ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قاتتىق جازالاش كېرەك

«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

2017.09.30 14:10 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش داۋاملىشىدۇكى، ھەرگىز ئاخىرلاشمايدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 9- ئاينىڭ 29- كۈنى سۈن جېڭسەينى پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش، ئۇنىڭغا دائىر جىنايەت مەسىلىلىرى ۋە يىپ ئۇچلىرىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى. سۈن جېڭسەينىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇن بايقاش ھەم تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسى، روشەن پوزىتسىيەسىنى تولۇق ئىپادىلەپ، پارتىيەمىزنىڭ چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  سۈن جېڭسەي ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇ غايە ۋە ئېتىقاد جەھەتتە تەۋرىنىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىدىن چەتنەپ، سىياسىي مەيدانىنى يوقىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاممىۋى ئىنتىزامىغا، تەشكىلىي ئىنتىزامىغا، پاكلىق ئىنتىزامىغا، خىزمەت ئىنتىزامىغا، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى. ئۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يەنىلا ھوشىنى تاپماي، قولىنى تارتمىدى، ئۇنىڭ سادىر قىلغان مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولدى. ئۇ پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپتىن چەتنەپلا قالماي، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىنى يەردە قويۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا غايەت زور زىيان يەتكۈزۈپ، جەمئىيەتتە ئىنتايىن ناچار تەسىر پەيدا قىلدى. سۈن جېڭسەينىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش پارتىيە ئىچىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پارتىيە قوشۇنىنى پاكلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، ئۆزىنى ئۆستۈرۈش قۇدرەتلىك ئىقتىدارى بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

  چىرىكلىشىش ھادىسىسى − پارتىيەنىڭ ساغلاملىقىغا ھۇجۇم قىلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش بىر مەيدان ئىس- تۈتەكسىز جەڭ. چىرىكلىشىشكە قەتئىي بوشاشماي قارشى تۇرۇپ، بۇ خىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى قەتئىي كېسىپ ئېلىۋېتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ھەققانىيەت ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىش − پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. سۈن جېڭسەينىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسى بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، مۇھىم غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى جەزمەن چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، «قىلچە يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتمەي، كۈچلۈك زەربە بېرىش ئىرادىسىنى بوشاشتۇرماي، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش جاسارىتىدىن يانماي، قاتتىق جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىرى بايقالسا بىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانچىسى بايقالسا، شۇنچىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چىرىكلىشىشتىن ئىبارەت بۇ ئەجەللىك «بۇلغىما مەنبە»نى قەتئىي يوقىتىش كېرەك.

  پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆزىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا نېمىگە تايىنىپ باشقۇرىدۇ، نېمىگە ئاساسەن ئىدارە قىلىدۇ؟ بۇنىڭدا قاتتىق ئىنتىزامغا تايىنىشقا، رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇشقا تايىنىش كېرەك. ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشتا، ئالدى بىلەن سىياسىي ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە رىئايە قىلىشتا، ئالدى بىلەن سىياسىي قائىدىگە رىئايە قىلىش كېرەك. جۇ يۇڭكاڭ، بو شىلەي، شۈ سەيخۇ، گو بوشيۇڭ، لىڭ جىخۇا، سۇ رۇڭ قاتارلىقلارنىڭ دېلولىرىدىن تارتىپ سۈن جېڭسەينىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسىغىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كومپارتىيە ئەزالىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك سىياسىي مەيداننى يوقىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرلىكىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. سۈن جېڭسەينىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش يەنە بىر قېتىم پۈتۈن پارتىيەگە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى، رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار چوقۇم سىياسىي مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشى كېرەك؛ پارتىيەگە بولغان سادىقلىقىنى چوقۇم ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئۆزىنى ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇتۇپ، ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك، ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ شەخسىيەتچىلىك قىلماسلىقى كېرەك.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سۈن جېڭسەينىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى سەلبىي دەرسلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى زور ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت، ھەممە يەردە سىياسىي ۋە ئومۇمىيەت جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار كوممۇنىستلارنىڭ «پىسخىكىسى»نى ياخشى تاۋلاپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭ تۇتۇپ، تەربىيەلىنىشتە، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتە، ئىنتىزامدا تەلەپچان بولۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ياخشى روھىي قىياپەت ۋە ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.
    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29- سېنتەبىر تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز