ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مائارىپ تۈزۈلمىسى- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.09.25 11:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 24- سېنتەبىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مائارىپ تۈزۈلمىسى- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دەپ ئېلىندى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە ۋە دۆلەت مائارىپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مائارىپنى ئاۋۋال راۋاجلاندۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ساھەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك، يېتەكچىلىككە ئىگە ئىسلاھات تەدبىرلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلدى، مائارىپنىڭ جامائەت مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە مائارىپ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تۈزۈمى سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىدىن يۇقىرى قاتارىغا ئۆتۈپ، 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك خەلق تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ باراۋەر بولغان مائارىپقا ئىگە بولدى، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جەمئىيەت ئىناقلىقى ئۈچۈن كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشەنچى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. مائارىپ تۈزۈلمىسى- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ، 4- ، 5- ، 6- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپنى خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مائارىپنى مائارىپ قانۇنىيىتى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردە تولۇق يېتىشكەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى كۈچەپ تەربىيەلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش.

  «پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مائارىپ تۈزۈلمىسى- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى: (1) جۇڭگودا يىلتىز تارتىشنى جۇڭگو- چەت ئەللەرنىڭكىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر مائارىپ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، دۇنيانىڭ ئىلغار مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئىلىم تەتقىق قىلىش تەجرىبىسىنى قوبۇل قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. (2) نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نەزەردە تۇتۇپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا مەركەزلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ مەنپەئەتلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. (3) «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش»نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەت ئىسلاھاتىنى ياخشىلاپ، بېرىشكە تېگىشلىك ھوقۇقنى قەتئىي تۆۋەنگە بېرىش، باشقۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ھەقىقىي، ياخشى باشقۇرۇپ، ئىش داۋامىدىكى ۋە ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت، مەكتەپ، جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى يېڭىچە مۇناسىۋەتنى ئورنىتىش كېرەك. (4) يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ئاساسىي قاتلامدا ئىزدىنىش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. سىستېمىلىق پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، «دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلان ئومۇمىي پىروگراممىسى 2010- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە)» قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىجادچانلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، يەرلىك بىلەن مەكتەپنىڭ ئىسلاھاتتىكى ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا تۈزۈم ۋە سىياسەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مائارىپ تۈزۈلمىسى- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق نىشانى: 2020- يىلىغا بارغاندا مائارىپنىڭ ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈم سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىپ، ھاياتىي كۈچكە، ئۈنۈمدارلىققا ئىگە، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، ئىلمىي تەرەققىياتقا پايدىلىق بولغان مائارىپ تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مائارىپقا ئائىت قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى يەنىمۇ ھەل قىلىپ، ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە ماكرولۇق باشقۇرىدىغان، مەكتەپ قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا مەكتەپ باشقۇرىدىغان، جەمئىيەت تەرتىپلىك ئىشتىراك قىلىدىغان، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىرىكمە كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەندىزىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە، دۇنياۋى سەۋىيەگە ئىگە زامانىۋى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشنى تۈزۈم تىرىكىگە ئىگە قىلىش.

  «پىكىر»دە ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى سىستېمىلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى بەرپا قىلىشنى يېتەكچى قىلغان ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى بىر گەۋدىلەشكەن ئەخلاق تەربىيەسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش تەكىتلەندى. ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئەخلاق تەربىيەسى نىشانىنى ئىلمىي بېكىتىپ، ئەخلاق تەربىيەسى مەزمۇنى، يولى، ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق لايىھەلەپ، ئەخلاق تەربىيەسىنى قاتلاممۇقاتلام چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئىچكى جەھەتتە ئىدىيەگە سىڭدۈرۈپ، تاشقى جەھەتتە ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. غايە- ئېتىقاد تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئورتاق غايە تۇرغۇزۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھى تەربىيەسى، ئەخلاق تەربىيەسى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تەربىيەسى، قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. بارلىق خادىملار ئادەم تەربىيەلەش، پۈتكۈل جەرياندا ئادەم تەربىيەلەش، ھەر تەرەپلىمە ئادەم تەربىيەلەش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى دەرسلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى مەزمۇنىنى تولۇق قېزىپ، ئەخلاق تەربىيەسى دەرسى، ئىدىيە- سىياسىي دەرسلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىدىيە- سىياسىي تەربىيە شەكلى، ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى، ئەخلاق تەربىيەسى بىلەن پىسخىك تەربىيەنى، دەرسخانا تەربىيەسى بىلەن دەرستىن سىرتقى تەربىيەنى، مەكتەپ تەربىيەسى بىلەن مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى مەسىلىنى ھەل قىلىش بىلەن ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، مايىللىق كۈچى ۋە قاراتمىلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. تەبىئىي بايلىق، ئىنقىلابىي بايلىق، مەدەنىيەت بايلىقى، تەنتەربىيە بايلىقى، پەن- تېخنىكا بايلىقى، دۆلەت مۇداپىئەسى بايلىقى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار بايلىقىنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قەھرىمان، نەمۇنىچىلار، داڭلىق ئوقۇتقۇچى، مۇتەخەسسىس، ئىلىم- پەن باشلامچىلىرىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەكتەپ تارىخى، مەكتەپ ئىستىلى، مەكتەپ تەربىيەسى، مەكتەپ ناخشىسىنىڭ تەربىيەلەش رولىنى قېزىپ، مەكتەپ پارتكومى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىلاتىنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە كوچا، مەھەللە، بازار، كەنت، ئائىلە ئورتاق ئادەم تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۆمۈرلۈك روناق تېپىشقا تىرەك بولىدىغان، دەۋر تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ھالقىلىق ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلاردا ئاساسىي بىلىم ۋە ئاساسىي ماھارەت يېتىلدۈرۈش داۋامىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھالقىلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش، لوگىكىلىق ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش، ئۇچۇرنى پىششىقلاش، ئۆگىنىشنى بىلىش، تىل ۋە يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەش ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۇلاردا ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنى باشقۇرۇش، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش، كوللېكتىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆگىنىشكە، شەخس بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىشكە، ئەخلاق مىزانى ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئوقۇغۇچىلاردا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قىزىقىشى، تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىنى قوزغاپ، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرى يېتىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى دادىل ئىزدىنىش، دادىل سىناق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلاردا كەسپىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى جەمئىيەت ئېھتىياجىغا ماسلىشىش، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەش، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىشتەك كەسپىي روھ تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پائال ھەرىكەتكە كېلىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش كېرەك. تەنتەربىيەنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، گۈزەللىك تەربىيەسى ئاجىز بولۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئەمگەك تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  «پىكىر»دە يەسلى مائارىپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا پايدىلىق تۈزۈلمە- مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى. تۈرلۈك شەكىلدە يەسلى قۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، يەسلىگە كىرىش قىيىن، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەندى. يەسلى مائارىپىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە يەسلى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، گوۋۇيۈەن رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئۆلكە، شەھەرلەر بىر تۇتاش پىلانلايدىغان، ناھىيەنى ئاساس قىلغان يەسلى مائارىپىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۆلكە، شەھەردىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، نامرات رايونلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا- بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ناھىيەنى بىرلىك قىلىپ، يەسلىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما پىلانىنى تۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم يەسلىلەرنى يېڭىدىن قۇرۇش، كېڭەيتىپ قۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي كۈچلەرنى يەسلى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، پۇقراۋى يەسلىنىڭ ئاممىغا يۈزلەنگەن، ھەق ئېلىشى مۇۋاپىق، سۈپىتى لاياقەتلىك، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى قوللاش كېرەك. مائارىپقا ئىلمىي كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، « باشلانغۇچلاشتۇرۇش» خاھىشىنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك. بالىلارنى ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئويۇننى ئاساسىي پائالىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بالىلارنىڭ تۇرمۇش، دەم ئېلىشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. يەسلىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەسلى باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

  «پىكىر»دە مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى، سۈپەتلىك راۋاجلاندۇرۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى. ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئاساس قىلغان يېڭىچە ئوقۇتۇش مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش تەكىتلەندى. ئوقۇتۇش شەكلى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتۇشنى تەشكىللەش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئوقۇتۇش ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى زىيادە يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش كېرەك. دەرسخانا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دەرسلىك ئۆلچىمى بويىچە ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق مەزمۇنى ۋە ۋاقتىنى مۇۋاپىق لايىھەلەپ، تاپشۇرۇقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دەرستىن سىرتقى مۇلازىمەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، جايلار، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يېتىشتۈرۈش ئالاھىدىلىكى ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مەكتەپتىن ئايرىلىش ۋاقتىنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مول مەزمۇنلۇق دەرستىن سىرتقى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئائىلە تەربىيەسىنى ياخشىلاپ، ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاتا- ئانىلارنىڭ توغرا تەربىيە قارىشى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىپ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، چېنىقىش ۋە دەم ئېلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. مەكتەپ سىرتىدىكى مائارىپ، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، تەربىيەلەش دائىرىسى ۋە مەزمۇنىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ساغلام تەربىيەلەش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، مۇۋاپىق مائارىپ − ئەڭ ياخشى مائارىپ، ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇش، ھەممە كىشى ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش قاتارلىق ئىلمىي تەربىيە ئىدىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ شەھەر- يېزىلاردىكى تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. شەھەر- يېزا مەكتەپلىرىنى قۇرۇش ئۆلچىمى، شەھەر- يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى ئىشتات ئۆلچىمى، شەھەر- يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاممىۋى خىراجەت ئاساسىي ئۆلچەم نورمىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئەسلىھە ئۆلچىمىنى بېكىتىش كېرەك. چوڭ سىنىپ نورمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك. يېزا ۋە نامرات رايونلارنىڭ مائارىپى ئاجىز بولۇش قىياپىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەكتەپ تاللاشتىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئوقۇتقۇچى بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئەلا بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش كېرەك. باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ياخشىلاپ، مەكتەپ رايونىغا ئايرىپ باشقۇرۇشنى سىناق قىلىپ، گۇرۇھلاشقان مەكتەپ باشقۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھاۋالىلىك باشقۇرۇش، كۈچلۈك مەكتەپ ئاجىز مەكتەپنى يېتەكلەش، مەكتەپ ئىتتىپاقى، توققۇز يىللىق ئىزچىل تۈزۈم قاتارلىق جانلىق مەكتەپ باشقۇرۇش شەكلىنى قوللىنىش كېرەك. مەكتەپكە كىرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش، باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك.

  «پىكىر»دە كەسپىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى. ئەخلاق ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ئىشلەش بىلەن ئوقۇشنى بىرلەشتۈرۈشتەك ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەكىتلەندى. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلاردا ھۈنەرۋەن روھى، كەسىپ ئەخلاقى، كەسپىي ماھارەت ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئۆگەنگەچ قىلىش، قىلغاچ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەسىپنى ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمىنى، مائارىپ ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەلىم- تەربىيە شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئاممىۋى ئۇل دەرسلىك ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشتا قاتتىق بولۇش كېرەك. كەسپىي مائارىپنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى تەربىيەلەش ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش كېرەك. كەسىپ بىلەن ئوقۇتۇش بىرلەشكەن، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلاشقان مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ياخشىلاش كېرەك. كەسپىي كارخانىلار مەكتەپ باشقۇرۇشقا قاتنىشىش تۈزۈلمە- مېخانىزمى ۋە قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي كارخانىلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پۈتكۈل جەريانىغا قاتنىشىشىنى قوللاپ، كەسپىي مائارىپنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەسىپكە مەسئۇل تارماقلارنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش، باھالاش ۋە مۇلازىمەت قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىختىساسلىقلار ئېھتىياجى ئۇچۇرى تارقىتىش، مائارىپ ئوقۇتۇشىغا قاتنىشىش، ئىختىساسلىقلار سۈپىتىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ۋە پىراكتىكا تەلىم- تەربىيەسىنى ئۈستىگە ئېلىش مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيىتى ۋە ئىلھاملاندۇرۇش سىياسىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

  «پىكىر»دە ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈزۈلمە- مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش تەكىتلەندى. ئالىي مەكتەپلەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى مەركىزىي خىزمەت قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئوخشىمىغان تىپتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجادچان، بىرىكىشچان، ئەسقاتىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسىنى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پەن- كەسىپلەرنى جانلىق تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرسلىك سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، دەرسلىك قۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىي مەشىق بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇش نومۇرى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جانلىق ئۆگىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتۇش مېتودىدا يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، ماسلىشىپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پەن تەتقىقات تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن تەتقىقاتقا تايىنىپ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۇل تەتقىقاتنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، تەشكىللىك پەن تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىسپىي مۇقىم بولغان ئالىي مەكتەپ ئاساسىي پەن تەتقىقات قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، تېخنىكىنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر سىستېمىسى، ئىلىم سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە ئىلىم ئۆلچىمى ۋە ئىلىم باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئالىي مەكتەپ ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالدىن كۆرەرلىك ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنى تەدبىر بەلگىلەش، مەسلىھەت بېرىشكە ئاكتىپ قاتناشتۇرۇش كېرەك. پەن تەتقىقاتنى باھالاش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلىم ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا مەكتەپ قۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى ئۆز- ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋى ئۇنىۋېرسىتېت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتكومنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئالىي مائارىپنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنى تۈرگە ئايرىش ئۆلچىمىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورنىنى ئىلمىي بەلگىلەش، پەرقلىق راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر»دە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيەسى، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى. ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ۋەتەننى سۆيۈش تەربىيەسى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى دەرسلىككە، سىنىپقا كىرگۈزۈش، كاللىسىغا سىڭدۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مائارىپىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئالاھىدە مائارىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاھىدە مائارىپ بويىچە ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، سىنىپ تاللاپ ئوقۇشنى كۈچەيتىپ، مائارىپنى باھالاش، مۇپەتتىش قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە قوللاش كاپالىتىنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە، يەر، تىزىملاش، ھەق ئېلىش جەھەتتە پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا ئالاقىدار سىياسەتلەر ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش ۋە تۇرمۇشنى بېيىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر»دە ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى. ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئۇزاق مەزگىللىك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەكىتلەندى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپ غايىسى، كەسىپ ئەخلاقى تەربىيەسىنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنى قاپلىغان ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاق قۇرۇلۇشى تۈزۈمى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىجازەتلىك تەكلىپ قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ باھالاشتا ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلار دۆلەت شان- شەرەپ تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش، دەۋر روھىغا ئۇيغۇن بولغان ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، ياخشى بولغان ھەم ئوقۇتۇش، ھەم ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتىنى يارىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ياخشىلاش كېرەك. يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى، ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنى سەپلەش ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىجازىتىنى چىڭىتىپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ قوش ئوقۇتقۇچىلىق ئوقۇتقۇچى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۈنۈم مائاشى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈمنى باھالاش چارىسىنى ياخشىلاپ، ئۈنۈم مائاشىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت مىقدارى ۋە ئەمەلىي نەتىجىسىنى تولۇق نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىنىڭ شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جاپالىق، چەت، يىراق رايونلار ياردەم پۇلى، يېزا- بازار خىزمىتى تولۇقلىما پۇلى ۋە مەركەزلىك تۇتاش قىيىنچىلىقى ئېغىر رايونلار بىلەن جاپالىق، چەت، يىراق رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلار، ئېچىلماقچى بولغان ئاراللار قاتارلىق نامرات، جاپالىق رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىنات سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جاپالىق، چەت، يىراق بولۇش دەرىجىسىگە قاراپ پەرقلىق تولۇقلىما بېرىشنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامغا، جاپالىق رايونلارغا يۈزلەنگەنسېرى تولۇقلىما ئۆلچىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش كاپالىتى مېخانىزمى ۋە كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كىرىم تەقسىماتىدىكى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كىرىم تەقسىماتىدىكى ئۆز- ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مائارىپ سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى. مالىيە سېلىنما مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش تەكىتلەندى. مائارىپ ساھەسىنىڭ مالىيە ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى مۇۋاپىق ئايرىپ، چىقىم مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش ئۇسۇلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مائارىپ چىقىم مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ خامچوتىغا پۇل ئاجرىتىش تۈزۈمى ۋە سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل ئاجرىتىشقا ئالاقىدار ئۆلچەم ۋە سېلىنما سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ ھەم مۇۋاپىق پەيتتە ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى چىقىمىنىڭ ئادەتتە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ %4تىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئادەتتىكى جامائەت خامچوتىدا مائارىپ چىقىمىنىڭ ئازايماستىن بەلكى يىلدىن- يىلغا ئېشىشىغا، ئادەتتىكى جامائەت خامچوتىدا مائارىپ چىقىمىنىڭ ئازايماستىن بەلكى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە سانى بويىچە يىلدىن- يىلغا ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جايلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت يەسلىسى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا پۇل ئاجرىتىش ياكى كىشى بېشىغا پۇل ئاجرىتىش ئۆلچىمىنى يولغا قويۇشى، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسى مېخانىزمىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. دۆلەت مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتىنى ئىشلىتىشتە كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلار، ئېچىلماقچى بولغان ئاراللارغا مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا، ئاجىز ھالقىلارغا، ئاچقۇچلۇق ساھەلەرگە مايىل بولۇش كېرەك. مائارىپ يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەتتىكى يۆتكەپ چىقىم قىلىش بىلەن مەخسۇس يۆتكەپ چىقىم قىلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىكنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. خىراجەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە بىخەتەر ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خىراجەتتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مائارىپنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى، مۇكاپاتلاش، ياردەم بېرىش، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرزى بېرىش، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇش، تولۇقلىما بېرىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارغا كۆپ مەنبەلىك ياردەم بېرىش تۈزۈمى سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىنى، دۆلەتنىڭ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەل ياردەم بېرىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر»دە مائارىپنى ماكرولۇق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى. مائارىپ ئۆلچىمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەسلى مائارىپىدىن ئالىي مائارىپقىچە بولغان ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپەت ئۆلچىمىنى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەكىتلەندى. مائارىپنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى مائارىپى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مائارىپ سۈپىتىنى كۆزىتىش، باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئۆلچىمى مۇكەممەل، نىشان قاتلامغا ئايرىلغان، كۆپ دەرىجىلىك باھالايدىغان، كۆپ تەرەپ قاتنىشىدىغان، ئوقۇش باسقۇچلىرى مۇكەممەل بولغان مائارىپ سۈپىتىنى كۆزىتىش، باھالاش سىستېمىسى ئورنىتىش، ئۈچىنچى تەرەپ باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھالاشنىڭ كەسىپچانلىقىنى، مۇستەقىللىقىنى، ئوبيېكتىپچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. مائارىپ تەپتىشلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ مۇپەتتىشلىك ئاپپاراتىنىڭ فۇنكسىيەسىنى مۇستەقىل يۈرگۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مائارىپ تەپتىشلىكىنى باھالاش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، سۈپەتنى تەكشۈرۈشنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ مۇپەتتىشى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ مۇپەتتىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ تەپتىشلىكىنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشىنى قانۇن بويىچە تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ تەپتىشلىكىنىڭ نەتىجىسىنى تەتبىقلاشنى كۈچەيتىش كېرەك. مائارىپ توغرىسىدا قانۇن چىقىرىش ۋە يولغا قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپنى قانۇن ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

  «پىكىر»نىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: مائارىپ تۈزۈلمىسى- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە مەكتەپ باشقۇرۇش، پارتىيە ئىسلاھاتنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتكومنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتكوم بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتەك مائارىپ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەدبىر بەلگىلەيدىغان، مۇھاكىمە قىلىپ مەسلىھەت بېرىدىغان، ئىش تەقسىملەپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، تەكشۈرۈپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان، يەكۈنلەپ كېڭەيتىدىغان ئىسلاھات خىزمەت زەنجىرىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاش فۇنكسىيەسىنىڭ، دۆلەت مائارىپقا مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ سىناق نۇقتىسى، يول قويۇلىدىغان خاتالىق، تەكشۈرۈش، كېڭەيتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مائارىپ ئىسلاھاتى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ ئىسلاھاتى كۈچلىرىنى تولۇقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ پىلانلىق بولۇشى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز