ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

پۈتۈن پارتىيەنىڭ كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، يېڭى كۈرەش مۇساپىسىنى باشلايلى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

2017.10.02 13:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پات ئارىدا ئېچىلىدىغان پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى مەملىكىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلىدىغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. 19- قۇرۇلتاينىڭ سايلام خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكىتىمىزدىكى 40 سايلام ئورنىنىڭ 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ باشقا 47 پارتىيەلىك رەھبىرى مەركەز كۆرسەتكەن ۋەكىل نامزاتى سۈپىتىدە 19- قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىللىكىگە سايلاندى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىشى، سايلىنىشى پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتىكى بىر قېتىملىق جانلىق ئەمەلىيەت بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە ئىدىيە يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، تونۇش يەنىمۇ مۇجەسسەملىنىپ، كۈچ يەنىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن مۇھىم ئىدىيەۋى سەپەرۋەرلىك ۋە تەشكىلىي تەييارلىق قىلىندى.

  سايلام بېلىتى پارتىيە رايى ۋە ئەلرايىنى مۇجەسسەملەيدۇ، ئالقىش ساداسى كۈچلۈك ئىشەنچنى ئىپادىلەيدۇ. گۇيجۇدا يولداش شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن 19- قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىللىكىگە سايلاندى. يىغىن مەيدانىدا ئۇزاققىچە گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ باشقا رەھبەرلىرىمۇ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق سايلام ئورۇنلىرىدا ئارقا- ئارقىدىن 19- قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىللىكىگە سايلاندى. بۇ ئەلنىڭ ئارزۇسى، كۆپچىلىكنىڭ تەقەززاسى بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىنغان، بىر ياقىدىن باش چىقىرىلغان ھەيۋەتلىك كۈچ- قۇدرەتنى ئۇرغۇتتى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىش، سايلىنىش جەريانى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يىراقنى كۆزلەيدىغان، ئەمەلىيەتنى مەۋقە قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك نەزەرى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىشتا مۇھىم يېتەكچىلىك ۋە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى زىچ چۆرىدەپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە ئائىت بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە مەدھىيەگە ئېرىشتى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ 19- قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىللىكىگە سايلىنىشى پۈتۈن پارتىيە ئىرادىسىنىڭ مۇجەسسەملىنىشى، پارتىيە رايى ۋە ئەلرايىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنى چىن قەلبىدىن ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 18- قۇرۇلتايدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغۋار ئىشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا بولغان كۈچلۈك ئىشەنچى ۋە قىزغىن تەقەززاسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  ئەلنىڭ ئارزۇسى ھاكىمىيەتنىڭ يۈزلىنىشىدۇر. گۇيجۇ، يۈننەن، خۇنەندىن گۇاڭشى، شەنشى، يەنە ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭغىچە... ئىلگىرىكى ئاساسەن ئەسلىي يۇرتى، بۇرۇن ئىشلىگەن جايى ۋە خىزمەت ئورنىدا سايلامغا قاتنىشىش ئەھۋالىغا ئوخشىمايدىغىنى، 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىش ئورنىدا روشەن ئۆزگىرىش بولدى. رەھبىرىي يولداشلارنىڭ سايلامغا قاتنىشىش ئورنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى، چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلار بولدى. بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش بىر خىل يېڭىلىق يارىتىش بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭدا يەنە روشەن سىياسىي يېتەكچىلىك ۋە ئەمەلىيەت يۆنىلىشى نامايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭقۇر سىياسىي تەكشۈرۈشى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  «ئۆگەنگۈچىلەر دوراشنى بىلگۈچىلەردۇر، يۇقىرىدىكىلەر قانداق قىلسا، تۆۋەندىكىلەر شۇنداق قىلىدۇ». پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى، بولۇپمۇ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرى نۇقتىلىق يولغا قويۇلغان ئۆلكىلەرگە باشلامچىلىق بىلەن بېرىپ سايلامغا قاتنىشىشى ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىش، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشتىن ئىبارەت ئېسىل ئىستىلنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەگە نىشان بىلەن بىردەكلىشىشنىڭ ئۈلگىسىنى، رەھبىرىي كادىرلارغا «ئەڭ ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىش، ئەڭ قىيىن ئىشلارنى قىلىش» خىزمەت يۆنىلىشىنى تىكلەپ بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رول شەكىللەندۈردى. «نامراتلىقنى تۈگىتىپ، بەخت يارىتىشقا ئىشەنچىمىز بار»، «يەڭنى تۈرۈپ تىرىشىپ ئىشلەپ، ئۆز خىزمىتىمىزنى ياخشى قىلايلى»، «پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن دادىل ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرىمىز»... پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىش ۋە سايلىنىشى جايلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، پارتىيەلىك كادىرلار، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىش قىلىش − ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ قوزغىدى، بۇ مۇقەررەر ھالدا تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى بۆسۈش، يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى يېڭى بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ، خەلققە يېڭى ئۈمىد بېغىشلايدۇ.

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئارزۇنى مۇستەھكەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى سەھىپە يارىتىش. 10- ئاينىڭ 18- كۈنى پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى سايلانغان باشقا ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە، 89 مىليوندىن كۆپ پارتىيە ئەزاسى، 4 مىليون 500 مىڭ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ۋە قارار قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغۋار ئىشى ئۈچۈن يېڭى پىلان تۈزۈپ، يېڭى مۇساپىنى باشلايدۇ. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى مۇستەھكەملەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالايلى!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر