ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ساداقىتىنى قايغۇلۇق ياد ئېتىمىز

ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى مۇراسىمغا قاتناشتى

2017.10.01 14:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار 9- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارنى ئوڭشىماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30- سېنتەبىر تېلېگراممىسى. خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ساداقىتىنى قايغۇلۇق ياد ئېتىمىز. ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار پايتەختتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە مۇراسىمغا قاتناشتى.

  ھەيۋەتلىك تيەنئەنمېن مەيدانىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقلار جەۋلان قىلىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان « ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز» دېگەن خەت چىقىرىلغان غايەت زور گۈل سېۋىتى ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا بولغان گۈزەل تىلەكلەرنى ئىپادىلەيتتى، گۈل سېۋىتىدىكى «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋالايلى» دېگەن خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

  سائەت 10غا ئاز قالغاندا شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئوركېستىرىنىڭ كانايچىسى «ئىنقىلابىي قۇربانلار كۈنى بۇرغىسى»نى ياڭراتتى، چوڭقۇر مۇھەببەتلىك مېلودىيەدىن ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان چەكسىز سېغىنىش ھېسسىياتى ئەكس ئېتەتتى.

  «ھۆرمەت قاراۋۇللىرى تەييارلىنىڭلار!» دەپ بۇيرۇق بېرىلىشى بىلەن، ئۈچ ئارمىيەنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مىلتىقلىرىنى تۇتۇپ تىك تۇردى.

  دەل سائەت 10دا خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. ھەربىي ئوركېستىر «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر يۇقىرى ئاۋازدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

  دۆلەت شېئىرى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، مەيداندىكىلەر ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆرە تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى تەقدىم قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى.

  سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، گۈل تۇتقان ئۆسمۈرلەر خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، «بىز كوممۇنىزم ئىزباسارلىرى» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى ھەم كوللېكتىپ ھالدا پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت سالىمىنى بەردى.

  ئامما تۈزگەن چاسا ئەترەت ئالدىغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھەدە ئامما، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ نامىدا تەقدىم قىلىنغان چوڭ تىپتىكى توققۇز گۈل سېۋىتى قاتار تىزىلغان بولۇپ، گۈل سېۋەتلىرىنىڭ قىزىل لېنتىسىغا «خەلق قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ھايات» دېگەن ئالتۇن رەڭلىك خەتلەر يېزىلغانىدى.

  ھەربىي ئوركېستىر چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان «گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇزىكىسى»نى ئورۇنلىغاندا، 18 ھۆرمەت قاراۋۇلى مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ گۈل سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ، ئاستا قەدەملەر بىلەن خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا قاراپ ماڭدى ھەم گۈل سېۋىتىنى خاتىرە مۇنارىنىڭ سۇپىسىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئارقىدىن خاتىرە مۇنارى سۇپىسىغا چىقىپ، گۈل سېۋىتى ئالدىدا توختاپ، خېلى ئۇزاق قاراپ تۇردى. ئوتقاشتەك ئانتۇرىئۇم شېزېرىيەسى، پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلسامساق، چىرايلىق ئاسىيا مەرۋايىتگۈلىگە باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى تەقدىم قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىش ھەم گۈزەل تىلەكلەر مۇجەسسەملەنگەنىدى.

  شى جىنپىڭ ئالدىغا بېرىپ گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئوڭشاپ قويدى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئاستا قەدەم بىلەن خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىنى ئايلىنىپ ئۇنىڭغا ھۆرمەت نەزەرى بىلەن قارىدى.

  شانلىق جۇڭگو قەھرىمانلارنىڭ روھىنى ئەمىن تاپقۇزۇپ، گۈللىنىش ئۇلۇغۋار ئىشلىرى زەپەر مارشىنى ياڭراتتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي پەللىگە قەدەم قويدى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتمەكتە.

  ئۆسمۈرلەر، بالىلار ۋە ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى نۆۋەت بىلەن خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، گۈل تەقدىم قىلدى ۋە خاتىرە مۇنارىغا ھۆرمەت نەزەرى بىلەن قارىدى.

  گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چى رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مۇراسىمغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى.

  گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىغا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەسئۇللىرى، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى «1- ئاۋغۇست ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ 12- قارارلىق ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرى مۇھاكىمە كۇرسىدىكى كۇرسانتلار، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار قاتناشتى.
    پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار 9- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز