ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

شۆھرەت زاكىر قەشقەر شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەرەلىدە قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك

2017.09.20 17:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 9- ئاينىڭ 17- كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىن ئىبارەت كەسكىن جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا، قەشقەر شەھىرىنىڭ نەزەرباغ بازىرى يۇقارقى قاز ئېرىق كەنتىگە كېلىپ، بۇ بازارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجراسى بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، تۈزەش ئەھۋالى، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»نى يولغا قويۇش ئەھۋالى، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى ھەم نەزەرباغ بازارلىق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئاياللار «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» بازىسىغا بېرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئادەم كۆپ، يەر ئاز، يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا كەسىپلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ئاز، يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرتى ھازىرلانغان دېھقانلارنى ئىمكانقەدەر تېز «شەھەر ئاھالىسى»گە ئايلاندۇرۇپ، نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

  يۇقارقى قاز ئېرىق كەنتىدىكى 55 ياشلىق ئايۇپ مەمەت ئائىلىسى كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەنىدى، ئۇ شۆھرەت زاكىرغا: ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە بۇلتۇر ئائىلە بويىچە 90كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىردۇق، بالاممۇ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، ھال- ئەھۋالىمىز كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، دېدى. شۆھرەت زاكىر بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خۇشال ھالدا: بەختلىك تۇرمۇشنى ئەمگەككە تايىنىپ يارىتىمىز. ھازىر پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، بېيىش يوللىرى كەڭ، يۇرتداشلارنىڭ ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ بېيىش ئارزۇسىغا يېتىپ، ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

  شۆھرەت زاكىر نامرات ئائىلە خانزۆھرە مەمەتنىڭ ئائىلىسىگە كېلىپ، ئۇلار بىلەن كەڭ- كۇشادە مۇڭدىشىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، كىرىم مەنبەسىنى ئىگىلىدى. شۆھرەت زاكىر خانزۆھرە مەمەتكە ئىلھام بېرىپ: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامرات ئاممىغا، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان نامرات ئاممىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىرادە باغلاپ، بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ. سىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، ساقلاپ تۇرماي، يۆلىنىۋالماي، ئەمگەكچان قولۇڭلارغا تايىنىپ، نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ، ئۆزۈڭلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

  شۆھرەت زاكىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەنۇبىي شىنجاڭ نامراتلىق ئېغىر رايون، بولۇپمۇ قەشقەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋەزىپىسى جاپالىق. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە مەركەزنىڭ «بەش بىر تۈركۈم»، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «دىققەتنى ئونغا مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەش» تەلىپى بويىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى چوڭقۇر، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھەربىر خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، تۇرىدىغان ئۆيى بولۇش، كۆڭۈل ئاچىدىغان سورۇن بولۇش جەھەتلەردە داۋاملىق يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەميېنىنى تومپايتىپ، روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇلارنى پارتىيەگە چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىشى كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرساقلا، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشى، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، 2020- يىلى بارلىق نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاھالىنى بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم تاشلاتقۇزۇش نىشانىغا چوقۇم يېتەلەيمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر