىلەشكەن سانلىق مەلۇماتلار مەركىزى يېڭى ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلىدۇ؛ CDN تورى بارلىق ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرگىچە ئۇزارتىلىدۇ؛ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىشتا IPv6 كېلىشىمىنى ئومۇميۈزلۈك قوللايدۇ.

  نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «لايىھە»دە يەنە بىر تۇتاش پىلانلاشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، كۆپ تەرەپنىڭ مەبلەغ بىلەن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار كاپالەت تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز