ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئاپتونوم رايونىمىزدا بالىلار كېسەللىكلىرىنى داۋالاش شارائىتى تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ

2017.09.28 11:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز گۈلمىرە مۇھەممەدنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى (شىمالىي دوختۇرخانىسى) قۇرۇلۇشى 9- ئاينىڭ 15- كۈنى رەسمىي باشلانغان. بۇ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرىگە 2 مىليارد 280 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانغان. قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئومۇمىي كارىۋات سانى 1200گە يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بالىلار كېسەللىكلىرىنى داۋالاش شارائىتى تېخىمۇ ياخشىلىنىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى (شىمالىي دوختۇرخانىسى) قۇرۇلۇشى تۈرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) ۋېيسەن يولىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ئۈچ يىلدا قۇرۇلۇشنى تاماملاش پىلانغان بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 230 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇش تۈرى يۇقىرى ئۆلچەمدە پىلانلىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە لايىھەلىنىپ، خەلقئارا سەۋىيەدىكى بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جىددىي، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش- قۇتقۇزۇش، بالىلاردىكى يۇقۇملۇق كېسەل ۋە قان كېسىلى قاتارلىقلارنى داۋالاش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان بالىلار دوختۇرخانىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر بۇ دوختۇرخانا زاپاس ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنىڭ بەش يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ، زاپاس تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى باشلىغان. تەربىيەلەش خىزمىتى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچى تەربىيەلەشتىن تارتىپ، يۇقىرى ئۇنۋانلىق تېببىي خادىملار ۋە ئالاقىدار ياردەمچى خادىملارنى تەربىيەلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلار كىرگۈزۈلۈپ، ئاغرىقلارغا ئەلا، يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز