ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى- خىزمەتچىلەر 10- ئايدىن باشلاپ 33 دوختۇرخانىدا سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتەلەيدۇ

2017.10.03 13:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز مۇبارەك ئىسمائىلنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر- بازار ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، بېكىتىلگەن 33 دوختۇرخانىدا سالامەتلىكىنى تەكشۈرتسە، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ھەققىنى بەلگىلىمە بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلدۇرالايدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر- بازار ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، سۇغۇرتا ھەققىنى ئۇدا تاپشۇرغان ۋاقتى ئىككى يىلدىن ئاشقان، ئىككى يىل ئىچىدە كېسەلخانىدا يېتىپ باقمىغان شەھەر- بازار ئىشچى- خىزمەتچىلىرى ۋە سۇغۇرتىغا قاتناشقان جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار بۇ يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتەلەيدىكەن. سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش تۈرلىرى دائىملىق تەكشۈرۈش، خىمىيەلىك تەكشۈرۈش، يادرو ماگنىتلىق تەكشۈرۈش قاتارلىق توققۇز چوڭ تۈردىكى 72 خىل تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، شەخسلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يۈرۈشلۈك ياكى يەككە تۈرلەرنى تاللاپ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتسە، تەكشۈرتۈش ۋاقتىنى تېلېفوندا ئالدىن كېلىشسە بولىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەنۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بېكىتىلگەن 33 دوختۇرخانا ئىچىدە 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىدىن 17 سى، 2A دەرىجىلىك دوختۇرخانىدىن 16 سى بار ئىكەن.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، شەھەر- بازار ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار شۇ يىلى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان بولسا، بۇ بەلگىلىمىدىكى سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالمايدىكەن، يەنى، ئېتىبارلىق سىياسەتنىڭ خالىغان بىرىدىنلا بەھرىمەن بولالايدىكەن. سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتە مۇندەرىجىدىكى تۈرلەر بويىچە تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بېكىتكەن باھا ئاساسىدا% 40لىك ئېتىباردىن، 600 يۈەن ئۆلچەمدىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش خىراجىتىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، تاللىغان تۈرلىرى 600 يۈەندىن ئېشىپ كەتسە، ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىكەن، 600 يۈەنگە توشمىسا، ئاشقان قىسمىنى كېيىن ئىشلىتىشكە ياكى بىر قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى بىر قانچە قېتىمغا بۆلۈشكە بولمايدىكەن. بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلارنىڭ تىزىملىكى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىنىڭ مۇندەرىجىسى ۋە باھاسى، دوختۇرخانىنىڭ ئالدىن كېلىشىش تېلېفون نومۇرىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ تور بېتى(http://www.xjwlmq.hrss.gov.cn)دىن كۆرسە بولىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز