ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

شۆھرەت زاكىر ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىنىڭ شۆبە يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

دىققەتنى دەل جايىدا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچنى توپلاپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك

2017.09.30 14:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ شۆبە يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نىشانىغا يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى «ئەڭ قاتتىق جەڭ» بولۇپ، مەركەزلىك بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت شىزاڭ، تۆت ئۆلكىدىكى زاڭزۇلار ئولتۇراقلاشقان رايون، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، ۋە سىچۈەننىڭ لياڭشەن، يۈننەننىڭ نۇجياڭ، گەنسۇنىڭ لىنشيا قاتارلىق «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»نى نۇقتىلىق قوللايدۇ.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش، خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، مائارىپ ئارقىلىق يۆلەش، ساغلاملىق ئارقىلىق يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۆلەش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق يۆلەش، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، يەر سىياسىتى، كادىر، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە ئېغىر نامرات رايونلارغا مايىللاشقان سىياسەتنى يولغا قويۇشى كېرەك. جايلار ئۆز رايونىدىكى ئېغىر نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئومۇمىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، دىققىتىنى قىيىنچىلىق ئەڭ ئېغىر جايلارغا، قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىر ئاممىغا قارىتىپ، ئەڭ جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز رايونىدىكى ئېغىر نامرات ناھىيە، يېزا- كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى لايىھەسىنى بىر- بىرلەپ تەتقىق قىلىپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ، سىياسەت- تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئېغىر نامرات رايونلاردا ھەقىقىي ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە يىغىن ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى ۋە دىققىتىنى ئېغىر نامرات رايونلارغا قارىتىپ، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»، «بەش بىر تۈركۈم» تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش، سىياسەت جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش، تۈر جەھەتتىن تىرەك بولۇش، كەسىپ جەھەتتىن تۈرتكە بولۇش، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، دەل جايىدا نامراتلارنى يۆلەش، بىر تۇتاش كۈچ توپلاش، ئەقلىي ۋە ئىرادە جەھەتتىن يۆلەشتىن ئىبارەت «ئونغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەش»نى يولغا قويۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي خىزمەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. مېخانىزملىق قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، كۈچلەرنىڭ تەقسىملىنىشىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ نىشانلىق ياردەم بېرىش، يۆلەشنى كۈچەيتىپ، بايلىقنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۆلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېغىر نامراتلىق قورغىنىغا ھۇجۇم قىلىشتەك كۈچلۈك ھۇجۇمنى ئومۇميۈزلۈك قوزغىدى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېيىنكى باسقۇچتا، شىنجاڭ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنىڭ كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا، كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە كىرىپ يۆلەش تەدبىرلىرىنى تۇتقا، نامرات رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى شارائىتىنى ياخشىلاشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «سەككىز تۈرلۈك تەلەپ»نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى دەل جايىدا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچنى توپلاپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ قاتتىق جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى پېڭشىن، نىجات سۇلتان، بەي جىجيې شىنجاڭ شۆبە يىغىن مەيدانىدىكى يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز