ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

19- قۇرۇلتاينى قىزغىن كۈتۈۋالايلى

پارتىيەنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ھەقىقىي ئادا قىلايلى

«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

2017.09.30 14:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەستايىدىل كۆرسىتىشى، تەكرار غۇلغۇلا قىلىشى، قاتلاممۇ قاتلام تاللىشى ئارقىلىق، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ 2287 ۋەكىلى سايلاپ چىقىلدى. ئۇلار پۈتۈن پارتىيەدىكى 89 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، 4 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ئېلىپ، ج ك پ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىغا شەرەپ بىلەن قاتنىشىدۇ. بۇ يەردە بىز پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  پات ئارىدا ئېچىلىدىغان پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە ئېچىلىدىغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قېتىملىق ناھايىتى مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشتا مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سايلىنىشى قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا قىلىنغان مۇھىم ئىدىيەۋى تەييارلىق ۋە تەشكىلىي تەييارلىق، شۇنداقلا قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا پۇختا ئاساس سالغانلىق.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدىن قاتمۇ قات تاللاپ چىقىلغان مۇنەۋۋەرلەر بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى دەرىجىمۇ دەرىجىدە تاللاپ چىققان كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر بولۇپ، نىسبەتەن يۇقىرى ئىدىيەۋى ساپاغا، ياخشى ئىستىل- پەزىلەتكە ۋە نىسبەتەن كۈچلۈك كېڭىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئورنىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن؛ ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تارقىلىشى نىسبەتەن مۇۋاپىق بولۇپ، تۈرلۈك تەشكىللىنىش نىسبىتى مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە. ئۇلار پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئارزۇ- تەلەپلىرىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، ھەر بىر ۋەكىل شەرەپلىك سالاھىيىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ تاپشۇرۇقىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى ۋە ئېغىر مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىشەنچى ۋە ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ھەر بىر سۆزى، ھەرىكىتى پارتىيەنىڭ ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بولۇپ، جەمئىيەتتىكىلەر يۈكسەك دىققەت قىلىدۇ. ۋەكىل بولۇپ سايلانغان ھەر بىر يولداش ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ھەرقاچان، ھەرجايدا ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى نامايان قىلىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 7- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، غايە، ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى؛ پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن قەتئىي ئىجرا قىلىپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز ئىش ئورنىدا تېخىمۇ ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشۇشى؛ پارتىيەنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەردە ياخشى ئوبراز تىكلەپ، ياخشى باشلامچى بولۇشى؛ ئاممىۋى لۇشيەندە باشلامچىلىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسى ۋە تەكلىپ- پىكىرلىرىنى يىغىپ، ئىنكاس قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى، كۈرەش نىشانى، ھەرىكەت پىروگراممىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى سايلاشتەك مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. يىغىن مەزگىلىدە ۋەكىللەر مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ، پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىدۇ، پارتىيەنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلايدۇ. ھەر بىر ۋەكىل كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ياخشى روھىي قىياپىتى بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىغا قاراپ چىقىشقا ئەستايىدىل قاتنىشىپ، دېموكراتىك ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈپ، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، كۆپرەك دانا ئەقىل كۆرسىتىپ، كۆپرەك مۇۋاپىق ئەمەلىي تەكلىپلەرنى بېرىپ، قۇرۇلتاينىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك. قۇرۇلتايدىن كېيىن، ۋەكىللەر پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ۋەكىللىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى ھەممە ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە، قۇرۇلتاي دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە بارلىق ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى چوقۇم ئىتتىپاقلىق قۇرۇلتىيى، غەلىبىلىك قۇرۇلتاي، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇرۇلتاي بولۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشقا قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتىدۇ!
    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29- سېنتەبىر تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز