ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

شى جىنپىڭ ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى تىللېرسون بىلەن كۆرۈشتى

2017.10.01 14:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30- سېنتەبىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9- ئاينىڭ 30- كۈنى خەلق سارىيىدا ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى تىللېرسون بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئومۇمەن مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. مەن زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن ياخشى ئالاقىنى ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. ئىككى تەرەپ خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش بويىچە جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت ۋە نەپ يەتكۈزۈپ، دىققەتنى ھەمكارلىققا، ئىختىلاپنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ بۇ يىل 11- ئايدا جۇڭگوغا قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئورتاق پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئورتاق تىرىشىپ، قويۇق ھەمكارلىشىپ، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك، ئالاھىدە زىيارەت بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت ھەم دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدە. ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەختى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ بەختى. جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئىختىلاپتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ھەمكارلىق ئىككى تەرەپنىڭ بىردىنبىر توغرا تاللىشى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپلىك، رايون، دۇنيا قاتلىمىدا ھەمكارلىشىشى كېرەك ھەم ھەمكارلىشالايدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ. ئىككى تەرەپ يوشۇرۇن كۈچلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، يېڭى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە نازۇك مەسىلىلەرنى سۆھبەتلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو- ئامېرىكا ھەمكارلىق ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك. خەلقنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنى دوستانە بېرىش- كېلىش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە بېرىش- كېلىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئەلرايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك.

  تىللېرسون زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزۈپ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ترامپ جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا ئىنتايىن تەقەززا بولۇۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئامېرىكا- جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىر يۆنىلىشتە مېڭىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەم خەلقئارا ۋە رايونلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

  دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز