ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىش مۇھىممۇ، بىخەتەرلىكمۇ؟

مۇخبىرىمىز خاسىيەت جۈمە

2017.09.07 13:03 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېقىندا «بۇ يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىش ئىمتىھانىغا يېڭى مەزمۇن قوشۇلىدىكەن»دېگەن خەۋەر ئۈندىداردا تارقىلىپ، تېزلا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئاپتوموبىلنى كەينىچە ياندۇرۇپ ئىسكىلاتقا ئېلىپ كىرىش، يان تەرەپكە ئاپتوموبىل توختىتىش قاتارلىق تۈرلەرگە ۋاقىت چەكلىمىسى بېكىتىلىدىكەن، پىيادىلەر يول يۈرۈش ئېغىزىدا پىيادىلەرگە يول بەرمىگەنلەر ئىمتىھاندا بىۋاسىتە لاياقەتسىز قىلىنىدىكەن، ئاپتوموبىل ياندىغاندا چوقۇم «ئارقىغا قاراپ تەكشۈرۈش» ھەرىكىتىنى قىلىش تۈرى قوشۇلۇپ، ئىمتىھان تەسلىشىدىكەن، دېگەندەك بەس- مۇنازىرىلەر كۆپىيىپ، ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرنى تىزىملاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. شەخسەن ئۇزاقتىن بۇيان ئىككىلىنىپ يۈرگەن مەنمۇ مەكتەپ مۇدىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئىشتىن چۈشتۇق دېگەنگە ئۇنىماي شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىشكە تىزىملاتتىم. ئەلۋەتتە، يېڭى تۈزۈم رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، ئىمتىھان تەسلىشىپ كەتكۈچە ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئوڭۇشلۇق قولۇمغا ئېلىۋالسام، دېگەن ئۈمىدتە ئىدىم.

  ئۇقۇشىمچە، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلىرىدىن ئىمتىھان ئېلىش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلى»ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يېڭى ئۆلچەم ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشنى ئويلاۋاتقان نۇرغۇن كىشىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويغان. ئەمما كەسىپ ئەھلىلىرى يېڭى ئۆلچەمدە شوپۇرلارنىڭ ساپاسىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەن ھەم شوپۇر تەربىيەلەش بىلەن ئىمتىھان ئېلىش ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇلغان، دەپ قارىغان.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 8- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر 5 مىليون 660 مىڭغا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بارلار 4 مىليون 240 مىڭغا يەتكەن. شوپۇرلار ھەر يىلى %10تىن %15كىچە، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى%10 ئەتراپىدا كۆپىيىۋېتىپتۇ. يەنە بىر سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، %90تىن كۆپرەك قاتناش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى شوپۇرلارنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى ھەم قانۇنغا خىلاپ ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغانلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدە ئىكەن.

  دېمىسىمۇ بىرقانچە يىل ئىلگىرى قېلىپلاشمىغان شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىدە دەرسكە مۇنتىزىم قاتناشماي، پۇل خەجلەپلا ھەيدەش كىنىشكىسى ئالىدىغان، باشقىلارنى ئورنىغا ئىمتىھان بەرگۈزىدىغان ئەھۋاللار ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىدى. بۇ ئەھۋاللار يېقىندىن بېرى شوپۇرلۇق تېخنىكىسى ۋە بىخەتەرلىك ئېڭى كەمچىل كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغان، بۇنىڭ ئۈچۈن جەمئىيەت ۋە نۇرغۇن بىگۇناھ كىشى ئېغىر بەدەل تۆلىگەنىدى. شۇڭا «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلىرىدىن ئىمتىھان ئېلىش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلى»نىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بەرگۈچىلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپنىڭ كۈندىن- كۈنگە يۇقىرىلىشىنى ئۆزىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى، ئائىلىمىزنىڭ خاتىرجەملىكى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ئۈچۈن دەپ قارىساق ھەرگىزمۇ خاتالاشقان بولمايمىز، ئەلۋەتتە.

  بۇ يىل ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىش زۆرۈر بولغاچقا، 3- ئايدىن باشلاپلا ئۆزۈم ئولتۇرۇشلۇق مەھەللە ئەتراپى ۋە خىزمەت ئورنۇمغا يېقىن ئەتراپتىكى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنى سۈرۈشتۈردۈم. ئاخىرىدا مەكتەپنىڭ ئىمتىھاندىن لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەھەللە يېنىدىكى شوپۇرلۇق مەكتىپىگە تىزىملاتتىم. ئەمما مەكتەپنىڭ ئىمتىھاندىن قانداق ئۆتۈشكىلا كۈچەپ، كىچىك، ئىنچىكە نۇقتىلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقى مېنى ئەپسۇسلاندۇردى. بۇ جەرياندا شۇنى ھېس قىلدىمكى، شوپۇرلۇقنى ئۆگەنگۈچىلەر مەكتەپكە تىزىملىتىشتا ئىمتىھاندىن ئۆتۈش نىسبىتىگىلا ئېسىلىۋالماي، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى، ئاۋۋال سىناق دەرسىگە قاتنىشىپ بېقىپ، رازى بولغاندىن كېيىن تىزىملىتىشى كېرەك ئىكەن.

  ئۇقۇشىمچە، يېڭى ئۆلچەمدە يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن- نىزاملارنىڭ ئىمتىھان مەزمۇنىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاشۇرۇلىدىكەن ۋە مەزمۇن جەھەتتىن تەڭشىلىدىكەن. تەقلىدىي سوئاللار ئارقىلىق دەسلەپكى تەربىيەلەشتىن باشلاپلا مەدەنىي ئاپتوموبىل ھەيدەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، قاتناش قانۇنىغا رىئايە قىلىش ھەم بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈش تېخىمۇ چىڭ تۇتۇلىدىكەن.

  نۆۋەتتە يېڭى ئۆلچەمنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى ھەم كۆپ تەرەپلىمە تەشۋىق قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلارنىڭ بۇ ئەندىشىلىرىمۇ ھامان تۈگەيدۇ. ئەگەر يېڭى شوپۇرلۇق ئىمتىھانى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ ئۆگەنگۈچىلەرنى كەسىپنى پۇختا ئىگىلەشكە توغرا يېتەكلەپ، كەسپىي ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشى بىلەن شوپۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ۋە بىخەتەر ھەيدەش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، قاتناش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلانسا، شوپۇرلۇقنى ئۆگەنگۈچىلەر ۋە جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر