ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش ساقچىلىرى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى

مۇخبىرىمىز گۈلمىرە مۇھەممەد

2017.08.19 21:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتى 8- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم يول بۆلەكلىرىدە قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ يول يۈرىدىغان توكسىكلىتلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ يول بۆلەكلىرىدە تاماق يەتكۈزۈش، مال توشۇش قاتارلىق تېز يەتكۈزۈش ئورۇنلىرىدىكى خادىملارنىڭ توكسىكلىت ھەيدىگەندە قىزىل چىراغتىن بۆسۈپ ئۆتۈش، تەتۈر يۆنىلىشتە يول يۈرۈش، بەلگىلەنگەن يول بۆلىكىدە ماڭماسلىق قاتارلىق قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ، تەرتىپكە سېلىپ، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ يول يۈرۈش قىلمىشىدىن 197نى بىر تەرەپ قىلدى.

  ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10دىن 10مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئالتاي يولىنىڭ غەربىي شىمال يولى بۆلىكىدە قىزىل، سېرىق جىلىتكە كىيگەن توكسىكلىتلىق تاماق توشۇغۇچىلار، مال توشۇغۇچىلارنى ئۇچراتتىم. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پىيادىلەر يولىدا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن كېسىپ ئۆتسە، بەزىلىرى ئاپتوموبىللار بىلەن يول تالىشىپ ماڭاتتى، يەنە بەزىلىرى بولسا تېلېفوندا پاراڭلاشقاچ كېتىۋاتاتتى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى دوستلۇق يولى قاراماي شەرقىي كوچىسىدا بىر توكسىكلىت يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن سول تەرىپىگە قىستىلىپ كىرىپ ئايلانماقچى بولدى. بۇ چاغدا يولدا ئاپتوموبىل ناھايىتى كۆپ بولۇپ، شوپۇرلار تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بۇ توكسىكلىتنى سوقۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا سىگنال بەردى. بۇنى كۆرگەن قاتناش ساقچىسى دەرھال توكسىكلىتنى توستى.

  − توكسىكلىتىڭىزنى يولنىڭ چېتىگە توختىتىڭ.

  − ساقچى يولداش، مەن تاماق توشۇۋاتقان، يەنە كېلىپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلمىدىم، مانا قاراڭ نومۇر تاختاممۇ بار، − دېدى تېز يەتكۈزگۈچى خادىم ئۆتۈنگەن تەلەپپۇزدا.

  − توكسىكلىتنىڭ يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە يۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلمەمسىز؟ سىز بايا شۇنچە كۆپ ئاپتوموبىلنىڭ ئارىسىدىن قىستىلىپ چىقىپ يولنىڭ سول تەرىپىگە ئۆتتىڭىز، بۇنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئۇقمامسىز؟ − قاتناش ساقچىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان توشۇغۇچى خادىم خاتالىقىنى تونۇپ قايىل بولدى.

  − موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى مەخسۇس يولى بار يول بۆلەكلىرىدە موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى چوقۇم مەخسۇس يولدا يۈرۈشى، مەخسۇس يول يوق يول بۆلەكلىرىدە يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە يۈرۈشى لازىم. شۇڭا سىزگە «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»غا ئاساسەن 30 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى، − قاتناش ساقچىسى لى چى جەرىمانە تالونىنى تېز يەتكۈزۈش خادىمىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

  تاماق توشۇغۇچى خادىم پاڭ فېڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى تاماقنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن قاتناش قائىدىسىگە ئانچە ئېرەن قىلماپتىكەنمەن، ئەمدى ئويلاپ باقسام بۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغىنىم ئىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم دىققەت قىلىمەن.

  12 يىللىق شوپۇرلۇق ئىستاژىغا ئىگە تاكسى شوپۇرى ساتتار زايىت مۇنداق دېدى: «تېز يەتكۈزۈش خادىملىرى ئۆزىنىڭ قولايلىقىنى ئويلاپ خالىغانچە يول ئۆزگەرتىپ مېڭىپ، بىزنىڭ نورمال يول يۈرۈشىمىزگە نۇرغۇن قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتىنىڭ بۇ مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى ھەقىقەتەن كۆڭلىمىزدىكىدەك ئىش بوپتۇ. مېنىڭچە ھەربىر قاتناش ئىشتىراكچىسىنىڭ قائىدىلىك يول يۈرۈشى مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى».

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتى تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى قاتناش ساقچىسى يالقۇن ياسىن بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۈگۈندىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتى ئۈچ چوڭ تۈر بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. بىرى، تېز يەتكۈزۈش خادىملىرىنىڭ تەتۈر يۆنىلىشتە يول يۈرۈش، قىزىل چىراغتىن بۆسۈپ ئۆتۈش قاتارلىق قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرىغا جەرىمانە قويۇش بىلەن بىللە، ئۇلارنى يوللاردا قاتناش ساقچىلىرى بىلەن بىللە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا تەشكىللەپ، ئۆزلىرى سادىر قىلغانغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، شەھەر ئىچىدە ئېغىر- يېنىك تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە چەك قويۇپ، بۇ ئاپتوموبىللار قويۇپ بەرگەن كېرەكسىز گازنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشى، شاۋقۇن- سۈرەننىڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدەك قىلمىشلارنى تۈزەيمىز. يەنە بىرى، ئۆز ئالدىغا سىرتقى ھالىتىنى ئۆزگەرتكەن ئاپتوموبىللارنىمۇ ئالاھىدە تۈزەشنى كۈچەيتىمىز. ناۋادا ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى ھالىتىنى %08تىن ئاشۇرۇپ ئۆزگەرتكەن ئەھۋال بايقالسا، ئاپتوموبىلنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىپ، شوپۇرلارنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ ئەسلىي ھالىتىگە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيمىز. شەھەر ئاھالىلىرى يۇقىرىقىدەك قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ئۇچراتسا، سۈرەتكە تارتىپ قاتناش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتىنىڭ ئۈندىدار سالونىغا ئەۋەتىپ، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ».
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز