ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

«قوش غەرب» يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە

2017.09.27 19:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    سۈرەتتە: ئىشچىلار 25- سېنتەبىر «قوش غەرب تاشيولى» قورغاس پورتىنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈش رايونى بۆلىكىدە ئىشلىمەكتە. (يۇ يىچاڭ فوتوسى)
  جۇڭگو-قازاقىستان 2008- يىلى بىرلا ۋاقىتتا «ياۋروپانىڭ غەربى- جۇڭگونىڭ غەربى» يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (قىسقارتىلىپ «قوش غەرب تاشيولى» دەپ ئاتىلىدۇ) تۈر قۇرۇلۇشىنى باشلىغانىدى، بۇ تاشيول شەرقتە جياڭسۇنىڭ ليەنيۈنگاڭدىن باشلىنىپ، قورغاس پورتىدىن ئۆتۈپ قازاقىستانغا كىرىپ، ئاخىرىدا رۇسىيەنىڭ سانت پېتىربۇرگقا بېرىپ، ياۋروپا تاشيول تورى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 8445 كىلومېتىر كېلىدۇ. دۆلەت يولى 218- لىنىيەسىنىڭ قورغاس پورتى يول بۆلىكى قۇرۇلۇشى «قوش غەرب تاشيولى»نىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇپ، قورغاس پورتىنىڭ جەنۇبىدىكى بىرلەشمە تەكشۈرۈش رايونىدىن باشلىنىدۇ، ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قورغاس ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى بىلەن تۇتىشىدۇ، بۇ بۆلەكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 10.2 كىلومېتىر بولۇپ، 10- ئاينىڭ ئاخىرى پۈتۈش مۆلچەرلەندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز