ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئاپتونوم رايونىمىز يوپۇقسىز كېۋەز ئۆستۈرۈشتە زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردى

چىگىتلىك پاختىنىڭ بىرلىك ھوسۇلى 563 كىلوگىرامدىن ئاشتى، ئاق بۇلغىما مەسىلىسى ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولدى

2017.09.28 13:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز دۇڭ شاۋخۇانىڭ جۇڭگو ئۇرۇقچىلىق جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن يوپۇقسىز كېۋەز ئۆستۈرۈش نەق مەيدان يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى كېۋەز تەتقىقات ئورنى تەشكىللەپ يولغا قويغان يوپۇقسىز كېۋەز ئۆستۈرۈشتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، «چاتقالسىمان كېۋەز- 619» ناملىق يېڭى كېۋەز سورتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپ جايدا يوپۇقسىز ئۈلگە كۆرسىتىپ ئۆستۈرۈلۈپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلىپ، كېۋەزلىكنىڭ يوپۇق قالدۇقلىرىدىن بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلىش ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلىنغان.شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ مۇھىم كېۋەز ئۆستۈرۈلىدىغان رايون بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 20 مىليون موغا يېتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە كېۋەز تېرىلىدىغان كۆلەمنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسىمىنى ئىگىلەيدۇ.

  جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى كېۋەز تەتقىقات ئورنىنىڭ سابىق باشلىقى يۈ شۇشىن مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭدا يوپۇقسىز كېۋەز ئۆستۈرۈشتە ئۈنۈپ چىقىش نىسبىتى، مايسا بولۇش نىسبىتى، بالدۇر ئېچىلىشى ئاچقۇچلۇق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. «چاتقالسىمان كېۋەز- 619» ناملىق يېڭى كېۋەز سورتى مول ھوسۇللۇق، بالدۇر ئېچىلىدىغان، شورغا، تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا چىدايدىغان تۆت ئاتىلىق ۋە ئانىلىق تۈپىنى بىرىكتۈرۈپ تاللاپ يېتىشتۈرۈلگەن سورت بولۇپ، تېمپېراتۇرا پەرقى زور، شورلۇق، كۈن نۇرى ئۇزاق چۈشىدىغان جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا يوپۇقسىز ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە بىر يۈرۈش يانداش ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىرىنى تەتقىق قىلىپ چىقتۇق، بۇ تېخنىكىلار تەننەرخنى تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق.

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى كېۋەز تەتقىقات ئورنى تاللاپ يېتىشتۈرگەن «چاتقالسىمان كېۋەز- 619» ناملىق يېڭى كېۋەز سورتى بالدۇر ئېچىلىش، شورغا، تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا چىداش قاتارلىق ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولۇپ، يوپۇقسىز شارائىتتىمۇ تېز بىخ سۈرۈپ، ئۈنۈپ چىقىدىغان، ئۈنۈپ چىقىش نىسبىتى ۋە مايسا بولۇش نىسبىتى يوپۇق يېپىلغان شارائىتتىكى ئۈنۈپ چىقىش نىسبىتى ۋە مايسا بولۇش نىسبىتى بىلەن روشەن پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، يوپۇقسىز بالدۇر ئېچىلىپ، تۇراقلىق ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشى ۋە ھوسۇلنى ئۆلچىشىگە ئاساسلانغاندا بۇ خىل سورتتىكى كېۋەزنىڭ چىگىتلىك پاختىسىنىڭ مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى 365 كىلوگىرامدىن يۇقىرى، يۇقىرى ھوسۇللۇق يەرنىڭ مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى 400 كىلوگىرامدىن يۇقىرى بولۇپ، بالدۇر ئېچىلىش، يۇقىرى ھوسۇللۇق بولۇشتەك ئاساسىي خۇسۇسىيىتى گەۋدىلەنگەن. ئۈچىنچى تەرەپ پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى باھالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ باھالىشىچە، بۇ تېخنىكا كېۋەزلىكنىڭ يوپۇق قالدۇقىدىن بۇلغىنىشىنى بىر تەرەپ قىلىشنى مۇھىم يول بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيەگە يەتكەن.

  20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن بۇيان، شىنجاڭدا يوپۇق يېپىش تېخنىكىسى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ كېۋەز ئۆستۈرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، كېۋەز ھوسۇلى زور دەرىجىدە ئېشىپ، كەسىپ ئەھلىلىرى تەرىپىدىن بىر مەيدان «ئاق ئىنقىلاب» دەپ ئاتالغان. لېكىن، يوپۇق مىقدارىنىڭ بارغانسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يوپۇق قالدۇقلىرى تۇپراق قۇرۇلمىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، «ئاق ئىنقىلاب» بارا- بارا «ئاق بۇلغىما»غا ئايلانغان.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا 1982- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە شىنجاڭ دېھقانچىلىق رايونلىرىغا تەخمىنەن 2 مىليون 500 مىڭ توننا يوپۇق ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كېۋەزلىككە يېپىلغان يوپۇق شىنجاڭدىكى يوپۇق ئىشلىتىلىش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %60ىنى ئىگىلىگەن، شىنجاڭ مەملىكەتتىكى يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان يوپۇق قالدۇقىدىن مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، شىنجاڭ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئېتىزغا ئىشلىتىلىدىغان يوپۇقنى باشقۇرۇش نىزامى» ۋە «دېھقانچىلىق يېرىگە پولى ئېتىلېنلىق پۈۋلەنگەن نېپىز يوپۇق يېپىش»تىن ئىبارەت مەجبۇرلاش خاراكتېردىكى يەرلىك ئۆلچەمنى يولغا قويغان؛ 282 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ 62 ناھىيەدە 66 يوپۇق يىغىۋېلىش، پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرغان، 270 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ 41 ناھىيەدە بىنەم دېھقانچىلىق (يوپۇق يىغىۋېلىش)قا تولۇقلىما بېرىش تۈرىنى يولغا قويغان.

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى تاڭ خۇاجۈن يوپۇقسىز كېۋەزلىكتىكى كېۋەزلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بۇ نەتىجە كېۋەزلىكلەردە يوپۇقسىز ئۆستۈرۈش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ كېۋەزلىكلەردىكى يوپۇق قالدۇقىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە ئىشلەنمىگەن پاختىنى بۇلغىشىنى ئازايتىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز