ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن باتۇرانە ئىلگىرىلەش . كەسىپلەرگە نەزەر

مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش: قۇياش تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب- شىمالىغا تەكشى نۇر چاچتى

مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا

2017.09.29 11:31 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىم ئەلرايى قۇرۇلۇشى بولغان يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ئۈچ يىللىق ھەقسىز «قوش تىل» مائارىپى نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ يولغا قويۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى ئىپادىلەپ بەردى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭ بويىچە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، مائارىپ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان تۈپ، ئۇزاق مەزگىللىك، ئۇل خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

  مائارىپ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئورۇنغا قويۇلدى

  9- ئاينىڭ بېشىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىگە بارغىنىمدا، ئېگىز ئوقۇتۇش بىناسى كۆزۈمگە چېلىقتى. چىملىقتا ئوقۇغۇچىلار ئىككى- ئۈچتىن بولۇپ كىتاب كۆرۈۋاتاتتى ياكى مۇزىكا تىڭشاۋاتاتتى؛ ۋاسكېتبول مەيدانىدا بىر مەيدان مۇسابىقە قىزىپ كەتكەنىدى. ئوقۇتۇش ئەمەلىي مەشىقلەندۈرۈش رايونى، مەمۇرىي ئىشخانا رايونى، تەنھەرىكەت رايونى، مەركىزىي مەنزىرە رايونىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى. مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 114 مىڭ 600 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ئىدى. قوللىنىشچان ئېلېكتىر تېخنىكىسى، ماشىنا- ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرۇش ۋە رېمونت قىلىش، توقۇمىچىلىق تېخنىكىسى ۋە ماركېتىڭ قاتارلىق ئون نەچچە كەسىپ تەسىس قىلىنغانىدى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ يېڭى قىياپىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى جانلىق كارتىنىسى ئىدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى كۈچەپ يولغا قويدى، 2012- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپقا مالىيەدىن 287 مىليارد 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، بۇنىڭ ئىچىدە 2016- يىلىلا سېلىنغان مەبلەغ 67 مىليارد 380 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2012- يىلىدىكىدىن %42.9 ئاشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا «مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلىپ، مائارىپ خىزمىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق ئورۇنغا قويۇلدى. «تۆتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»(يەسلى بالىلىرىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست مائارىپىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، «قوش تىل» مائارىپىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، نامرات ئاممىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش)قا ئەھمىيەت بەردى، 2016- يىلى ئاپتونوم رايون «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا يەسلىلىرىدە ئۈچ يىللىق ھەقسىز <قوش تىل> مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر»، «<قوش تىل> مائارىپى خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر»، «15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «كەسپىي مائارىپنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»، «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەسلىلەرنىڭ <قوش تىل> ئوقۇتۇشىغا كادىرلار ياردەم بېرىش خىزمەت لايىھەسى» قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى يۇقىرى قاتلامدىن پىلانلاشنى مۇكەممەللەشتۈردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوننىڭ «13- بەش يىل» ۋە مائارىپ تەرەققىياتى پىلانىغا ئاساسەن، «ئاپتونوم رايونىمىزدا 15يىللىق ھەقسىز مائارىپنى يىلمۇيىل ئەمەلگە ئاشۇرۇش»تەك مائارىپنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، 2017- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا 12 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئالدىنئالا ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛ 2018- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت «ئۈچ قەدەم» ئىستراتېگىيەسى بېكىتىلدى. بىر قاتار سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى، ئاپتونوم رايونىمىزدا 828 مەكتەپ، 596 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى، 35 مىڭ 400 مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوقۇتقۇچى يېڭىدىن كۆپەيدى. يېزىلاردىكى يەسلى بالىلىرىنىڭ ئۈچ يىللىق يەسلىگە كىرىش نىسبىتى %100كە، تولۇقسىزدىن تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىغا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى %92.15كە، ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش نىسبىتى %35.32كە يېتىپ، 2012- يىلىدىكىدىن 30.84، 14.26، 8.03 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، شىنجاڭچە مۇكەممەل مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەر مۇقىم ۋەزىيەتنى ساقلىدى.

  بىرمۇ ئوقۇغۇچى ئائىلە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالمىدى

  گەرچە ئارىلىق 1400 كىلومېتىردىن كۆپرەك كەلسىمۇ، بىراق يىراقتىن ئوقۇتۇش سىستېمىسى ئارقىلىق قاراقاش ناھىيەلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىر سائەتلىك دەرسنى تەڭ ئاڭلىدى. ھازىر قاراقاش ناھىيەلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپتىكىگە ئوخشاش يىراقتىن ئوقۇتۇش سىستېمىسى ئارقىلىق دەرس ئۆتۈش ئەندىزىسى پۈتكۈل شىنجاڭنى قاپلىدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت بالىلارنى مەكتەپتە ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش تۇنجى قەدەم، ھەربىر ئوقۇغۇچىنى ياخشى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئاخىرقى نىشان. ئاپتونوم رايونىمىز 2011- يىلى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، 2015- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى%30 ئەتراپىدىكى ناھىيە، شەھەر، رايوندا ناھىيە تەۋەسىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش؛ 2020- يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايونىمىزدا ناھىيە تەۋەسىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى بېكىتتى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 42 ناھىيە، شەھەر، رايون دۆلەتنىڭ باھالاپ بېكىتىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى تاماملىنىپ، باسقۇچلۇق نىشان بېكىتىلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز «مۇكاپاتلاش، ئوقۇش قەرزى بېرىش، ياردەم بېرىش، تولۇقلىما بېرىش، ئوقۇش ھەققىنى كېمەيتىش»تەك كۆپ مەنبەلىك، بىر گەۋدىلەشكەن، يەسلى مائارىپىدىن تارتىپ ئالىي مائارىپقىچە بولغان «پۈتۈن مۇساپىلىك يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرۈپ، مائارىپ ئادىللىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تۈرلۈك ياردەم مەبلىغىدىن 2 مىليارد 432 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، 2 مىليون 75 مىڭ 200 ئوقۇغۇچى(قېتىم)غا نەپ يەتكۈزدى. «بىرىمۇ كەم بولماسلىق، بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق» پىرىنسىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2016- يىلى دەل جايىدا ياردەم بېرىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىشنى باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش ئىشخانىسى تەمىنلىگەن ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن 608 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ تىزىملىكىنى ئوقۇش باسقۇچى بويىچە رەتلەپ ھەم مەكتەپلەرگە تارقىتىپ بېرىپ، بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  «قوش تىل» مائارىپىدا تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش بولدى

  «بىرەر يەسلىنىڭمۇ ئەسلىھەسى كەمچىل بولماسلىق، بىرمۇ بالىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق» تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا- كەنتلەردە يۇقىرى سۈپەتلىك، مۇھىتى ياخشى، ئەسلىھەلىرى تولۇق 4408 يېزا «قوش تىل» يەسلىسىنى يېڭىدىن قۇردى ۋە ئۆزگەرتىپ قۇردى، بۇ يىل كۈزدە ئوقۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن بۇ يەسلىلەرنىڭ ھەممىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا يەسلىلىرىدە ئۈچ يىللىق ھەقسىز «قوش تىل» مائارىپى بويىچە «قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر قۇرۇش»، «يەسلىگە كىرىشكە تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر كىرگۈزۈش» نىشانى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئېشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئالدىنئالا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلدى.

  بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا يېڭىدىن قۇرۇلغان يەسلىلەر يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا قەد كۆتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى 1 مىليون 176 مىڭ 200 ئوقۇش يېشىدىكى بالىنىڭ ئىللىق، ئازادە مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئۆيى ئەتراپىدىلا ئەلا «قوش تىل»لىق مائارىپ تەربىيەسىدىن بەھرىمەن بولۇشى ئىشقا ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «قوش تىل» مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىندى.

  ئاپتونوم رايونىمىز قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، يەنە مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، «قوش تىل» ئوقۇتۇشىدىكى «كەمتۈكلۈك»لەرنى تولۇقلىدى.

  9- ئاينىڭ 21- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق 5- نۆۋەتلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ «قوش تىل» مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە مەيدانىدا، غۇلجا شەھەرلىك 2- باشلانغۇچ مەكتەپتىن كەلگەن مۇنىرە نىجاد يېقىملىق ئاۋازى، جانلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن تاماشىبىنلارغا ئۆز ئەتراپىدا يۈز بەرگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى ئۆلچەملىك دۆلەت تىلىدا راۋان بايان قىلىپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2016- يىلى 9- ئايغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن «قوش تىل» مائارىپىنى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچى 1 مىليون 913 مىڭ 800گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 1 مىليون 79 مىڭ 600 ئوقۇغۇچى «قوش تىل» مائارىپىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى 18 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا «قوش تىل» مائارىپى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارا «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى بەش يىل ئاۋۋالقىدىن 22 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز