ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

باش نىشاننى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مائارىپ سېپىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2017.09.28 12:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 9- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە ئامانلىقنى ساقلاش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مائارىپ سېپىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بىرىنچى، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەر باش نىشان ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش نىشان ئارقىلىق مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش بازىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى كېرەك. ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى، دۆلەت تىلى مائارىپى، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسنى پۇختىلاش كېرەك. مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەر ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى سىجىل مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، مائارىپنىڭ مۇقىم تەرەققىيات ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشى كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇش كېرەك. «ئىشلىتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ياخشى ئىشلىتىپ، ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇش كېرەك. سىنىپ مۇدىرى، يېتەكچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆلچەم بويىچە تولۇق تاللاپ، قابىللارنى سەپلەپ، تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپلىشىش سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىدىكى باشلامچىلارغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئوقۇش باشلاش مەزگىلىدىكى مەركەزلىك تەربىيەلەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى ئەھۋالى، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش ۋە تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۆت تەرەپنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇش كېرەك. «سىنىپ، ياتاق، ئاشخانىغا كىرىش، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا- ئانىلار بىلەن ئالاقە باغلاش، ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوستلىشىش»نى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، بۇ پائالىيەتنى ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ۋە ئاممىۋى خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك تۇتقىسىغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، «ئۈچ ئىش چىقماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مائارىپ سېپىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە مائارىپ سىستېمىسى بويىچە «چوڭ ئىش چىقماسلىق، ئادەتتىكى ئىش چىقماسلىق، ئۇششاق ئىشمۇ چىقماسلىق»قا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بۇ، ھازىرقى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە بولۇپ، جەزمەن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، چىڭ، ھەقىقىي، ياخشى تۇتۇش كېرەك. زىددىيەت ۋە ماجىرالارنى تەكشۈرۈپ ھەل قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئامانلىق ساقلاش خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق باشقۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ھەر مىللەت كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار بوشاڭلىق قىلىش، بىخۇدلىق قىلىش، زېرىكىش كەيپىياتىنى يېڭىپ، ئىزچىل كۈچەپ، مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەر پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، تەشۋىق قىلىش ۋە روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئەڭ چوڭ سىياسىي ۋەزىپە دەپ بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلەر ئۈستىدە كەڭ- كۇشادە پاراڭلىشىپ، قويۇق ئۆگىنىش، تەشۋىقات كەيپىياتى يارىتىشى كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچ ئىش چىقماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىشتەك ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز