ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئاپتونوم رايونلۇق 5-نۆۋەتلىك ئۆسمۈرلەر «قوش تىل» مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى

2017.09.23 19:12 مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

    ماھىرلار ماھارەت كۆرسەتمەكتە.
  ئاپتونوم رايوننىڭ «شۈنفېي لوڭقىسى» 5-نۆۋەتلىك ئۆسمۈرلەر «قوش تىل» مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 22-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئاياغلاشتى.

  مۇسابىقىگە قاتناشقان 61 كىچىك ماھىر ناخشا-ئۇسسۇل، ئېتۇت، ئېيتىشىش قاتارلىق سەنئەت شەكىللىرى ئارقىلىق «قوش تىل»دىكى ماھارىتىنى نامايان قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى بايان قىلىپ، «قوش تىل» ئۆگىنىش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 5-نۆۋەتلىك ئۆسمۈرلەر «قوش تىل» مۇسابىقىسى ئاپرېلنىڭ ئوتتۇرىدا باشلانغان. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 1 مىليون 50 مىڭ يەسلى بالىسى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، مۇسابىقىنىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر