ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىنوچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

(2016- يىل 11- ئاينىڭ 7- كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24- يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2017.10.02 12:59

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    54- نومۇرلۇق

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىنوچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» 2016- يىل 11- ئاينىڭ 7- كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24- يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2017- يىل 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

          جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

            2016- يىل 11- ئاينىڭ 7- كۈنى


    مۇندەرىجە

    1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2- باب كىنو ئىجادىيىتى، سۈرەتكە ئېلىش

    3- باب كىنو تارقىتىش، قويۇش

    4- باب كىنوچىلىقنى قوللاش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش

    5- باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    6- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ


    1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1- ماددا بۇ قانۇن كىنوچىلىقنىڭ ساغلام گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، كىنو بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

  2- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە كىنو ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، سۈرەتكە ئېلىش، تارقىتىش، قويۇش قاتارلىق پائالىيەت (تۆۋەندە بىردەك كىنو پائالىيىتى دېيىلىدۇ) لەردە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

  بۇ قانۇندا ئېيتىلغان كىنو ئۈن- سىن تېخنىكىسى ۋە بەدىئي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق سۈرەتكە ئېلىنغان، فىلىم ياكى رەقەملىك ۋاسىتىگە خاتىرىلەنگەن، مۇئەييەن مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان ئاۋازلىق ياكى ئاۋازسىز ئۇلانما كۆرۈنۈشلەردىن تەركىب تاپقان، دۆلەت بەلگىلىگەن تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، كىنوخانا قاتارلىق مۇقىم سورۇندا ياكى كۆچمە قويۇش ئۈسكۈنىسىدە ئاشكارا قويۇلىدىغان ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

  كىنونى ئالاقە تورى، تېلېگراف تورى، رادىيو- تېلېۋىزىيە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تورلىرى ئارقىلىق تارقىتىدىغانلار ئالاقە تورى، تېلېگراف تورى، رادىيو- تېلېۋىزىيە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تورلىرىنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگىمۇ ئەمەل قىلىشى كېرەك.

  3- ماددا كىنو پائالىيىتىدە، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

  4- ماددا دۆلەت خەلقنى مەركەز قىلىشتەك ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس- بەستە سايراش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرىدۇ، كىنو ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، كىنو ئىجادىيىتىنىڭ ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا، ئاممىغا يېقىن بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئىدىيەۋىلىك، بەدىئىيلىك، زوق بېرىشچانلىق بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن مۇنەۋۋەر كىنولارنى ئىجاد قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ.

  5- ماددا گوۋۇيۈەن كىنوچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، كىنوچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

  دۆلەت كىنو ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار كەسىپ سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، بىر تۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان كىنو بازىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، كىنو بازىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  6- ماددا دۆلەت كىنو پەن- تېخنىكىسى بويىچە تەتقىق قىلىپ يارىتىش ۋە ئۇنى قوللىنىشقا مەدەت بېرىدۇ، كىنونىڭ تېخنىكىلىق ئۆلچىمىنى چىقىرىدۇ ھەمدە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، كارخانا ئاساس قىلىنغان، بازار يېتەكچى قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىق قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن كىنو تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

  7- ماددا كىنوغا ئالاقىدار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس ئۇنىڭغا چېقىلسا بولمايدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارمىقى تەدبىر قوللىنىپ، كىنوغا دائىر بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، كىنوغا دائىر بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  كىنو پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئېڭىنى كۈچەيتىشى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تەتبىقلاش، قوغداش ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ كىنو ئوبراز مەھسۇلاتى قاتارلىق ھاسىلىي مەھسۇلاتلارنى قانۇن بويىچە يارىتىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

  8- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كىنو خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ كىنو خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار كىنو خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

  9- ماددا كىنو ساھە تەشكىلاتى قانۇن بويىچە ساھەنىڭ تەلەپچان قائىدىسىنى چىقىرىدۇ، كەسپىي ئالاقىنى يولغا قويىدۇ، كەسپىي ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىدۇ، ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

  ئارتىس، رېژىسسور قاتارلىق كىنو كەسىپكارلىرى ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇشى، قانۇن- نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشى، كەسىپ ئەخلاقىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، تەلەپچانلىقنى كۈچەيتىشى، ياخشى ئىجتىمائىي ئوبراز تىكلىشى كېرەك.

  10- ماددا دۆلەت كىنو باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى قوللايدۇ، كىنو ئوبزورچىلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.

  مۇنەۋۋەر كىنولار ۋە كىنوچىلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات، شەخسلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

  11- ماددا دۆلەت باراۋەرلىك، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى كىنو خەلقئارا ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، چېگرا سىرتىدىكى كىنو بايرىمى(كۆرگەزمىسى)غا قاتنىشىشقا مەدەت بېرىدۇ.

    2- باب كىنو ئىجادىيىتى ۋە سۈرەتكە ئېلىش

  12- ماددا دۆلەت كىنو سېنارىيە ئىجادىيىتى ۋە تېما، ژانىر، شەكىل، ۋاسىتە قاتارلىقلاردا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدۇ، كىنو ئىلمىي مۇھاكىمىسىگە ۋە كەسىپ ئالاقىسىگە ئىلھام بېرىدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى كىنو ئىجادىيىتى ئېھتىياجىغا قاراپ، كىنو ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا بېرىشى، تۇرمۇش ئۆگىنىشى قاتارلىقلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

  13- ماددا كىنونى سۈرەتكە ئالىدىغان قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار كىنو سېنارىيەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك؛ بۇنىڭ ئىچىدە، مۇھىم تېما ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دىپلوماتىيە، مىللەت، دىن، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى تېمىلارغا چېتىلىدىغانلىرىنىڭ كىنو سېنارىيەسىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەكشۈرتۈشكە يوللىشى كېرەك.

  كىنو سېنارىيەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ياكى كىنو سېنارىيەسى مۇشۇ قانۇننىڭ 16- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى سۈرەتكە ئالماقچى بولغان كىنونىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئېلان قىلىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ئەنگە ئالغانلىق ئىسپات ھۆججىتى ياكى تەستىق ھۆججىتى بېرىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

  14- ماددا قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كىنونى سۈرەتكە ئالسا بولىدۇ؛ لېكىن دۆلەتنىڭ ئىززىتى، شۆھرىتى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزۈش، مىللىي ھېسسىياتقا بەرھەم بېرىشتەك ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلاشسا بولمايدۇ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان قىلمىشى بارلارنى سۈرەتكە ئېلىشقا تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرسىمۇ بولمايدۇ.

  ھەمكارلىشىپ سۈرەتكە ئېلىنغان كىنولاردىن ئىجادىيەت، مەبلەغ، كىرىم تەقسىماتى جەھەتلەردە نىسبەت تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرى چېگرا ئىچىدىكى قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار سۈرەتكە ئالغان كىنو دەپ قارىلىدۇ.

  چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار چېگرا ئىچىدە كىنونى سۈرەتكە ئېلىش پائالىيىتى بىلەن ئۆز ئالدىغا شۇغۇللانسا بولمايدۇ؛ چېگرا سىرتىدىكى شەخسلەر چېگرا ئىچىدە كىنونى سۈرەتكە ئېلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.

  15- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنى باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مۇشۇ قانۇن بويىچە كىنونى سۈرەتكە ئېلىش پائالىيىتىگە زۆرۈر قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

  كىنونى سۈرەتكە ئالغۇچىلار مۇھىت ئاسراش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنى باشقۇرۇش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتلەردىكى قانۇن- نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى ھەمدە سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا زۆرۈر قوغداش، ئاسراش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

  16- ماددا كىنودا تۆۋەندىكى مەزمۇنلا بولسا بولمايدۇ:

  (1) ئاساسىي قانۇندا بىكىتىلگەن ئاساسىي پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قارشى تۇرۇشقا ياكى بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قۇترىتىش؛

  (2) دۆلەتنىڭ بىرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، دۆلەتنىڭ ئىززىتى، شۆھرىتى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش، تېررورىزم، ئەسەبىيزمنى تەرغىب قىلىش؛

  (3) مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ھاقارەت قىلىش، مىللىي ئۆچمەنلىككە، مىللىي كەمسىتىشكە قۇترىتىش، مىللىي ئۆرپ- ئادەتكە زىيان يەتكۈزۈش، مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاش ياكى مىللىي تارىخىي شەخسلەرنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، مىللىي ھېسسىياتقا بەرھەم بېرىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛

  (4) دۆلەتنىڭ دىن سىياسىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قۇترىتىش، بىدئەتلىك، خۇراپىيلىقنى تەرغىب قىلىش؛

  (5) ئىجتىمائىي ئەخلاققا زىيان يەتكۈزۈش، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق ۋە زەھەركەشلىكنى، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى تەرغىب قىلىش، جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتۈش ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىش؛

  (6) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق- مەنپەئىتىگە ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ روھىي، جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش؛

  (7) باشقىلارغا ھاقارەت قىلىش، ئۇلارغا تۆھمەت چاپلاش ياكى باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىنى ئاشكارىلىۋېتىش، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش؛

  (8) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا مەزمۇنلار.

  17- ماددا قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغان كىنونى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا تەكشۈرتۈشى كېرەك.

  گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىشى كېرەك. مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىنى ئاشكارا قويۇشقا رۇخسەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى بېرىشى ھەمدە ئېلان قىلىشى كېرەك؛ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنى ئاشكارا قويۇشقا رۇخسەت قىلماسلىقى، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

  گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، كىنو تەكشۈرۈش كونكرېت ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىنى تۈزۈشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك. كىنو تەكشۈرۈش كونكرېت ئۆلچىمىنى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىشى ھەمدە مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ دەلىللىشى كېرەك.

  18- ماددا كىنو تەكشۈرۈشكە ئاز دېگەندە بەش مۇتەخەسسىس قاتنىشىشى، مۇتەخەسسىسلەر باھالاش پىكرى بېرىشى كېرەك. قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالاش پىكرىگە باشقىچە پىكرى بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى مۇتەخەسسىسلەرنى يەنە بىر قېتىم باھالاشقا تەشكىللىسە بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالاش پىكرىنى تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك.

  ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسلەر مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى ئىچىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى ۋە كىنو تېمىسىغا ئاساسەن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇتەخەسسىس تاللاش ۋە كىنو باھالاشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

  19- ماددا ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى ئالغان كىنونىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈشكە قايتا يوللاش كېرەك.

  20- ماددا كىنونى سۈرەتكە ئالغان قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى بەلگىسىنى كىنونىڭ بېشىغا چىقىرىشى؛ قويۇلىدىغان كىنونىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن تاماشىبىن قاتارلىق تاماشىبىنلاردا جىسمانىي ياكى روھىي بىئاراملىق پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولسا، ئەسكەرتىشى كېرەك.

  ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان كىنونى تارقىتىشقا، قويۇشقا، ئالاقە تورى، تېلېگراف تورى، رادىيو- تېلېۋىزىيە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تورلىرىدا تارقىتىشقا، ئۈن- سىن بۇيۇمى قىلىپ ئىشلەشكە بولمايدۇ؛ لېكىن دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

  21- ماددا سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغان كىنولاردىن ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى ئالغانلىرىنى كىنو بايرىمى(كۆرگەزمە)غا قاتناشتۇرۇشقا بولىدۇ. چېگرا سىرتىدىكى كىنو بايرىمى(كۆرگەزمە)غا قاتناشتۇرۇلىدىغانلىرىنى چېگرا سىرتىدىكى شۇ كىنو بايرىمى(كۆرگەزمە) ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئالاقىدار ماتېرىياللارنى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

  22- ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار چېگرا سىرتى كىنولىرىنى يۇيۇش- كۆپەيتىش، پىششىقلاش، كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ، لېكىن دۆلەتنىڭ ئىززىتى، شۆھرىتى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان، مىللىي ھېسسىياتقا بەرھەم بېرىدىغان مەزمۇن بار چېگرا سىرتى كىنولىرىغا ئالاقىدار كەسىپلەرنى ئۈستىگە ئالسا بولمايدۇ.

  23- ماددا دۆلەت قۇرغان كىنو ئارخىپى ئاپپاراتى كىنو ئارخىپىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىدۇ، يىغىدۇ، رەتلەيدۇ، ساقلايدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىدۇ.

  دۆلەت قۇرغان كىنو ئارخىپى ئاپپاراتى زۆرۈر ئەسلىھەلەرنى سەپلىشى، ئىلغار تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، كىنو ئارخىپىنى باشقۇرۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  كىنونى سۈرەتكە ئالغان قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخىپ قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، كىنو ئارخىپىنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ھەمدە دۆلەت قۇرغان كىنو ئارخىپى ئاپپاراتىغا كىنو ئارخىپىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، ھەدىيە قىلىشى، ساقلاشقا بېرىشى كېرەك.

    3- باب كىنو تارقىتىش، قويۇش

  24- ماددا كارخانىلاردىن كىنو تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان خادىم ۋە مەبلەغ شارائىتىنى ھازىرلىغانلىرى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا ياكى شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن، كىنو تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

  كارخانىلار، يەككە سودا- سانائەتچىلەردىن كىنو تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان خادىم، سورۇن، تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنە شارائىتلىرىنى ھازىرلىغانلىرى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن، كىنوخانا قاتارلىق مۇقىم كىنو قويۇش سورۇنلىرىدا كىنو قويۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

  25- ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، كىنو تارقىتىش، قويۇش پائالىيىتىنى تەستىقلايدىغان كىنو مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك. شەرتكە توشقانلىرىنى تەستىقلاپ، ئۇلارغا كىنو تارقىتىش تىجارىتى ئىجازەتنامىسى ياكى كىنو قويۇش تىجارىتى ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ؛ شەرتكە توشمايدىغانلىرىنى تەستىقلىمايدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  26- ماددا كارخانىلار ۋە شەخسلەردىن سەييارە كىنو قويۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىرى كارخانا نامى ياكى تىجارەتچىنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، ئادرېسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، قويۇش ئۈسكۈنىلىرىنى تىجارەت قىلىدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

  27- ماددا دۆلەت يېزىلاردا كىنو قويۇشنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ، ھۆكۈمەت مەبلەغ ئاجرىتىپ، يېزا- كەنتلەردە پاراۋانلىق خاراكتېرلىك كىنو قويۇش مۇلازىمەت تورىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، جەمئىيەت مەبلىغىنى يېزىلاردا كىنو قويۇشقا سېلىشقا پائال يېتەكلەپ، يېزىلاردا كىنو كۆرۈش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ كىنو كۆرۈش ئېھتىياجىنى بىر تۇتاش كاپالەتلەندۈرىدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلاردا پاراۋانلىق خاراكتېرلىك كىنو قويۇشنى يېزا جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، يېزىلاردا پاراۋانلىق خاراكتېرلىك كىنو قويۇشقا ياردەم پۇل بېرىدۇ.

  يېزىلاردا پاراۋانلىق خاراكتېرلىك كىنو قويۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ ساختا مەلۇم قىلىش، كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق يېزىلاردا پاراۋانلىق خاراكتېرلىك كىنو قويۇش ياردەم مەبلىغىنى ئېلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  28- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ، كىنو مەسئۇل تارمىقى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق كىنولارنى بىرلىكتە تەۋسىيە قىلسا بولىدۇ ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقسىز كۆرۈشىنى قوللايدۇ، ئۇنى مەكتىپى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  دۆلەت كىنوخانىلار، شۇنىڭدەك سەييارە كىنو قويۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كارخانىلار ۋە شەخسلەرنى بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىش، شارائىتى ئوخشىمايدىغان قويۇش زالى سېلىش، مەھەللە قويۇش نۇقتىسى قۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ياشانغانلار، مېيىپلەر، شەھەر- بازارلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاھالە، شۇنىڭدەك شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ كىنو كۆرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ؛ كىنوخانىلار، شۇنىڭدەك سەييارە كىنو قويۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇنلانغۇچى كارخانىلار، شەخسلەرگە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى مۇكاپات ياردەم پۇلى بەرسە بولىدۇ.

  29- ماددا كىنوخانىلار چېگرا ئىچىدىكى قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار ئىشلىگەن كىنولارنى قويۇش قېتىم سانى ۋە ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك، قويۇش ۋاقتى يىللىق قويۇش ئومۇمىي ۋاقتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كەم بولسا بولمايدۇ.

  كىنوخانىلار، شۇنىڭدەك سەييارە كىنو قويۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كارخانىلار، شەخسلەر كىنو قويۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر