ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق «تۆۋەن چېكى»نى ساقلىدى

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يىن يۈلىن

2017.10.02 12:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016- يىلى 8- ئايدا مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنىغا قاتناشقاندا: ئومۇمىي خەلق ساغلام بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتمۇ بولمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. 2016- يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر يىلى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز تەكشۈرتۈشنى يولغا قويدى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىشتەك ئىرادىسى ۋە بۇ جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى تولۇق نامايان قىلدى.

    بىرىنچى، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى

  ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، خەلقنىڭ ساغلاملىقى ھەم خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى، ھەم ئىجتىمائىي، سىياسىي مەسىلە. ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈشنى قانات يايدۇرۇش ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈش، سالامەتلىكنى ئاسراشتەك ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ تەخىرسىز ئېھتىياجنى چىقىش قىلغان بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇلدى.

  ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىنى قانات يايدۇرۇش باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدا ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلىغاندىلا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت پولات سېپىلىنى، پولات قورغانىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.

  ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىنى قانات يايدۇرۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر. ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق «بالدۇر بايقاپ، بالدۇر دىياگنوز قويۇپ، بالدۇر داۋالىغان»دىلا، ھەممە كىشىنى ئاساسىي داۋالىنىش سەھىيە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش نىشانىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ساغلام، بەختلىك بولغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ.

    ئىككىنچى، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ساغلاملىق ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتى

  ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئاساس سالدى. ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىنى قانات يايدۇرۇش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بولۇپمۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاممىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك پەرۋىش قىلىش ھەم قاراتمىلىق داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئاساس سالدى.

  ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادى مۇستەھكەملەندى. ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خەلقنى قەلبىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكىنى نامايان قىلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە.

  ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار، ھەر دەرىجىلىك كادىرلاردا ھەر مىللەت ئاممىنى مەركەز قىلغان مۇلازىمەت ئېڭى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلدى. ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇش زور سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، تەشكىللەش، ئورۇنلاشتۇرۇش، كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ۋەزىپىلەر ئېغىر ھەم مۇرەككەپ. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، بولۇپمۇ تېببىي خادىملار چوقۇم ھەر مىللەت ئاممىنى مەركەز قىلغان مۇلازىمەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خىزمەتنى قىزغىن ۋە ئىنچىكە ئىشلەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، ئىللىقلىقىنى ئاممىغا ھەقىقىي يەتكۈزۈشى كېرەك.

    ئۈچىنچى، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى دائىملاشتۇرۇلۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈلۈپ، «ساغلام شىنجاڭ» قۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى

  ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى «ساغلام شىنجاڭ» قۇرۇش نىشانى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىنى دائىملاشتۇرۇش ۋە ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش ھەر مىللەت ئاممىنى ئادىل، سىستېمىلىق، دائىملىق ساغلاملىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىپ، «ساغلام شىنجاڭ» قۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ.

  ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى «ساغلام شىنجاڭ» قۇرۇش ئۈچۈن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان خەتەرلىك ئامىللارنى تەكشۈرۈپ چىقتى. ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش ئارقىلىق، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ساغلاملىق ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش خىزمىتى تەدرىجىي يولغا قويۇلۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەم قاراتمىلىق ھالدا داۋالاش تەدبىرى قوللىنىلىپ، تۈرلۈك كېسەللەرنىڭ ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا يەتكۈزىدىغان زىيىنى تىرىشىپ ئازايتىلدى.

  ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش «ساغلام شىنجاڭ» قۇرۇش بويىچە داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىدى. 2016- يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈشكە ئاپتونوم رايون 1 مىليارد 499 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، چوڭ تىپتىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدىن 2000 نەچچىنى ئىشقا سالدى. ئاپتونوم رايون ئۈچ يىل ئىچىدە يېزا- كەنتلەرنى ئىككى دەرىجە بويىچە ئۆلچەملەشكەن قۇرۇلۇش بىلەن قاپلاپ بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ، خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى، ئۈسكۈنە سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى ۋە جايلىشىشىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمىتى «تور ئاساسى»نى پۇختىلىدى.

  ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىنى دائىملاشتۇرۇش «ساغلام شىنجاڭ» قۇرۇشنىڭ ساغلام بولغان ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى پۇختىلىدى. 2016- يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش نۇقتىسىدىن 1187سى تەسىس قىلىندى، داۋالاش ۋە پەرۋىش خادىمىدىن 36 مىڭ 400ى سەپلەندى، 17 مىليون 500 مىڭ ئادەم (قېتىم) سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش نىسبىتى%100كە يېتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش ئومۇملاشتۇرۇلدى. 2017- يىلى 2- قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە 1 مىليارد 785 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش، سالامەتلىكى تەكشۈرۈلىدىغانلارنى 21 مىليون ئادەمگە يەتكۈزۈش پىلانلاندى. 9- ئاينىڭ 20- كۈنىگە قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدا 13 مىليون 467 مىڭ 900 ئادەم(قېتىم) سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش نىسبىتى %72.18كە يەتتى؛ 7 مىليون 846 مىڭ ئادەم(قېتىم)نىڭ ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇش نىسبىتى %42.5كە يەتتى. بارلىق داۋالاش خادىملىرى مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇردى.

  ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، قولايلىق داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى. سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر، ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى»نىمۇ قاپلاپ، «ساغلاملىق يولى» ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشىغا، ئومۇميۈزلۈك ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قارار- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يولغا قويۇشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە، ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر