ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئابلاجان بەكرىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدىكى قارارى

(2017- يىل 9- ئاينىڭ 14- كۈنى سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 19- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2017.09.15 11:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قاراقاش ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، قاراقاش ناھىيەلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قاراقاش ناھىيەسى چوڭ جامەسىنىڭ سابىق خاتىپى ئابلاجان بەكرى قانۇنسىزلىق قىلمىشىغا چېتىلغاچقا، «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسى» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن:

  ئابلاجان بەكرىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش قارار قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر