ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

2020- يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ سىنىپلار تۈگىتىلىدۇ

2017.09.28 11:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز رەناگۈل خۇدابەردىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <13- بەش يىللىق پىلان> مەزگىلىدە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ سىنىپلارنى تۈگىتىش مەخسۇس تۈر پىلانى»نى تۈزۈپ تارقاتقان. «پىلان»دا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 1- يىللىقلارنىڭ ئوقۇغۇچى سانىنى قاتتىق كونترول قىلىش، باشقا يىللىقلاردىكى ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ سىنىپلارنى پەيدىنپەي تۈگىتىش، تۆت يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، 2017- يىلى قاراماي شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرىدە ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ سىنىپلار تۈگىتىلگەن. 2018- يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ئوقۇغۇچى كۆپ سىنىپلار تۈگىتىلىدىكەن. 2020- يىلىغا بارغاندا ئوقۇغۇچى سانى 56دىن كۆپ بولغان چوڭ سىنىپ تۈگىتىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى سانى 55تىن ئاشماسلىق تەلىپى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن.

  «پىلان»دا مەكتەپلەرنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر بىلەن يېزىلارغا ئوقۇتقۇچى سەپلەشنى بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، شەھەر- بازارلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئاجىز مەكتەپلەر ۋە يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ سىنىپلارنى تۈگىتىش تەكىتلەنگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز