ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ

2017.09.27 19:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز رەناگۈل خۇدابەردىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى (بېيجىڭ ۋاقتى) سائەت 8دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 8گىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا ئاساسەن ئارزۇ تولدۇرسا بولىدىكەن، ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرمىغان ئوقۇغۇچى سانى شۇ مەكتەپنىڭ ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس)قا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي پىلانىنىڭ %10تىن ئېشىپ كەتسە، تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ھەممە ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس قاتلىمىغا تولۇقلاپ ياكى ئالماشتۇرۇپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنمايدىكەن ھەم ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان، لېكىن بەلگىلىگەن ۋاقىت ئىچىدە مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرمىغان ئوقۇغۇچىلار تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرسا بولمايدىكەن. بۇ قېتىمقى تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا نومۇر چېكىنى تۆۋەنلىتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن، شۇڭا قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىگە يېتەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرسا بولىدىكەن. بۇ قېتىممۇ قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلەر قايتا ئوقۇسا ياكى كەسپىي مەكتەپلەر، چوڭلار ئالىي مائارىپىغا ئىمتىھان بېرىشنى ئويلاشسا بولىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز