ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

بەش يىلدا 287 مىليارد 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى

2017.10.01 13:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: «دۆلەت بايرىقى»، «دۆلەت گېربى»، « پارتىيە بايرىقى»... 9- ئاينىڭ 25- كۈنى ئەتىگەندىلا، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى خوجىلائېرىق كەنتىنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان يەسلىسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ما يالەن مۇئەللىم بالىلارنىڭ رەسىمگە قاراپ دۆلەت تىلى ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى. بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش باشلانغاندا، بۇ يەسلىگە يېقىن ئەتراپتىكى 175 بالا ھەقسىز قوبۇل قىلىنغانىدى.

  ھازىر خوجىلائېرىق كەنتىدىكىگە ئوخشاش يېڭىدىن سېلىنغان يەسلىلەر شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىدى. بۇ يىل 9- ئايدا ئوقۇش باشلانغاندا، يېڭىدىن سېلىنغان ياكى كېڭەيتىپ سېلىنغان 4408 يېزا «قوش تىل» يەسلىسى ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان 1 مىليون 176 مىڭ 200 بالا يەسلىدە ئۈچ يىل ھەقسىز ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىپ، «13- بەش يىل»دا بارلىق يېزىدا «قوش تىل» يەسلىسى سېلىش نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىنىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدا تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى.

  يېزىلاردا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ئۈچ يىللىق ھەقسىز «قوش تىل» مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون مائارىپنى باشتىن- ئاخىر خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئورنىغا قويۇپ كەلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش تېخىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2012- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن مائارىپقا سېلىنغان مەبلەغ جەمئىي 287 مىليارد 50 مىليون يۈەنگە، بۇنىڭ ئىچىدە 2016- يىلىلا 67 مىليارد 380 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2012- يىلىدىكىدىن %42.9 ئاشتى.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە 24 ناھىيە، شەھەر، رايون مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ كەسپىي مائارىپ مەخسۇس سېلىنمىسى 6 مىليارد 840 مىليون يۈەن بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتى مۇقىم ئۆسۈپ، كەسپىي مائارىپنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ۋە دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارغا ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ياردەم بېرىش، ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە، ئاپتونوم رايونىمىز مالىيە سېلىنمىسى سالمىقىنى يىلمۇ يىل ئاشۇرۇپ ھەم جەنۇبىي شىنجاڭغا نۇقتىلىق مايىللاشتۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ ئەۋج ئالدۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «قوش تىل» مائارىپى سۈپىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئالىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇقرالار ھەقىقىي نەتىجىلەردىن بەھرىمەن بولدى، تېخىمۇ كۆپ كىشى مائارىپ تەرەققىياتىدىن مەنپەئەتلەندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز