ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش قانۇنى

(1996- يىل 5- ئاينىڭ 15- كۈنى 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19- يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2015- يىل 8- ئاينىڭ 29- كۈنى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 16- يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

2017.09.06 13:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    32- نومۇرلۇق

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2015- يىل 8- ئاينىڭ 29- كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16- يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، 2015- يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

                    2015- يىل 8- ئاينىڭ 29- كۈنى


    مۇندەرىجە
  
    1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2- باب تەشكىللەپ يولغا قويۇش

    3- باب كاپالەت تەدبىرى

    4- باب تېخنىكا ھوقۇق- مەنپەئىتى

    5- باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    6- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ


    1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1- ماددا بۇ قانۇن پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش، پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۈكسەلدۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

  2- ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پەن- تېخنىكا نەتىجىسى دېگىنىمىز، پەننى تەتقىق قىلىش ۋە تېخنىكا يارىتىش ئارقىلىق ھاسىل قىلغان ئەمەلىي قوللىنىش قىممىتىگە ئىگە نەتىجىنى كۆرسىتىدۇ. ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن- تېخنىكا نەتىجىسى دېگىنىمىز، تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ ۋە كارخانا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ياكى ئاساسلىقى يۇقىرىقى ئورۇنلارنىڭ ماددىي تېخنىكا شارائىتىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق تاماملىغان پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى كۆرسىتىدۇ.

  بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش دېگىنىمىز، ئىشلەپچىقىرىش كۈچى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى داۋاملىق سىناق قىلىش، ئېچىش، قوللىنىش، كېڭەيتىشتىن تارتىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى تېخنولوگىيە، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى مەھسۇلاتنى شەكىللەندۈرۈش، يېڭى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە بولغان پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

  3- ماددا پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىشكە، پەن- تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە ۋە مۇھىت ئاسراشقا، بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا پايدىلىق بولۇشى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك.

  پەن- تېخنىكىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىدە بازار قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئىختىيار قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئادىل بولۇش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە توختامدىكى پۈتۈم بويىچە ھوقۇق- مەنپەئەتكە ئىگە بولۇش، خەۋپ- خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىدىكى بىلىم- مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ.

  پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىدە قانۇن- نىزاملارغا ئەمەل قىلىش، دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك، جامائەت مەنپەئىتى ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

  4- ماددا دۆلەت پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشقا مۇۋاپىق مالىيە مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكىلەرنى مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش مەبلىغىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  5- ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەن- تېخنىكا، مالىيە، سېلىنما، باج، ئىختىساسلىقلار، كەسىپ، پۇل مۇئامىلە، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش، ئارمىيە بىلەن خەلقنى بىرىكتۈرۈش جەھەتلەردىكى سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

  يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپلار بويىچە ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ.

  6- ماددا دۆلەت پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئاۋۋال جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە يولغا قويۇشقا ئىلھام بېرىدۇ. جۇڭگودىكى ئورۇنلار ياكى شەخسلەردىن چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات، شەخسلەرگە پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان ياكى يولغا قويۇشىغا ئىجازەت بېرىدىغانلىرى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

  7- ماددا دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مەنپەئىتىنىڭ ۋە چوڭ- چوڭ جامائەت مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇشقا تەشكىللىسە ياكى باشقىلارنىڭ ئالاقىدار پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى يولغا قويۇشىغا ئىجازەت بەرسە بولىدۇ.

  8- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پەن- تېخنىكا مەمۇرىي تارمىقى، ئىقتىسادنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلىرى پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە باشقۇرىدۇ، يېتەكلەيدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ.

  يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى باشقۇرۇش، يېتەكلەش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

    2- باب تەشكىللەپ يولغا قويۇش

  9- ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە ئالاقىدار پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشنى تەشكىللىشى، ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

  10- ماددا مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ تەسىس قىلىنغان ئەمەلىي پەن- تېخنىكا تۈرلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار پەن- تېخنىكا تۈرلىرىدە ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار، باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى پەن تەتقىقات تەشكىلاتلىرىنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئالاقىدار پەن- تېخنىكا يىرىك پىلانى، پىلانى ۋە تۈر قىبلىنەماسىنى تۈزگەندە، ئالاقىدار ساھەلەر، كارخانىلاردىن پىكىر ئېلىشى كېرەك؛ ئەمەلىي پەن- تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇشقا تەشكىللىگەندە، تۈرنى ئۈستىگە ئالغۇچىنىڭ پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، بىلىم- مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش ھەمدە پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش ۋە بىلىم- مۈلۈك ھوقۇقى ئىجادىيىتى، ئىشلىتىلىشىنى تۈر بېكىتىش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئاساسى قىلىش كېرەك.

  11- ماددا دۆلەت پەن- تېخنىكا دوكلاتى تۈزۈمى ۋە پەن- تېخنىكا نەتىجىسى ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن- تېخنىكا تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى شۇنىڭدەك پەن- تېخنىكا نەتىجىسى ۋە ئالاقىدار بىلىم- مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىسى ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش، تاللاش قاتارلىق پاراۋانلىق مۇلازىمىتى قىلىدۇ. ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغاندا دۆلەت مەخپىيىتى ۋە سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ. ئېلان قىلىنمايدىغان ئۇچۇرلارنى ئالاقىدار تارماقلار مۇناسىۋەتلىك پەن- تېخنىكا تۈرىنى ئۈستىگە ئالغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

  مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ تەسىس قىلىنغان پەن- تېخنىكا تۈرىنى ئۈستىگە ئالغۇچىلار مۇناسىۋەتلىك پەن- تېخنىكا دوكلاتىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا تاپشۇرۇشى ھەمدە پەن- تېخنىكا نەتىجىسىگە ئالاقىدار بىلىم- مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇرىنى پەن- تېخنىكا نەتىجىسى ئۇچۇرى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

  دۆلەت غەيرىي مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ تەسىس قىلىنغان پەن- تېخنىكا تۈرىنى ئۈستىگە ئالغۇچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پەن- تېخنىكا دوكلاتىنى تاپشۇرۇشىغا ۋە پەن- تېخنىكا نەتىجىسىگە ئالاقىدار بىلىم- مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇرىنى پەن- تېخنىكا نەتىجىسى ئۇچۇرى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتكە مەسئۇل تارمىقى ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  12- ماددا تۆۋەندىكى پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش تۈرلىرىنى دۆلەت ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئېچىشقا ماددىي ياردەم، كەسپىي تېخنىكا يېتەكچى مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە كېڭەيتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مەدەت بېرىدۇ:

  (1) كەسپىي تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدىغان ياكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئىشلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى كەسىپلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىغان تۈرلەر؛

  (2) دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدىغان تۈرلەر؛

  (3) بايلىقتىن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلانغىلى، ئېنېرگىيە تېجىگىلى، سەرپىياتنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغان، شۇنىڭدەك مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە تۈزىگىلى، ئېكولوگىيەنى قوغدىغىلى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىغان تۈرلەر؛

  (4) خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىغىلى ۋە جامائەت ساغلاملىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىغان تۈرلەر؛

  (5) زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ياكى يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈرلەر؛

  (6) ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چەت- ياقا، نامرات رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىدىغان تۈرلەر؛

  13- ماددا دۆلەت سىياسەت، تەدبىر تۈزۈپ، ئىلغار تېخنىكا، ھۈنەر- سەنئەت ۋە جابدۇقلارنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ، قالاق تېخنىكا، ھۈنەر- سەنئەت ۋە جابدۇقنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلايدۇ، ئىشلىتىشكە چەك قويىدۇ ياكى شاللىۋېتىدۇ.

  14- ماددا دۆلەت ئۆلچەم چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر- سەنئەت، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى، كەسىپ ئۆلچىمىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا چىقىرىپ، خەلقئارا ئۆلچەم چىقىرىشقا پائال قاتنىشىپ، ئىلغار تېخنىكىلارنى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  دۆلەت ئۈنۈملۈك بولغان ھەربىي، پۇقراۋى پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزئارا ئايلاندۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن- تېخنىكىسىدا ھەمكارلىشىپ، يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ھەربىي بۇيۇملارنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشتا، ئىلغار، باب كېلىدىغان پۇقراۋى ئۆلچەمنى قانۇن بويىچە ئاۋۋال قوللىنىپ، ھەربىي، پۇقراۋى تېخنىكىنىڭ ئۆزئارا يۆتكىلىشىگە ۋە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  15- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىللەپ يولغا قويغان نۇقتىلىق پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش تۈرىنى ئالاقىدار تارماقلار ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ يولغا قويسا بولىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار خېرىدار بولغان ئورۇنغا خېرىدار چاقىرىشتا بېكىتىلگەن ماددىي ياردەمنى بېرىشى ياكى باشقا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  16- ماددا پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنىڭ ئىگىسى پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ:

  (1) ئۆزى مەبلەغ سېلىپ ئايلاندۇرۇش؛

  (2) پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش؛

  (3) پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىش؛

  (4) پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ھەمكارلىشىش شەرتى قىلىپ، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئايلاندۇرۇش؛

  (5) شۇ پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى باھاغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ قىلىپ سېلىش، پايغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاش ياكى مەبلەغ چىقىرىش نىسبىتى قىلىش؛

  (6) كېڭىشىپ بېكىتىلىدىغان باشقا ئۇسۇللار.

  17- ماددا دۆلەت تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجازەت بېرىش ياكى باھاغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ سېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى كارخانا ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا يۆتكىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

  دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشقا بولغان باشقۇرۇشنى، تەشكىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش تەرتىپىنى ياخشىلىشى، ئۆز ئورنىنىڭ تېخنىكا يۆتكەش خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتلىرىغا ياكى تېخنىكا يۆتكەش خىزمىتىنى پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىدىغان مۇستەقىل ئاپپاراتلارغا ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

  18- ماددا دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىلكىدىكى پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجازەت بېرىش ياكى باھاغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ سېلىشنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلسا بولىدۇ، لېكىن، كېلىشىم ئارقىلىق باھاسىنى بېكىتىپ، تېخنىكا سودا بازىرىدا ۋىۋىسكا ئېسىپ سودا قىلىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش شەكىللىرى ئارقىلىق باھاسىنى بېكىتىشى كېرەك. كېلىشىم ئارقىلىق باھاسىنى بېكىتكەنلىرى پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنىڭ نامى ۋە سودىلاشماقچى بولغان باھانى ئۆز ئورنىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

  19- ماددا دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ئېرىشكەن ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئورۇندىغۇچى ۋە قاتناشقۇچىلار ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن- تېخنىكا نەتىجىسى ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋالدا ئۆز ئورنى بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە ئاساسەن ئايلاندۇرسا ھەمدە كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن ھوقۇق- مەنپەئەتكە ئىگە بولسا بولىدۇ. شۇ ئورۇن يۇقىرىقى پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىگە مەدەت بېرىشى كېرەك.

  پەن- تېخنىكا نەتىجە تۈرىنى ئورۇندىغۇچىنىڭ ياكى تەتقىقات تېمىسى مەسئۇلىنىڭ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىشىغا، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن- تېخنىكا نەتىجىسى ۋە ئۇنىڭ تېخنىكىلىق ماتېرىياللىرى، سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشىغا، ئورۇننىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  20- ماددا تەتقىقات- تەرەققىيات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇل تارماقلىرى شۇنىڭدەك مالىيە، پەن- تېخنىكا تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان ئۈنۈم باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش ئەھۋالىنى ئالاقىدار ئورۇن ۋە خادىملارنى باھالاش، پەن تەتقىقات مەبلىغى بىلەن قوللاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئاساسلىرىنىڭ بىرى قىلىشى ھەمدە پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشتا ئۈنۈمى گەۋدىلىك بولغان ئالاقىدار ئورۇن ۋە خادىملارنى پەن تەتقىقات مەبلىغى بىلەن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇنۋان باھالاش، ئىش ئورنىنى باشقۇرۇش ۋە باھالاش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشى، كىرىم تەقسىماتى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش، چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر