ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا كىردى

2017.09.21 11:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاڭ خەيفېڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ 2- قەۋىتىدە ئېچىلغان «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسى»دە ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. بۇ كۆرگەزمە 7- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن باشلاپ ئېچىلغان بولۇپ، كۆرگەزمىدىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە قوغدالغان 100دىن كۆپرەك ئېسىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قوغدىغانلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسىنى نامايان قىلدى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قوغداشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەر ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تېزلىتىلدى، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىمۇ يېڭى باسقۇچقا كىردى.

  ئاپتونوم رايون زور مەبلەغ سېلىپ، شەھەر، يېزىلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك جامائەت مەدەنىيەت تورىنى شەكىللەندۈردى. بۇنىڭ بىلەن، پۇقرالارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلىپلا قالماي، مەدەنىيلىك ۋە ئىلمىيلىك ئىدىيەسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى، شىمالىدا يىلتىز تارتىپ، «بەشنى تونۇش» كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

  2014- يىلى 6- ئايدىن بۇيان، «يىپەك يولى: چاڭئەن − تەڭرىتاغ كارىدورى يول تورى» تۈرى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى كاتولوگىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى، يارغول قەدىمكى شەھىرى قاتارلىق ئالتە ئورۇندىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئايلاندى. شىنجاڭ دۆلەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت- ئوبلاست، ناھىيە- شەھەردىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تورى قۇردى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈردى ھەم «جانلىق ۋارىسلىق قىلىش» ئارقىلىق كۆپلىگەن قەدىمىي غەيرىي مىراس تۈرلىرىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.

  مەدەنىيەت كەسپى ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. 2016- يىلى 8- ئايدا «ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش مەخسۇس يىرىك پىلانى(2016- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە)» يولغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت مەنبەسى چوڭ رايونىدىن مەدەنىيىتى راۋاجلانغان چوڭ رايونغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت كارخانىلىرى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭدىن، ھەتتا دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭ ئوبرازىنى كۆرسىتىپ، شىنجاڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتتى.

  كۆپلىگەن ئېسىل، نادىر ئەسەرلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، ئېسىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىناق ئۆتىدىغان، سەنئەت گۈللەنگەن، مەدەنىيەت ئېچىۋېتىلگەن» ئۇچۇرىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈپ، بىر گەۋدىلەشكەن، كۆپ مەنبەلىك شىنجاڭ مەدەنىيىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن چوڭ گۈللىنىشنى كۈتۈۋالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر