ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ۋە ھەر ساھە ئامما خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى

2017.10.01 14:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايون 9- ئاينىڭ 30- كۈنى يەنى ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئەتتى. (مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)
  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 30- كۈنى، دۆلەت تەسىس قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ۋە ھەر ساھە ۋەكىللىرى بولۇپ 3000دىن كۆپرەك كىشى بىلەن بىرلىكتە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئازادلىقى ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ۋەسىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشتىكى قەتئىي ئېتىقادىنى تولۇق بىلدۈردى.

  ئۈرۈمچىدىكى خەلق مەيدانىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقلار جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىكى خاتىرىلەنگەن مۇنار ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ يەرگە كېلىپ، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. «پىدائىيلار مارشى» ياڭراپ، پۈتۈن مەيداندىكىلەر يۇقىرى ئاۋازدا دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

  دۆلەت شېئىرى ئوقۇلۇپ بولۇشى بىلەن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئازادلىقى ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

  تەزىيە بىلدۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پىيونېرلار «بىز كوممۇنىزم ئىز باسارلىرى» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى ھەم بىرلىكتە پىيونېرلار ئەترەت سالىمىنى بەردى.

  سەپنىڭ ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئامما، جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى نامىدا تەقدىم قىلىنغان توققۇز گۈل سېۋىتى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، بۇ گۈل سېۋەتلىرىدىكى لېنتىلارغا «خەلق قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ھايات» دېگەن ئالتۇن رەڭلىك خەتلەر يېزىلغانىدى.

  چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان «گۈل تەقدىم قىلىش مۇزىكىسى» ساداسى ئىچىدە ھۆرمەت قاراۋۇللىرى گۈل سېۋەتلىرىنى كۆتۈرۈپ ئاستا قەدەم بىلەن خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ئالدىغا كېلىپ، گۈل سېۋىتىنى خاتىرە مۇنارىنىڭ سۇپىسىغا قويدى.

  چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ پەلەمپەي ئارقىلىق خاتىرە مۇنارى سۇپىسىغا چىقىپ، گۈل سېۋەتلىرىدىكى لېنتىلارنى ئوڭشاپ قويدى.

  ئارقىدىنلا، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ رەھبەرلىرى ئاستا قەدەم بىلەن خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىنى ئايلىنىپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىكى خاتىرىلەنگەن مۇنارغا ئېھتىرام بىلدۈردى.

  ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرىدىغانلىقى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغانلىقى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز