ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى

(1987- يىل 9- ئاينىڭ 5- كۈنى 6- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22- يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1995- يىل 8- ئاينىڭ 29- كۈنى 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 15- يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن، 2000- يىل 4- ئاينىڭ 29- كۈنى 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15- يىغىنىدا 1- قېتىم ئۆزگەرتىلگەن، 2015- يىل 8- ئاينىڭ 29- كۈنى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16- يىغىنىدا 2- قېتىم ئۆزگەرتىلدى)

2017.09.06 18:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    13- نومۇرلۇق

    «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى» 2015- يىل 8- ئاينىڭ 29- كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16- يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى» ئېلان قىلىندى، 2016- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى

    شى جىنپىڭ

                    2015- يىل 8- ئاينىڭ 29- كۈنى


  مۇندەرىجە

  1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  2- باب ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۆلچىمى ۋە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش يىرىك پىلانى

  3- باب ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

  4- باب ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى

  1- پاراگراف كۆمۈر قالاشتىن بولغان ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

  2- پاراگراف سانائەت بۇلغىمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

  3- پاراگراف موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، كېمە- پاراخوت قاتارلىقلارنىڭ بۇلغىمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

  4- پاراگراف چاڭ- توزاندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

  5- پاراگراف يېزا ئىگىلىك بۇلغىمىسى ۋە باشقا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

  5- باب نۇقتىلىق رايونلار ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

  6- باب ئېغىر بۇلغانغان ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش

  7- باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  8- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ


    1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1- ماددا بۇ قانۇن مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، جامائەت ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

  2- ماددا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ياخشىلاشنى نىشان قىلىپ، مەنبەدىن تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇش، ئاۋۋال پىلانلاش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشىنى ياخشىلاش، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش كېرەك.

  ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە كۆمۈر، سانائەت، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، كېمە- پاراخوت، چاڭ- توزان، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقلارنىڭ ئاتموسفېرانى بۇلغىشىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، رايون ئاتموسفېراسى بۇلغىنىشىنىڭ بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، دانچە، گۈڭگۈرت، ئاممىياك ئوكسىد، ئۇچۇشچان ئورگانىك ماددا، ئاممىياك قاتارلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىلىرى ۋە پارنىك گازىنى ھەمكارلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  3- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مالىيە سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشى كېرەك.

  يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنىڭ سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇپ، يىرىك پىلان تۈزۈپ، تەدبىر قوللىنىپ، ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىشنى تىزگىنلەپ ياكى پەيدىنپەي ئازايتىپ، ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشى ھەمدە تەدرىجىي ياخشىلىشى كېرەك.

  4- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش نىشانى، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئەھۋالىنى باھالايدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باھالاش چارىسى چىقىرىپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى جايلارنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئەھۋالىنى باھالايدۇ. باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش كېرەك.

  5- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

  6- ماددا دۆلەت ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش پەن- تېخنىكا تەتقىقاتىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەھلىل قىلىدۇ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ماس كېلىدىغان ئىلغار تېخنىكا ۋە جابدۇقلارنى كېڭەيتىدۇ، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، پەن- تېخنىكىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  7- ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەتچىلەر ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى ئازايتىشى، پەيدا قىلغان زىيان ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  پۇقرالار ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئاسراش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن كاربونلۇق، تېجەشلىك تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئاسراش مەجبۇرىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىشى كېرەك.

    2- باب ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۆلچىمى ۋە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش يىرىك پىلانى

  8- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىنى بېكىتىشتە جامائەت ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئىلمىي ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق قىلىشى كېرەك.

  9- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى بېكىتىشتە، ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىنى ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، تېخنىكا شارائىتىنى ئاساس قىلىشى كېرەك.

  10- ماددا ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىنى ۋە ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى بېكىتىشتە مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ تەكشۈرۈش ۋە دەلىللەش ھەمدە ئالاقىدار تارماقلار، ساھە جەمئىيەتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىن ۋە جامائەتتىن پىكىر ئېلىش كېرەك.

  11- ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىنى ۋە ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى جامائەتنىڭ ھەقسىز كۆرۈشى ۋە چۈشۈرۈۋېلىشى ئۈچۈن ئۆز تور بېكىتىدە ئېلان قىلىشى كېرەك.

  12- ماددا ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمى ۋە ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنىڭ ئىجراسىنى قەرەللىك باھالاپ، ئۆلچەم باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ۋاقتى ۋاقتىدا تۈزىتىپ تۇرۇش كېرەك.

  13- ماددا يېقىلغۇ كۆمۈر، نېفىت كوكسى، بىيو يېقىلغۇ ماتېرىيال، سۇۋالغۇ قاتارلىق ئۇچۇشچان ئورگانىك مەھسۇلاتلار، ساليۇت، پوجاڭزا، شۇنىڭدەك پار قازىنى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى بېكىتىشتە ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئاسراش تەلىپىنى ئېنىق قويۇش كېرەك.

  يېقىلغۇ ماي سۈپەت ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىمىسىنى تىزگىنلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە ئۇنى دۆلەتنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، كېمە- پاراخوت، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنىڭ ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىش جەھەتتىكى دۆلەت ئۆلچىمى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، ماس قەدەمدە يولغا قويۇش كېرەك.

  ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنا دېگىنىمىز، موتور سەپلەنگەن كۆچمە ماشىنا ۋە ئىشلىتىلىدىغان سانائەت ئۈسكۈنىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  14- ماددا دۆلەتنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىگە يەتمىگەن شەھەرلەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش يىرىك پىلانىنى ۋاقتىدا تۈزۈشى، تەدبىر قوللىنىپ، گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن مۆھلەتتە مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈشى كېرەك.

  شەھەرنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە ئالاقىدار ساھە جەمئىيەتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، مۇتەخەسسىسلەردىن ۋە جامائەتتىن پىكىر ئېلىش كېرەك.

  15- ماددا شەھەرنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش يىرىك پىلانىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش كېرەك. بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە رايون بار شەھەرلەرنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش يىرىك پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

  16- ماددا شەھەرلەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىنى ھەر يىلى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلغاندا، ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش يىرىك پىلانىنىڭ ئىجراسىنى دوكلات قىلىشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.

  17- ماددا شەھەرنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش يىرىك پىلانىنى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەلىپى ۋە ئىقتىساد، تېخنىكا شارائىتىغا قاراپ، ۋاقتى- ۋاقتىدا باھالاپ تۇرۇش ۋە تۈزىتىش كېرەك.

    3- باب ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

  18- ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلاردىن ئاتموسفېرا مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان قۇرۇلۇشلارنى قىلىدىغانلىرى مۇھىت تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالىتىشى، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى ئاشكارىلىشى؛ ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىدىغانلىرى ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئىش قىلىشى، ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى نۇقتىلىق كونترول قىلىش تەلىپىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

  19- ماددا سانائەت كېرەكسىز گازى چىقىرىدىغان ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 78- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مۇندەرىجىدە كۆرسىتىلگەن زەھەرلىك، زىيانلىق بۇلغىمىنى ئاتموسفېراغا چىقىرىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، مەركەزلەشتۈرۈپ پار بېرىش ئەسلىھەسىگە كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئورۇنلىرى، شۇنىڭدەك قانۇنغا بىنائەن بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان باشقا ئورۇنلار بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشى كېرەك. بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتىنىڭ كونكرېت چارىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش قەدەم- باسقۇچىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

  20- ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچىلاردىن ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىدىغانلىرى قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە گوۋۇيۈەن مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى قويۇشى كېرەك.

  ئوغرىلىقچە چىقىرىش، كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىنى ئۆزگەرتىۋېلىش ياكى ئويدۇرۇش، نەق مەيداننى تەكشۈرۈشتىن قېچىش مەقسىتىدە ئىشلەپچىقىرىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش، شۇنىڭدەك نورمال ئەھۋالدا جىددىي چىقىرىش ئېغىزىنى ئېچىۋېتىش، ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسىنى نورمال ئىشلەتمەسلىكتەك باشقۇرۇشتىن قېچىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  21- ماددا دۆلەت نۇقتىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەيدۇ.

  نۇقتىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش نىشانىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ ھەمدە يولغا قويىدۇ.

  ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەن چۈشۈرگەن ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش نىشانى بويىچە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ نۇقتىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلىشى ياكى ئازايتىشى كېرەك.

  ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش نىشانىنى بېكىتىش ۋە ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىنى بۆلۈش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا قاراپ، دۆلەت بەلگىلىگەن نۇقتىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىلىرىدىن باشقا ئاتموسفېرا بۇلغىمىلىرىنى چىقىرىشتا ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلىسە بولىدۇ.

  دۆلەت نۇقتىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىش ھوقۇقى سودىسىنى پەيدىنپەي يولغا قويىدۇ.

  22- ماددا دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن ياكى دۆلەت چۈشۈرگەن ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش نىشانىنى ئورۇندىيالمىغان جايلار بولۇپ قالسا، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن سۆزلىشىدۇ ھەمدە شۇ جايلار يېڭىدىن كۆپەيتكەن نۇقتىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى ئومۇمىي مىقدارىغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالىتىش ھۆججىتىنى تەستىقلاشنى توختىتىپ تۇرىدۇ. سۆزلىشىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش كېرەك.

  23- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئاتموسفېرانى بۇلغاش مەنبەسىنى كۆزىتىش ۋە باھالاش قائىدىسىنى چىقىرىدۇ، مەملىكەت بويىچە ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ۋە ئاتموسفېرانى بۇلغاش مەنبەسىنى كۆزىتىش ۋە باھالاش قائىدىسىنى چىقىرىدۇ، مەملىكەت بويىچە ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ۋە ئاتموسفېرانى بۇلغاش مەنبەسىنى كۆزىتىش تورىنى بەرپا قىلىش ۋە باشقۇرۇشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ، ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ۋە ئاتموسفېرانى بۇلغاش مەنبەسىنى كۆزىتىشنى تەشكىللەيدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ئۇچۇرىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلىدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاتموسفېرا سۈپىتى ۋە ئاتموسفېرا بۇلغىما مەنبەسىنى كۆزىتىش تورىنى بەرپا قىلىپ ۋە باشقۇرۇپ، ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ۋە ئاتموسفېرا بۇلغىما مەنبەسىنى كۆزىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاتموسفېرا سۈپىتى ئەھۋالى ئۇچۇرىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلىدۇ.

  24- ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى ۋە كۆزىتىش قائىدىسى بويىچە ئۆزلىرى چىقارغان سانائەت كېرەكسىز گازى ۋە مۇشۇ قانۇننىڭ 78- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مۇندەرىجىدە كۆرسىتىلگەن زەھەرلىك، زىيانلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسىنى كۆزىتىشى ھەمدە دەسلەپكى كۆزىتىش خاتىرىسىنى ساقلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىدىغان ئورۇنلار ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىشنى ئاپتوماتىك كۆزىتىش ئەسلىھەسىنى ئورنىتىشى ۋە ئىشلىتىشى، ئۇنى مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىنىڭ كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇشى، كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە بۇلغىما چىقىرىش ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلىشى كېرەك. كۆزىتىش كونكرېت چارىسى ۋە نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىدىغان ئورۇنلارنىڭ شەرتىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

  نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىدىغان ئورۇنلارنىڭ تىزىملىكىنى رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا، نۇقتىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىكى تەلەپكە، شۇنىڭدەك بۇلغىما چىقىرىدىغان ئورۇنلار چىقارغان بۇلغىمىنىڭ تۈرى، مىقدارى ۋە قويۇقلۇقى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن كېڭىشىپ بېكىتىدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

  25- ماددا نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىدىغان ئورۇنلار ئاپتوماتىك كۆزىتىش مەلۇماتىنىڭ چىن ۋە توغرا بولۇشىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىشنى ئاپتوماتىك كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى يوللىغان مەلۇماتنىڭ نورمالسىزلىقىنى بايقىسا، ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى كېرەك.

  26- ماددا ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى كۆزىتىش ئەسلىھەسى ۋە ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىشنى ئاپتوماتىك كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىنى ئىگىۋېلىش، بۇزۇۋېتىش ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋېتىش، ئۆزگەرتىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  27- ماددا دۆلەت ئاتموسفېرانى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان تېخنىكا، ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتنى شاللىۋېتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

  ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان تېخنىكا، ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتنى شاللىۋېتىش مۆھلىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ ھەمدە ئۇنى دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كەسىپ سىياسىتى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزىدۇ.

  ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ئىمپورت قىلغۇچىلار، ساتقۇچىلار ياكى ئىشلەتكۈچىلەر ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىش، ئىمپورت قىلىش، سېتىش ياكى ئىشلىتىشنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە توختىتىشى كېرەك. تېخنىكىدىن پايدىلانغۇچىلار ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن تېخنىكىنى قوللىنىشنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە توختىتىشى كېرەك.

  شاللىۋېتىلگەن ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ.

  28- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ئاتموسفېرانى بۇلغاش زىيىنىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

  29- ماددا مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇ ھاۋالە قىلغان مۇھىت مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلار نەق مەيداننى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش، ئاپتوماتىك كۆزىتىش، يىراقتىن كۆزىتىش، ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق سىنغا ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. تەكشۈرۈلگۈچىلەر ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتىشى، زۆرۈر ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك. تەكشۈرگۈچى تارماق، ئاپپارات ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

  30- ماددا كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلاردىن قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىپ، ئاتموسفېرانى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان ياكى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاش ئېھتىمالى بولغان ۋە ياكى دەلىل- ئىسپاتنى يوق قىلىۋېتىش ياكى يوشۇرۇپ قويۇش ئېھتىمالى بولغانلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەسى، ئۈسكۈنىسى، بۇيۇملىرىنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىشتەك مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر