ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

لى پېڭشىن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلاردىكى يۆلەش ئوبيېكتلىرىغا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىشنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

نامراتلىقنىڭ تېگى- تەكتىنى قەتئىي ئېنىقلاپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك

2017.09.23 17:20 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 9- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن يېزىلاردىكى يۆلەش ئوبيېكتلىرىغا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىشنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ يۆلەش- ئېچىش ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى يۆلەش ئوبيېكتلىرىغا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش ئۇچۇر، سانلىق مەلۇماتلىرىنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇرسەت بىلىپ، نامراتلىقنىڭ تېگى- تەكتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېنىقلاپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايون 8- ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يېزىلاردىكى يۆلەش ئوبيېكتلىرىغا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش ئۇچۇر، سانلىق مەلۇماتلىرىنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلاپ، ھازىر باسقۇچلۇق ئۈنۈمگە ئېرىشتى. لېكىن قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقى بارغانسېرى ئاجىزلاش، ئارخىپ تۇرغۇزۇش سانلىق مەلۇماتى تولۇق بولماسلىق، ئەينەن بولماسلىق، پەرقلەندۈرۈش ئۆلچىمى ئۆتكىلى قاتتىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلانغاچقا، بەزى جايلاردا نامراتلىق سەۋەبى ۋە نامراتلىق ئەھۋالى ئېنىق بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا ناھايىتى گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار، بولۇپمۇ ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇللىرى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش ئۇچۇر، سانلىق مەلۇماتلىرىنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلىقنىڭ تېگى- تەكتىنى زور كۈچ بىلەن ئېنىقلىشى كېرەك. بىرىنچىدىن، ئىدىيەۋى تونۇشنى دەل جايىدا توغرىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۆڭلىگە پۈكۈپ، زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆز قولىدا تۇتۇپ، تېخىمۇ زور ئىرادە ۋە تېخىمۇ زور سالماق بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي، قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا بىرنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، نامراتلىقنىڭ تېگى- تەكتىنى دەل جايىدا ئېنىقلاپ، قايتا تەكشۈرۈش پىرىنسىپى، ئۇسۇلى ۋە تەرتىپىگە ئاساسەن، پەرقلەندۈرۈش ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، خىزمەت تەرتىپى ۋە ئۇچۇر كىرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەرىكەتچان تەڭشەشنى يولغا قويۇپ، مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەھۋالنى ئېنىق ئىگىلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرىنى دەل جايىدا تۈزۈپ، نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە، نامراتلارنى كەسىپ ئارقىلىق يۆلەشنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى، ئۇل ئەسلىھە ۋە جامائەت مۇلازىمىتى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم تىرەك قىلىپ، يەر، ئائىلە، ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلارنى نۇقتىدا يۆلەش، مەنبەدىن يۆلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تۆتىنچىدىن، سىياسەت جەھەتتىن دەل جايىدا كاپالەتلىك قىلىپ، نامرات ئاھالىنىڭ داۋالىنىشى تەس بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇشى تەس بولۇش، كۈتۈنۈشى تەس بولۇش ۋە تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. بەشىنچىدىن، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى دەل جايىدا ئۇرغۇتۇپ، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش قىزغىنلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاپ، «مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دېگەننى «مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن» دېيىشكە، «مېنى روناق تاپقۇزۇش» دېگەننى «مەن روناق تاپىمەن» دېيىشكە ئۆزگەرتىشى كېرەك. ئالتىنچىدىن، نامراتلارغا ياردەم بېرىش كۈچى دەل جايىدا بولۇشى، نامراتلارنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق يۆلەش، ھەمكارلىشىپ يۆلەش، نۇقتىدا يۆلەش، جەمئىيەت يۆلەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەممەيلەن قاتنىشىدىغان، ھەمكارلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. يەتتىنچىدىن، مەبلەغنى دەل جايىدا باشقۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغنى پائال بىرىكتۈرۈپ، مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سەككىزىنچىدىن، دەل جايىدا نازارەت قىلىپ ۋە باھالاپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ باھالاش، ئىنتىزام ئىجراسى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، بېسىم ۋە مەسئۇلىيەتنى ئاساسىي قاتلام 1- سېپىگە چۈشۈرۈپ، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. توققۇزىنچىدىن، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى دەل جايىدا قىلىپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لو دۇڭچۈەن نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدە ئىنتىزام ئىجراسى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ چاڭجيې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نىجات سۇلتان، ليۇ يەنلياڭ يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر