ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئىچكىرىدىكى 12 ئالىي مەكتەپنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

2017.09.24 23:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئىچكىرىدىكى 12 ئالىي مەكتەپنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە 2017- يىللىق خىزمەت يىغىنى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى. يىغىندا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى نەتىجىلەر ۋە تەجرىبىلەر يەكۈنلەندى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خىزمەت تەسەۋۋۇرى ۋە مۇھىم ۋەزىپىلەر مۇزاكىرە قىلىندى ۋە پىلانلاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  لى پېڭشىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئىچكىرىدىكى 12 ئالىي مەكتەپنىڭ مەسئۇللىرىغا شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالى ۋە مۇقىملىق، تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈردى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت ئىناق، مۇقىم بولدى، ئىقتىساد سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، مائارىپتا، بولۇپمۇ دۆلەت تىلى مائارىپىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولدى. قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ نەتىجىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن، ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن، شۇنداقلا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ خالىس تۆھپە قوشۇشى ۋە جاپالىق تىرىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەم ئىچكىرىدىكى 12 ئالىي مەكتەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ ۋە ئۇلارغا خالىس ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

  لى پېڭشىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇزاقتىن بۇيان، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوتتۇرا- جەنۇبىي جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئىچكىرىدىكى 12 ئالىي مەكتەپ يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن، شۇنداقلا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشتى. مائارىپ مىنىستىرلىقى 2001- يىلى غەربىي رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ياردەم بېرىدىغان ئالىي مەكتەپلەر ياردەم بېرىش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى دەل جايىدا يۆلەپ، ياردەم بېرىش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، دۆلەت تەرىپىدىن «قوش ئەلا» ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپلەر ئارا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا مائارىپ جەھەتتە ياردەم بېرىش سىياسىتى ۋە بايلىقنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن قۇرۇلۇشى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش، مەكتەپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «قوش ئەلا» قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى «غەربىي رايون بويىچە ئىلغار، ئاسىيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، خەلقئاراغا داڭلىق، روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە» يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىي مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلگىرىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەھمىيەت بېرىپ ۋە مەدەت بېرىپ، شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل- تەدبىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يىغىندا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئوتتۇرا- جەنۇبىي جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى ئىچكىرىدىكى 12 ئالىي مەكتەپكە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى ھەم بۇ 12 ئالىي مەكتەپنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە پەن قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي كېلىشىمى ۋە پەنلەر قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز